چىنتۈرك مۇنبىرى

جەمئىي مىكروبلوگ 1467 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 105|ئىنكاس: 0

ئا. جالالىدىن : ئاياللار ۋە بوسوغا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
pasan
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   maripatogli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-3-9 02:22  




ئاياللار ۋە بوسوغا

ئابدۇقادىر جالالىدىن


تىجارەت ، مائارىپ ، مەدەنىيەت ئىشلىرى مەھەللە ، رايون ۋە دۆلەت چېگرىلىرىدىن ھالقىپ دۇنياۋى مىقيادا گىرەلىشىپ كەتكەن بۈگۈنكى كۈندە ، بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ياشلىرى دۇنيانىڭ داڭلىق مائارىپ ، مەدەنىيەت مەركەزلىرىدە ئىلىم تەھسىل قىلىشقا باشلىدى . ئۇلارنىڭ ناھايىتى ئاز بىر قىسمى ئۆزلىرىنىڭ نەزىرىدىكى چەتئەللەرنىڭ تۇرمۇشىنى قەلەمگە ئېلىپ ، ئانا ۋەتىنىدىكى يېڭىلىققا تەشنا خەلقنى تۈلۈك ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەشكە باشلىدى . تەسەۋۋۇر ۋە ئىنتىلىشلەر ئاساسىدا قۇرۇپ چىقىلغان يات ئىقلىملار بارغانسېرى رېئال تۈس ئېلىشقا باشلىدى .
بۈگۈنكى ئۇيغۇر ياشلىرى دۇنيانى چۈشىنىش ، تەتقىق قىلىش ۋە قۇرۇپ چىقىشقا ئۆزلىرىنىڭمۇ نىسىۋېسى بارلىقىنى ھېس قىلىشقا باشلىدى . بۇنداقلار كۆپەيگەندە ، ئۆزىنىڭ ئانا خەلقىنىڭ ئېھتىياجىنى ھەقىقىي تونۇپ ، خەلقنىڭ قەدىر - قىممىتى ئۈچۈن كۆيۈپ يانىدىغان ئەقىدىلىك ياشلارمۇ ئوتتۇرىغا چىقىدۇ ، ئەلۋەتتە .
شۇنداق ، يەر شارىدا بىزمۇ بار ، شۇنداق ئىكەن ، قەدىر - قىممەت ، شان - شەرەپ مۇنبەرلىرىدە بىزمۇ بولىشىمىز كېرەك . بىر قىسىم ئەقىدىلىك ياشلارنىڭ دۇنيانى كۆرۈپ يازغان ساياھەتنامىلىرىدە مۇشۇنداق ئىستەك بار .
بىزنى يېڭى بىر كىملىكنىڭ بايقىلىشى كۈتۈپ تۇرىدۇ . بىز ئۇنى تاپقاندا ، ھەقىقىي ئۆزىمىزگە ئايلىنالايمىز . ساياھەتنامىلەردىن قىز - ئاياللار يازغان بەزى ساياھەتنامىلەر كىشىلەرنى جەلپ قىلدى . ئاياللار ئايرىم تەرەپلەردە ئىنچىكە ھەم سەزگۈر كېلىدۇ ، شۇنداقلا خېلىلا رومانتىك كېلىدۇ . ئارزۇ - ئارمانلار بىلەن سۇغىرىلغان يۇمران خاتىرىلەر قېلىپلىشىپ كەتكەن قاھشال ، بىمەززە گەپلەردىن تويۇپ كەتكەن قەلبلەرنى سۆيۈندۈرمەي قالامدۇ ؟ ئايال ئوقۇرمەنلەر بۇنداق ئەسەرلەرگە خېلىلا ھېرىسمەن كېلىدۇ .
تېز سۈرئەتتە شەھەرلىشىش ئۇيغۇرلارنىڭ ئەخلاقىي قاراشلىرىنى شىددەت بىلەن ئۆزگەرتىۋاتىدۇ ، بازار ئىگىلىكى ئەمەلىي مەنپەئەتتىن باشقىنى نەزەرگە ئالمايدىغان قىلىۋەتتى . ئەنئەنىۋى ئىگىلىك شەكىللىرى خىرىسقا ئۇچراپ ، ئىگىلىك ئەھلىنىڭ ئائىلىۋى تۇرمۇشىدىكى نورمال تەرتىپنى بىتچىت قىلىۋەتتى . ئەرلەر ئىش ئىزدەپ ياقا - يۇرتلارغا چىقىپ كەتتى ، ئۆيدە ئولتۇرۇشقا تاقىتى قالمىغان ئاياللارمۇ سودا قىلىش ئۈچۈن بوسۇغىدىن چىقىشتى . ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئائىلە ھاياتىنىڭ بىرلىكىمۇ بىتچىت بولۇپ ، ئەر ، ئايالنى باقىدىغان ، ئائىلە پەرزەنتلەرنى باقىدىغان قۇرۇلما لىڭشىپ قالدى . ئەرلەرنىڭ سۆلىتىمۇ بۇرۇنقىدەك ھەيۋەتلىك بولماي قالدى . ئۇلارنىڭ نوپۇزى ساقال - بۇرۇتىنى پەش قىلاي دىسە ، ئۇنىڭمۇ تايىنى قالمىدى . چۈنكى ساقال بىلەن بۇرۇت مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچ بىلەن بىرلەشمىسە ، ئۇ پەقەت تۈكتىنلا ئىبارەت .
ئاياللارنىڭ بوسۇغىدىن چىقىپ كېتىشى بىزگە نۇرغۇن ئاقىۋەتنى ئېلىپ كەلدى ، بالىلارنىڭ تەربىيەلىنىشى باشقىلارنىڭ قولىغا قالدى . تەلىم - تەربىيە ئىشىنى بىر خىل ئەقىدە ئىشى دەپ قارىماي زىيادە تاۋارلاشتۇرىۋەتتۇق . مائارىپنى پەقەت ئىمتىھاندىن ئۆتۈش ئىشى دەپلا قالدۇق . بالىلىرىمىزمۇ ئاتا - ئانىلارنىڭ مېھىر سۈيىگە تۈزۈك قانمايدىغان بولۇپ قالدى . ئۇلار خۇددى ئانىسىنى بىلماي چۇكۇلداپ يۈرۈشكەن توك چۈجىسىگە ئوخشاپ قالدى . ئائىلە تەربىيىسى دىگەنلەرنى باشقىلارغا ھاۋالە قىلىپ ، ئانىلار خىزمەت ھەلەكچىلىكىدە قالدى .
<<ئەرلەر ئۆينىڭ تۈۋرىكى !>> مېنىڭچە بۇ گەپ ناھايىتى توغرا ، ئەمما بۇ گەپنىڭ سەلتەنىتىگە دەز كەتتى، شۇنىڭ بىلەن ئاياللارنىڭ يۈرىكىگىمۇ دەز كەتتى . چۈنكى ئاياللار مەزمۇت ئەرلەردىن مۇستەسنا ھالدا ئۆزلىرىنىڭ ئاياللىقىنى يوقىتىپ سەرسان بولۇپ كېتىدۇ ، ئۇلار قەيسەر ئەرلەنىڭ سايىسىدە ياشايدىغان سۇمبۇللار .
بىزنىڭ ئاياللىرىمىز بوسۇغىنىڭ ئىچىدىكى قىممەت بىلەن بوسۇغىنىڭ تېشىدىكى قىممەتنى سېلىشتۇرۇپ كۆرمىسە يەرگە كەلدى . ئوقىغان ئاياللىرىمىزنىڭ ئىنكاسىدىن قارىغاندا ، ئائىلە ئىنتايىن مۇھىم ، ئايالغا خاس تەكەممۇللۇقنىڭ كاپالىتى ئائىلىدە . ئۇلار بۇنى نەچچە يىللىق مۇساپىرلىقنىڭ ئىزغىرىن شاماللىرىدا تونۇپ يەتكەن . بىراق بۇنداق سادالار تازا ئومۇملىشىپ كېتەلمىدى . سەۋەبى ، بىز ئائىلىنىڭ مۇقەددەسلىكىنى بىلمىگەن خەلق ، ئۈزۈل - كېسىل چۈشكۈنلەشكەن خەلق .
ئوقىۋاتقان قىزلىرىمىزنىڭ كۆپىيىشى كىشىنى خوشال قىلىدۇ ، بىراق ئانىلىققا سەل قارىشى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ . بىزدە ئانىلىقنىڭ ئىللىق ھەم تاتلىق مەۋسۈمىدىن خەۋەرسىز ھالدا سۇلۇپ كەتكەن گۈزەل قىزلار ئاز ئەمەس . ئۇلارنىڭ لاتاپىتى چارچىغان يىگىتلەرنىڭ تەسەللىسىگە ئايلانسا ، ساغلام بالىلارنىڭ خۇش ھاۋالىق باغچىسىغا ئايلانسا نەقەدەر ياخشى بولاتتى - ھە
تەدبىردىن خالى ھالدىكى ئارزۇ پەقەتلا بىر خىل ئاجىزلىق .
ئەي گۈزەل ئۇيغۇر قىزلىرى ، ئوقۇڭلار ، بىپايان جاھاننى چۈشىنىڭلار ، لېكىن ئۆزۈڭلارنڭ ئانا بولىدىغانلىقىڭلارنى ئۇنتۇپ قالماڭلار !
بۇرۇن بىر باتۇر يىگىت ئۆزىنڭ شىرمەتلىكى بىلەن بىر شەھەرنى قوغداپ قاپتۇ . ئۇ جەڭدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن پادىشاھ ئۇنىڭغا : " مۇنداق ئۈچ نەرسىدىن بىرنى تاللىساڭ ، تەڭرى ئۇنى ساڭا ئىنئام قىلغۇسى : ئۇلار ئەقىل ، گۈزەللىك ، شەرم - ھايالاردۇر " دەپتۇ . باتۇر يىگىت ئازراق ئويلانغاندىن كېيىن : " ماڭا ئايال كېرەك " دەپتۇ . پادىشاھ ھەيران بولۇپ تۇرۇپ قاپتۇ . يىگىت :" ماڭا سىلى ئېيتقان ئۈچ نەرسىنى ئۆزىدە مۇجەسسەم قىلغان ئايال كېرەك " دەپ سۆزىنى تولۇقلاپتۇ . پادىشاھ قايىل بوپتۇ .
باتۇرلۇق ھەرگىزمۇ قارام كۈچ ئەمەس . بەلكى ئەقىل - پاراسەت بىلەن كۈچنىڭ بىرلىگى . ئەقىل ، گۈزەللىك ۋە شەرم - ھايانى ئۆزىگە جەم قىلغان ئايالنىڭ پۇشتىدىن يەنىلا باتۇر تۇغۇلىدۇ . ئۇ مەيلى قىز ياكى ئوغۇل تۈغسۇن ، بۇنداق ئانلاردىن قەيسەر ئەۋلادلار يېتىشىپ چىقىدۇ . بۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا مۇكەممەل ئاياللىق دۇنياسىغا كىممۇ سەل قارىيالىسۇن . ئاياللارنىڭ قۇدىرىتى دەل ئەنە شۇ يەردە .



ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ << يۈزىمىز ، ئۆزىمىز ۋە كۆزىمىز >>ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى .
مەرىپەت ئوغلى يانبىلوگىدىن يوللاندى.



چىنتۈرك مۇنبىرى-بىلدۈرگۈسى!1.مەزكۇر تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئىش بولسا بىۋاستە ئىنكاس قالدۇرسىڭىز بولىدۇ.2.چىنتۈرك مۇنبىرىدىكى تېمىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىجادى تېمىلار بولۇپ،مۇنبىرىمىزگە تەۋەدۇر.كۆچۈرۈپ باشقا بىكەت ۋە ئۈندىدارغا يوللىماقچى بولسىڭىز چوقۇم مۇنبەر مەسئۇلىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشىڭىز لازىم. 3.ئەگەرمۇنبىرىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ باشقا تارقىتىش ۋاستىلىرىدا تارقىتىپ قويۇپ ئاپتورلۇق ھوقۇقى مەسىلىسى كېلىپ چىقسا بارلىق ئاقىۋەتكە كۆچۈرۈپ يوللىغۇچى مەسئۇل بولىدۇ. ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت. چىنتۈرك مۇنبىرى باشقۇرۇش ھەيئېتى.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ھەقىقەت يولىدىكى سەپەرگە يول خېتى كېرەك ئەمەس.(جولئوت)

چىنتۈرك مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

چىنتۈرك مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار،ئۈندىدار سالونلاردا تارقاتقانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۈندىدار ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە چىنتۈرك مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، چىنتۈرك مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ. چىنتۈرك مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش ئالاقىلشىڭ QQ توپلىرى

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|新ICP备11003671号|چىنتۈرك مۇنبىرى

GMT+8, 2016-4-5 07:07 , Processed in 0.245841 second(s), 29 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش