چىنتۈرك مۇنبىرى

كۆرۈش: 526|ئىنكاس: 0

روزى سايىت : نورۇزنامە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
pasan
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   maripatogli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-3-21 22:02  

00000.jpg

نورۇزنامە

روزى سايىت


بۈگۈن نورۇز، بۈگۈن ئۇيغۇرچە چاغاندۇر،
بۈگۈن نورۇز-باھار ھەر ياندا جەۋلاندۇر.
بۈگۈن نورۇز-شىپاسى جانغا دەرماندۇر،
چېچەك-چوكان پۇتاق-شاخلاردا سەيلاندۇر.
بۇ نورۇز-يىل بېشى، قىش ئەمدى سەرساندۇر.

زېمىن، تاغ، سۇ... ئۆزىگە خاس »پىچىر« قىلغاي،
قىياق-چىملاردىمۇ سەزگۈ-»غىچىر« قىلغاي.
قاناتلىقلارمۇ كۈيلەشتە "ۋىچىر" قىلغاي،
ھايات شۇنداق تىنىمسىز بىر ئۇچۇر قىلغاي.
ئۇچۇركى يىل بېشى ھەر ئىشقا ئىمكاندۇر.

بوۋاقلار پاختىلىق ئىشتانىدىن ئازاد،
بوۋايلار مەش-ئوچاقلىق خانىدىن ئازاد.
كېلىنلەر ئوت يېقىش ئالۋانىدىن ئازاد،
تاغار، كەتمەن، ساپان »زىندان«دىن ئازاد.
بېسىقماس ئەمدى »ھۇش-تاپ!« تاڭلا خاماندۇر.

ھېلىتىن نەۋرىلەر ئوغلاقچىلاپ تاقلاپ،
تېرىپ كۆك »يېڭىلىق«نى بۆكىدە ساقلاپ.
»سۆيۈنچەڭنى چىقار!« دەپ، چوڭلىنى يوقلاپ،
يېشىللىق تەبىرى زوقىدا دىل توقلاپ.
قۇچاقتا ئەركىلەپ ھەر ئۆيدە مېھماندۇر.

يەنە بار: شوخ، زېرەكلەر بەكىنى چاقلاپ،
چىۋىق-تالنى كېسىپ سىرت پوستىنى ئاقلاپ.
ياساپ نەي، پۈۋلىشىپ خۇشلۇقتا ئويناقلاپ،
جېنى پاتماس ئىچىگە كۈلسە "قاق-قاق"لاپ.
بۇ نورۇز شوخلۇقى-شاد، غەلۋە-غەلياندۇر.

كىچىك قىزلار قىلىپ چاچ قىرىق ئۆرۈم تالنى،
سىقىپ ئوسما، قارايتىپ قاش، چېكىپ خالنى.
قۇلاقىغا قىسىپ غۇنچە-قىزىل، ئالنى،
باھاردىن رەڭ تۈزەپ دورايدۇ "ناز-ھال"نى.
بۇ دوراش بەك ئوماق، چوڭلارمۇ ھەيراندۇر.

يىگىت-قىزلارمۇ راستلاپ كەڭ-كۇشادە سەينا،
يېشىل مەۋسۇمغا خاس مەشرەپ تۈزەر ئەينا.
قۇچار كۆكنى بۇ سۆز: بوش كەلمىگىن، ئوينا،
ھېرىش مەردلەرگە يات، سازىڭنى چال، قاينا...
بۇ نورۇزلۇق مۇھەببەت، سۆيگۈ، ئارماندۇر!

قىزىيدۇ ئەتە نورۇزدا چەۋەندازلىق،
دارۋازلىق، چېلىشىش ھەم سېھىر، جانبازلىق.
بۇقا، قوچقار، خوراز، ئىت... ئىچرە جەڭۋازلىق،
ساما، مەشرەپ، ئۇسۇل، دىللاردا ھەمرازلىق.
بۇ، نورۇزغا تەئەللۇق كۈلكە-خەنداندۇر.

قىلۇر جەم ئۇشبۇ نورۇز مىڭلىغان باشنى،
بىرى داڭقان قازان، بىرى ئاسار داشنى.
گاداي، شاھ-بارچە تەڭ ئىچكەي تاماق-ئاشنى،
تىلەر قۇت يۇرتقا بەرىكەت، بىللە يايراشنى.
قەدىمدىن ئۇشبۇ ئادەت بىزگە قالغاندۇر.





چىنتۈرك مۇنبىرى-بىلدۈرگۈسى!1.مەزكۇر تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئىش بولسا بىۋاستە ئىنكاس قالدۇرسىڭىز بولىدۇ.2.چىنتۈرك مۇنبىرىدىكى تېمىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىجادى تېمىلار بولۇپ،مۇنبىرىمىزگە تەۋەدۇر.كۆچۈرۈپ باشقا بىكەت ۋە ئۈندىدارغا يوللىماقچى بولسىڭىز چوقۇم مۇنبەر مەسئۇلىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشىڭىز لازىم. 3.ئەگەرمۇنبىرىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ باشقا تارقىتىش ۋاستىلىرىدا تارقىتىپ قويۇپ ئاپتورلۇق ھوقۇقى مەسىلىسى كېلىپ چىقسا بارلىق ئاقىۋەتكە كۆچۈرۈپ يوللىغۇچى مەسئۇل بولىدۇ. ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت. چىنتۈرك مۇنبىرى باشقۇرۇش ھەيئېتى.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئەرنىڭ غېمى ئەلدە كۆرۈنەر، دېھقاننىڭ مېۋىسى يەردە

چىنتۈرك مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

چىنتۈرك مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار،ئۈندىدار سالونلاردا تارقاتقانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۈندىدار ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە چىنتۈرك مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، چىنتۈرك مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ. چىنتۈرك مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش ئالاقىلشىڭ QQ توپلىرى

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|新ICP备11003671号|چىنتۈرك مۇنبىرى

GMT+8, 2016-9-6 05:09 , Processed in 0.152727 second(s), 28 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش