چىنتۈرك مۇنبىرى

جەمئىي مىكروبلوگ 1467 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 89|ئىنكاس: 0

ئا.جالالىدىن: يىللار نېمىسى بىلەن يېڭى؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
pasan




ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ يېڭى يىللىق سوۋغىسى

يىللار نېمىسى بىلەن يېڭى ؟


بىزنىڭ پۇراش سېزىمىمىز ھەرقانداق چىرايلىق گۈلدەستىدىن قەدىمىدۇر، لېكىن، گۈلدەستە بىر ئېسىل مەدەنىيەت سۈپىتىدە نەزەرگە ئېلىندى، پۇراش سېزىمى ئۇنتۇلدى.
گۈل بەرگەنلەرگە ھەشقاللا ئېيتىلدى، پۇراش سېزىمىنى كىمنىڭ بەرگەنلىكى ھېچكىمنىڭ ئېسىگە كەلمىدى. كېسەللەرخانىسى گۈل بىلەن توشقۇزۇلدى. گۈلدەستە تەسەللىي، جاھانسازلىق ۋە ساختىلىققا شاھىد بولۇپ، ئۇنىڭ پۇراقسىز جامالى دوختۇرخانىنىڭ ئۆلۈمدەك ئاپئاق تاملىرىغا جۇلا كىرگۈزەلمىدى.
گۈل تاماخور قەلبنىڭ نومۇسىغا يېپىنچا بولغاندا، بىز ئۇنى ئاۋات شەھەرنىڭ بىباھا مەدەنىيىتىگە ئايلاندۇرۋالدۇق.
ئاشىقلار بايرىمىدا گۈل سودىسى قىزىپ كەتتى.گۈل سودا بۇيۇمىغا ئايلانغاندا، گۈلمۇ ئۆلۈپ كەتتى. مەن ئەقىدە باغلىغان گۈزەلىمگە ئۆز قولۇم بىلەن گۈل تېرىپ، ئەجىر-مېھنىتىمدىن كەلگەن بىرتال گۈلنى تەڭلىگەن ئىدىم، ئۇنى بازاردىكى گۈل بىلەن ئوخشاش ھېسسىياتتا قوبۇل قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئەقىدىنى سىغدۇرىدىغان ۋەتەن قالماپتۇ، دەپ ئىشەندىم.
مەندە بولغانمىغان ئاخىرقى بىر تۇپراق بار ئىدى. نۇرغۇن ئادەملەر زاۋۇت سالىمەن دەپ، دېۋەيلەپ تۇرۇشۇپتۇ. بۇ مۇھەببەتنى مەھسۇلاتلاشتۇرىدىغان زاۋۇتقۇ دەيمەن.

مۇھەببەت ئۈزۈكتىنمۇ قەدىمىي نەرسە ئىدى،
مۇھەببەت ئەتىردىنمۇ خۇشپۇراق نەرسە ئىدى.
مۇھەببەت ماشىنىدىنمۇ قاتتىق نەرسە ئىدى،
لېكىن مۇھەببەت ئۆزىنى بىۋاسىتە چۈشەندۈرۈشكە قادىر بولالمىدى. كىشىلەر مۇھەببەت دەپ چۇقان سېلىشتى، لېكىن مۇھەببەتنىڭ ئۆزىدىن قۇرۇق قېلىشتى.
كۆز يېشى كىتاب ۋە ناخشىلاردىنمۇ قەدىمىي نەرسە ئىدى. كىتابلار ۋە پىلاستىنكىلار ھەشەمەتلىك قەسىرلەرگە تىزىپ قويۇلدى. كۆز يېشى ئەڭ خىلۋەت ماكاندا ئۆزىنىڭ چىنلىقىنى ساقلاپ قېلىۋەردى. كۆز يېشىنى بازاردىن تاپقىلى بولمايدۇ، خۇددى ئىنساننى بازاردىن تاپقىلى بولمىغاندەكلا.
ئۈندىدارغا قاراڭلار، يۈرەكلەر توپ تارقىتىلماقتا، كىلونلانغان يۈرەكلەر چەكسىز كۆپىيىش قۇدرىتىگە ئىگە. ئەمما، ئاچقان يەرنى تولدۇرىدىغان تۈزۈك يۈرەك يوق، ئادەملەرنىڭ بىر-بىرىگە بېرىۋاتقىنى كوپىيە.
رەستىلەردە، ئاپتوبۇسلاردا كىشىلەرنىڭ قولىدا تېلېفون، ئۈندىدارلاردا يۈرەك ۋە گۈلدەستىلەر جىلۋە قىلىدۇ، كۆزلەر ئېكراندا، بالىلار ئىمتىھاندا، مانا بۇ ئۇچۇر دەۋرىدىكى ئىنسانلارنىڭ ئىبادىتى.
ئۇچار ئېكرانلاردىن ئېكرانلارغا ئۇلۇغ سۆزلەر، لېكىن، ئۇلۇغلۇقنىڭ ئۆزىنى كۆرىدىغان كۆزلەر خىرەلەشكەن. ئۇلۇغلۇق دېكابىردىكى ئاپئاق قارلاردەك ھايال ئۆتمەيلا قارىداپ كېتىدۇ.
ئانىلار بايرىمى
ئاياللار بايرىمى
ئاتىلار بايرىمى
ئاشىقلار بايرىمى...
... ... ...
قېنى سەن، ئەي، ئىنسانىيەت بايرىمى!؟
قېنى سەن، ئەي، تۆۋبە بايرىمى!؟
قېنى سەن، ئەي، شېئىرىيەت بايرىمى!؟
ياشاش ئۈچۈن ساناقسىز ئانكىتلارنى تولدۇردۇم، ئۆزۈم بارغانسېرى پۈچەكلىشىپ كەتتىم.
مەن بارلىق بايراملارنى كىشىلەرگە بېرىۋېتىپ، يالغۇزلۇقنى ئېلىپ قالاي دەۋاتىمەن. چۈنكى، بۇ يالغۇزلۇقتا، مەن ئۆزۈمگە قايتالايمەن. كىشىلەر چۈشىنەلمەيدىغان ئازابلىرىمنىڭ قات-قاتلىرىدا ئىچىمدىكى ئۆزۈمنىڭ ھاياتىنى سۈرۈپ، ئاشۇ ھاياتنىڭ كۆزلىرىدە تاشقى ھاياتىمنى يېتەرلىك مەسخىرە قىلىۋالسام دەيمەن.
كەل، ئەي دىلبەر، ئىككىمىز چۈشىنىكسىز قالغان تەنھالىقىمدا كۆرۈشەيلى. دەل شۇ يەردە، سەن-مەن، مەن-سەن.
تىۋىشلىرىمنى كۈتۈپ تۇرغان ئالا بويۇن مۈشۈكۈمنىڭ يۇمران مويلىرىنى سىيلىسام ساختىلىقلارنى ئۇنتۇلدۇرالايدۇ.
كونا يىل تۈگەپ، يېڭى يىل كىرىش ئالدىدا ئۆلۈمىمگە قاراپ كېتىۋاتقانلىقىمنى مۇشۇنداق كۈنلەردە روشەن ھېس قىلىمەن. ئۆلۈم رەت قىلغىلى بولمايدىغان سوغۇق چىنلىق.
مەندە ھېچنېمە بولغىنى يوق، ئىدىيەم يەنىلا بۇرۇنقى ئىدىيە، بەلكىم، يېڭى يىل كەلسىمۇ 14-قەۋەتتىكى ئۆيۈمدىن لىفىت ئارقىلىق چۈشىمەن. يەنىلا ئايروپىلان دېگەن ۋاقىتتا قوزغىلالمايدۇ، يەنىلا ساقالنىڭ ھۆرمىتىگە ئارتۇق غىزا يەپ قاندىكى ماي تەركىبىم ئۆرلەپ كېتىدۇ. ۋاقىتلىرىم مۇراسىملارنىڭ شۆلگەيلىرىدە غايىب بولۇپ كېتىدۇ. يەنىلا ھەممە يەردە ئۆزۈمنى ئىزاھلاپ ياشايمەن.
مۇشۇ قۇرلارنى يېزىۋىتىپ، بىراز تۇرۇۋالدىم. ئېسىمگە ۋىرگىنىيە ۋولفنىڭ «ماياكقا بېرىش» دېگەن ماۋزۇسى كېلىۋالدى. ھايات مەنا ئىزدەش سەپىرى، ئاشۇ سەپەرنىڭ ئاداققى پەللىسىدە ماياك، مەنا ۋە ئۆلۈم دېگەن نەرسىلەر گىرەلىشىپ كەتكەن ئىدى. مەن مۇشۇلارنى ئويلاۋاتقاندا ۋىرگىنىيە ۋولف ئاپئاق چاچلىرىمنى قەلەم تۇتقان قوللىرى بىلەن سىلاپ قويۇپ، مۇنۇلارنى دېدى:
«ھاياتنىڭ مەنىسى نېمە؟ ئۇ ناھايىتى ئاددىي بولۇپ،ئۇ يىللارنىڭ ئۆتىشى بىلەن ساڭا يېقىنلاۋاتقان مەسىلە. شۇنچە يىللار ئۆتتى، ۋەھىي كۆرۈلمىدى. بەلكىم، بۇ ۋەھىي مەڭگۈ يۈز بەرمەسلىكى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئورنىدا كۆرىلىۋاتقىنى كىچىككىنە مۆجىزە، كىچىككىنە رىغبەت».
بانكىنىڭ پەلەمپىيىدىن، پاي چېكى بازىرىدىن، رەھبەرلەرنىڭ تەبەسسۇمىدىن مۆجىزە كۈتۈۋاتقان ئىنسانلارنىڭ بايرىمى قاچان بولىدۇ، بۇلارنى ئۇلارنىڭ ئۆزى بىلىدۇ.
سەھەر ئويغاندىم، ماڭا بىر كۈنلۈك يېڭى ھايات سوۋغا قىلىندى. مەن بۇ كۈندە زەررەڭ ئاپتاپلارنى، ئېگىز، سىرلىق ئاسماننى، ئۆزۈم سۆيگەن نەرسىلىرىم ۋە ئادەملىرىمنى كۆرەلىدىم، تەشتەكتىكى گۈللەرنىڭ نازۇك يوپۇرمىقىغا مەڭزىمنى تەگكۈزۈپ غىدىقلىيالىدىم.
مانا بۇ مېنىڭ بايرىمىم، مانا بۇ مېنىڭ مۆجىزەم.
مانا بۇ مېنىڭ ياشىيالمىغان يەنە بىر ھاياتىمنىڭ خاتىرىسى
.

  
مەرىپەت ئوغلى يانبىلوگىدىن يوللاندى

چىنتۈرك مۇنبىرى-بىلدۈرگۈسى!1.مەزكۇر تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئىش بولسا بىۋاستە ئىنكاس قالدۇرسىڭىز بولىدۇ.2.چىنتۈرك مۇنبىرىدىكى تېمىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىجادى تېمىلار بولۇپ،مۇنبىرىمىزگە تەۋەدۇر.كۆچۈرۈپ باشقا بىكەت ۋە ئۈندىدارغا يوللىماقچى بولسىڭىز چوقۇم مۇنبەر مەسئۇلىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشىڭىز لازىم. 3.ئەگەرمۇنبىرىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ باشقا تارقىتىش ۋاستىلىرىدا تارقىتىپ قويۇپ ئاپتورلۇق ھوقۇقى مەسىلىسى كېلىپ چىقسا بارلىق ئاقىۋەتكە كۆچۈرۈپ يوللىغۇچى مەسئۇل بولىدۇ. ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت. چىنتۈرك مۇنبىرى باشقۇرۇش ھەيئېتى.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

زالىمنى يەر بىلەن تەڭ كۆر(موللا بىلال نازىمى)

چىنتۈرك مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

چىنتۈرك مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار،ئۈندىدار سالونلاردا تارقاتقانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۈندىدار ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە چىنتۈرك مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، چىنتۈرك مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ. چىنتۈرك مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش ئالاقىلشىڭ QQ توپلىرى

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|新ICP备11003671号|چىنتۈرك مۇنبىرى

GMT+8, 2016-4-5 07:20 , Processed in 0.156697 second(s), 29 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش