يار ھەققىدە ئىككى غەزەل
غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد
يارنىڭ بۇلاقتەك كۆزلىرى
يار، كۆزۈڭنىڭ ئەينىكىدىن ساقىغان ئاسمانمىدۇ؟
ياندۇرۇپ بىر جۈپ چىراغنى پۈۋلىگەن سۇبھانمىدۇ؟
خۇددى دەريادەك دېڭىزدا قاغجىراپ ئاققان ئۆلۈك،
ياكى خىلۋەت بىر بۇلاقتىن يامرىغان ئوكيانمىدۇ؟
قاپقارا ئىشىق زۇلمىتىدە بىر قەلەم پەرياد ئېتەر،
ئاھ، ئۇنىڭكى نالىسىدىن ياڭرىغان داستانمىدۇ؟
يىرتىلىپ كەتكەن ئەجەلنىڭ ۋارىقى خۇددى ھايات،
ئاندىكى جانلارنى جانان قىلغۇچى ئىسيانمىدۇ؟
بىر بېقىپ ئالدىڭ جېنىمنى، ئىككى باققاندا، نىتەي،
ئاھ، مېنىڭ بۇندا تىرىك يۈرگەنلىرىم يالغانمىدۇ؟
كۆزلىرىڭ چايقاپ قەدەھنى بولدى مەست دەريا، دېڭىز،
كۆز يېشىڭ چىللاپ سەھەرنى چاقنىغان چولپانمىدۇ؟
كۆز- كۆڭۈلنىڭ ئەينىكى دەرلەر ئىشىق ئەھلى ھامان،
ئۇندا كىم ئىزدەپ ئۆزىنى بىر ئۆمۈر سەرسانمىدۇ؟
يارنىڭ جىنەستىدەك لەۋلىرى
لەۋلەرىنىڭ كاسەسىدىن مەي ئىچەي ئارمان بىلەن،
مەستۇ- مۇستەغرەق كېتەي يار يانىدىن خەندان بىلەن.
غۇنچەسىن ئاچىلدۇراي نەپسىم ئىلە جان چىققۇچە،
گۈل ئۈزەي نازۇك بېغىدىن لالەيۇ- رەيھان بىلەن.
مەي نېمە، بىر سۆيمىسە؟ يار لەۋلىرى ئابى ناۋات،
نە ناۋات، ئاندىن شىرىندۇر بۇ ئۆلۈم ھەر جان بىلەن.
لەززەتى بىھۇش، چىرايلىق ئاھ جىنەستە باغلىرى،
شىرنىسى ئاقسۇن جېنىمغا تولغىنىپ خەندان بىلەن.
ئاقسا قان ئاھ، لەختە- لەختە قىپقىزىل دەريا بولۇپ،
قان ئىلە جاننى يۇيۇپ مەن نۇرلىناي ئارمان بىلەن.
قەبرىگاھ ئەتسە كىپىنەكلەر بۇ يار گۈلزارىنى،
ئىشقىدىن پەرياد ئۇرۇپ مەن ياش تۆكەي مارجان بىلەن.
ئەي غوجى يارنىڭ لېۋىدىن ئىچ شاراب، مەستلىكتە سەن
قىل ئاۋات سۆيگۈ بېغىنى جەننەتۇل رىزۋان بىلەن.
كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ ، ئەسەر ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىڭ.