چىنتۈرك مۇنبىرى

جەمئىي مىكروبلوگ 1464 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 406|ئىنكاس: 5

مەيلى باققىن چىمەنىمدە قوي (مۇشائىرە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-11-29 23:11:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
مەيلى باققىن چىمەنىمدە قوي
ھۆرىيەت مۇھەممەدنىڭ ‹‹ چىمەنىڭدە قوي باقاي بىردەم›› ناملىق شېئىرىغا مۇشائىرە

چىمەنىڭدە قوي باقاي بىر دەم


ھۆرىيەت  مۇھەممەد

دۈنيا ئوتلۇق نەي چالغان بالا
ئارقسىدىن قالسەن قاراپ .
چىمەنىڭدە قوي باقاي بىردەم
شاماللاردەك لېۋىڭگە تاراپ .

ئېقىتىپ قوي بىر تال چېچىڭنى
باغرىمدىكى ئۇلۇغ ئېقىندا .
گۈل رەڭگىدە ئېچىلدى كېچەم
زارىقمىسۇن بۇلبۇل بېغىڭدا .

كۆينەك كېيدىم ياماق كۆڭلۇڭدە
جۈل-جۈل بولدى تاشنىڭ ھەسرىتى .
ئاق ئۈجمىلەر تۆكۈلگەن باھار
يۈرىكىمگە قويار بېشىنى .

پاتتى ماڭا قوياشنىڭ دەردى
ئاسمان بولاي كەلگەن دىلبىرىم .
يامغۇر بولۇپ تۆكۈلسەم ئەگەر
كۆكلەپ چىقار باغرىڭدىن قەدرىم .

2015ـ يىلى 13ـ ماي

مەيلى باققىن چىمەنىمدە قوي...

نۇرمۇھەممەد خېلىل ۋولقانى

مەيلى باققىن چىمەنىمدە قوي،
شاماللاردەك لېۋىمگە تاراپ.
ھىجرانىڭدا مۇڭلانغان قەلبىم،
ئىچىۋالسۇن ۋەسلىڭدىن شاراپ.

بىر تال چېچىم مەجنۇنتال بولۇپ،
ئېقىنىڭدا ئاققىلى نېكەم.
بۇلبۇل بولۇپ كىرگىن بېغىمغا،
چوغ رەڭگىدە ئېچىلدىم ئەركەم.

ياماق چۈشكەن كۆڭلۈم پەرىشان،
سەن كەيگەندە ئۇنىڭدىن كۆينەك.
ئاق ئۈجمىدەك چۈشسەڭ باغرىمغا،
رەشىك قىلار تۈمەنمىڭ يۈرەك.
.
قۇياشنىڭمۇ دەردى بار بىلسەڭ،
چۈنكى ئايغا ئاشىق يۇلتۇزمۇ.
كۆكلەپ تۇرغىن تال-تال نۇر بولۇپ،
مەنمۇ ساڭا ئوخشاش يالغۇزغۇ...
2015.5.13



چىنتۈرك مۇنبىرى-بىلدۈرگۈسى!1.مەزكۇر تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئىش بولسا بىۋاستە ئىنكاس قالدۇرسىڭىز بولىدۇ.2.چىنتۈرك مۇنبىرىدىكى تېمىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىجادى تېمىلار بولۇپ،مۇنبىرىمىزگە تەۋەدۇر.كۆچۈرۈپ باشقا بىكەت ۋە ئۈندىدارغا يوللىماقچى بولسىڭىز چوقۇم مۇنبەر مەسئۇلىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشىڭىز لازىم. 3.ئەگەرمۇنبىرىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ باشقا تارقىتىش ۋاستىلىرىدا تارقىتىپ قويۇپ ئاپتورلۇق ھوقۇقى مەسىلىسى كېلىپ چىقسا بارلىق ئاقىۋەتكە كۆچۈرۈپ يوللىغۇچى مەسئۇل بولىدۇ. ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت. چىنتۈرك مۇنبىرى باشقۇرۇش ھەيئېتى.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-12-1 09:12:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قايناڭ دەردى بار باللا


ۋاقتى: 2015-12-1 11:41:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھوزۇرلاندىم. ئامەتلىك بولۇڭلار.


ۋاقتى: 2015-12-8 19:06:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   HOJAKABIZ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-8 19:10  

ماۋۇ مۇشائىرە قاملىشىپتۇ. خۇددى ئالدىن دېيىشىۋالغاندەك...

ئەمما كېيىنكىسىنىڭ " مەنمۇ ساڭا ئوخشاش يالغۇزغۇ... " دېگىنى يالغان!!!


ۋاقتى: 2015-12-11 01:11:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇ مۇشائىرە ئوبدان قاملىشىپتۇ،داۋامى يوقمىكىنا...؟


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-22 21:45:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
HOJAKABIZ يوللىغان ۋاقتى  2015-12-8 19:06
ماۋۇ مۇشائىرە قاملىشىپتۇ. خۇددى ئالدىن دېيىشىۋالغاندە ...

ئۇستازنىڭ يامانلىقىنى. يەنە بىلىۋاپتۇ


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

زالىمنى يەر بىلەن تەڭ كۆر(موللا بىلال نازىمى)

چىنتۈرك مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

چىنتۈرك مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار،ئۈندىدار سالونلاردا تارقاتقانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۈندىدار ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە چىنتۈرك مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، چىنتۈرك مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ. چىنتۈرك مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش ئالاقىلشىڭ QQ توپلىرى

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|新ICP备11003671号|چىنتۈرك مۇنبىرى

GMT+8, 2016-4-1 06:35 , Processed in 0.845875 second(s), 29 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش