چىنتۈرك مۇنبىرى

جەمئىي مىكروبلوگ 1467 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 190|ئىنكاس: 1

ئۈچتۇرپان قوزغىلىڭىنىڭ پارتىلاش سەۋەبى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
pasan



ئۈچتۇرپان قوزغىلىڭىنىڭ پارتىلاش سەۋەبى ۋە ئاقىۋىتى


ئۈچتۇرپان ئۇيغۇر دېھقانلىرى چىڭ سۇلالىسى ئامبال-بەگلىرىنىڭ زورلۇق-زومبۇلىقىغا چىدىماي،بىراقلا قوزغىلىپ چىڭ سۇلالىسى شىنجاڭنى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىنكى تۇنجى قېتىملىق قوزغىلاڭنى كۆتۈردى.

قىسقىچە ئىزاھات:
مايسىخان خەلق قوزغىلىڭىنىڭ باشچىسى. 1765-يىل2-ئاينىڭ 14-كۈنى چىڭ سۇلالىسىنىڭ زۇلۇمىغا قارشى ئۈچتۇرپان دېھقانلار قوزغىلىڭى )جىگدە يېغىلىقى(پارتلىدى. قوزغىلاڭغا رەھمىتۇللا بەگ ۋە ئەسمىتۇللا بەگ ئاكا-ئۇكا ئىككەيلەن باشچىلىق قىلدى. مايسىخان شۇ ئىككەيلەننىڭ سىڭلىسى ئىدى. ئۇ قوزغىلاڭغا ئاكتىپ قاتناشتى. قوزغىلاڭ 8-ئايدا پاجىئەلىك مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ، چىڭ قوشۇنلىرى قوزغىلاڭچىلارنى دەھشەتلىك تۈردە باستۇرغان ھەم ئىلىغا سۈرگۈن قىلغان. مايسىخان چىڭ قوشۇنلىرىنىڭ ياۋۇزلۇقىدىن قىلچە قورقۇپ قالماي ،100دىن ئارتۇق ئەر-ئايالنى تەشكىللەپ ، تاغ-تۇرا، ئورمان،جاڭگاللاردا يوشۇرۇنۇپ، پارتىزانلىق ئۇرۇشىنى ئۈچ ئاي داۋاملاشتۇرغان. ئاخىرىدا مايسىخان باشلىق يەتتە ئايال قوزغىلاڭچى قورشاۋدا قېلىپ، دۈشمەنگە باش ئەگمەي، تاغدىن سەكرەپ شېھىت بولغان. قوزغىلاڭنىڭ داۋامى بولغان بۇ جەڭ «مايسىخان جېڭى» دەپ ئاتالغان . ئۈچتۇرپان خەلقى مايسىخان باشلىق يەتتە قەھرىمان قىزغا ئۇلار قۇربان بولغان ئاقتوقاي تاغ تىزمىسى باغرىدا ھەيۋەتلىك قەبرە ياساپ، ئۇنى «يەتتە قىزلىرىم»دەپ ئاتاپ،ئۆزلىرىنىڭ قەھرىمان قىزلىرىنى ياد ئېتىپ كەلمەكتە.
ئۈچتۇرپان خان ئامبىلى سۇچىڭ پارىخورلۇق،خىيانەتچىلىك ۋە ئاياللارغا باسقۇنچىلىق قىلىپ خەلقنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان ئىدى.ئۈچتۇرپان ھاكىمبېگى ئابدۇللا قۇمۇللۇق ئۇيغۇر تۆھپىكار ئائىلىدىن چىققان بولۇپ،خەلقنىڭ مال-مۈلكىنى قاقتى-سوقتى قىلىپ،خەلقنى ھە دېسىلا تاياق-توقماققا باساتتى.ئۇ قۇمۇلدىن ئەگەشتۈرۈپ بارغان زالىملارمۇ ئۇنى ھىمات قىلىپ يۇرتنى بېشىغا كىيگەنىدى.يەرلىك خەلقلەر ئۇلارنى چايناپ پۈركۈۋەتكۈدەك بولغانىدى.
1765-يىلى باش باھاردا ئۈچتۇرپان ئامبىلى سۇچىڭ بىلەن ئابدۇللا يەرلىك خەلىقتىن 240 دېھقاننى ھاشارغا تۇتۇپ،ئاش ئۆزۈڭلاردىن بولىدۇ دەپ، جىگدە كۆچىتى توشۇش ئۈچۈن ھاشارغا تۇتتى ۋە ئۇلارنى قاتتىق ئەزدى.سۇچىڭنىڭ ئوغلى مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ بېيجىڭغا بارىدىغان بولۇپ،يۈك-تاقلىرىنى ھاشارچىلارغا ھەقسىز توشۇتماقچى بولدى.جىگدە كۆچىتى ئاپىرىشقا رەھمىتۇللا دېگەن بىر كىچىك بەگ مەسئۇل قىلىپ تەيىنلەندى.رەھمىتۇللا بەگ مېڭىشتىن بىر كۈن بۇرۇن ئاخشامدا ھاشارچىلار بىلەن مەسلىھەتلىشىپ،كۆپچىلىككە يولباشچى بولۇپ قارشىلىق كۆرسىتىش قارارىغا كەلدى.شۇنىڭ بىلەن ھاشارچىلار رەھمىتۇللا بەگ باشچىلىقىدا قوزغىلاڭ كۆتۈردى.

2-ئاينىڭ 14-كۈنى تۈن يېرىمدا قوزغىلاڭچى دېھقانلار چىڭ سۇلالىسى ئەسكەرلىرىگە ھۇجۇم قوزغاپ،ئوۋ مىلتىقلىرى بىلەن چىڭ سۇلالىسى ئەسكەرلىرىنى ئۆلتۈردى،يارىدار قىلىدى.قوزغىلاڭچى دېھقانلارنىڭ ھۇجۇمىغا بەرداشلىق بېرەلمەي،سۇچىڭ ئوغلى بىلەن ئۆلۈۋالدى.ئابدۇللامۇ تۇتۇلۇپ ئۆلتۈرۈلدى.
قوزغىلاڭنى باستۇرغىلى كەلگەن ئاقسۇ خان ئامبىلى بيەنتاخەي ھە دېگەندىلا شەھەرنى توپقا تۇتقۇزدى.بۇنىڭ بىلەن پۈتۈن شەھەر خەلقى تېخىمۇ غەزەپكە كەلدى.ئۇلار باتۇرلارچە جەڭ قىلىپ،شەھەرنى قاتتىق ساقلىدى.ئاخىرى ئاياللار،بالىلارمۇ سېپىلغا چىقىپ دۈشمەنگە تاقابىل تۇرۇپ،يېرىم يىلغىچە بوي بەرمىدى،ئاش-ئوزۇق ئۈزۈلدى.قوزغىلاڭنىڭ رەھبىرى رەھمىتۇللا ئوق تېگىپ قۇربان بولدى.8-ئاينىڭ 15-كۈنى چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرى شەھەرگە بېسىپ كىردى.
بۇ قوزغىلاڭ ئۇيغۇرلار تارىخىدا شانلىق سەھىپە ئاچتى.1826-يىلى جاھانگىر خوجا بىر قىسىم كىشىلەرنى باشلاپ ئاتۇشقا ھۇجۇم قىلىپ كىردى ۋە <ئاق تاغلىق>لارنى قوزغىلىپ غازات قىلىشقا چاقىردى.قەشقەر،يەكەن،يېڭىسار،خوتەن قاتارلىق جايلاردىكى <ئاق تاغلىق>لار ئاۋاز قوشۇپ،جاھانگىر خوجا غەربىي تۆت شەھەرنى تېزلا ئىشغال قىلدى.ئەمما جاھانگىر خوجا خەلق مەنپەئەتى ئۈچۈن ئەمەس بەلكى،ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن كۈرەش قىلغاچقا،خەلق يەنىلا زۇلۇم ۋە ئازاپ-ئوقۇبەتتىن قۇتۇلالمىدى.1826-يىلى چىڭ لەشكەرلىرى غەربى تۆت شەھەرنى ئىشغال قىلدى.جاھانگىر خوجا قوقەندكە قېچىپ كەتتى.1828-يىلى ئۇ ئىشنى قايتا باشلىماقچى بولدى،ئەمما بۇ قېتىم <ئاق تاغلىق>لارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمەيلا قالماي يەنە <قارا تاغلىق>لارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىدى.جاھانگىر خوجا يەنە قېچىشقا ئۇرۇندى، ئەمما بۇ قېتىم تۇتۇلۇپ قالدى ۋە شۇ يىلى يازدا بېيجىڭدا قەتلى قىلىندى.

مەنبە : <<شىنجاڭ تارىخىدىن تەربىيە>>

چىنتۈرك مۇنبىرى-بىلدۈرگۈسى!1.مەزكۇر تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئىش بولسا بىۋاستە ئىنكاس قالدۇرسىڭىز بولىدۇ.2.چىنتۈرك مۇنبىرىدىكى تېمىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىجادى تېمىلار بولۇپ،مۇنبىرىمىزگە تەۋەدۇر.كۆچۈرۈپ باشقا بىكەت ۋە ئۈندىدارغا يوللىماقچى بولسىڭىز چوقۇم مۇنبەر مەسئۇلىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشىڭىز لازىم. 3.ئەگەرمۇنبىرىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ باشقا تارقىتىش ۋاستىلىرىدا تارقىتىپ قويۇپ ئاپتورلۇق ھوقۇقى مەسىلىسى كېلىپ چىقسا بارلىق ئاقىۋەتكە كۆچۈرۈپ يوللىغۇچى مەسئۇل بولىدۇ. ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت. چىنتۈرك مۇنبىرى باشقۇرۇش ھەيئېتى.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-9 03:05:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   maripatogli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-3-9 03:11  

ئەزىز قېرىنداشلىرىمىز تېما مەزمۇنىنى كۆرۈش جەريانىدا بەلكىم دىققەت قىلغان بولسا كېرەك . بىزنىڭ  يەتتە قىزلىرىمىز-يەتتە ئانا،يەتتە قەھرىمان،يەتتە شېھىت 2-ئاينىڭ 14-كۈنى شېھىت بولغان . بۇ ئىنكاسنى يېزىشىمدىكى مەخسەت بىزدە تا ھازىرغىچە ئىنىق تۇنۇپ يەتمىگەن،ئاتالمىش‹‹ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى››كۈنى بىز قانداقتۇر يەھۇدىيلارنىڭ ئادىتىنى دورىماستىن قىلىشقا تېگىشلىك بولسا مۇشۇ يەتتە قىزلىرىمىزنىڭ شەنىگە-شەرىپىگە شېئىر-نەسىر ،داستانلارنى ئوقۇپ ئۇلارنىڭ جاھالەتكە-مۇستەبېتلىككە قارشى ئوتلۇق يۈرىكىدىن ،باتۇر-قەيسىرانە بولغان مىللەت سۆيەر روھىدىن ئۈلگە ئېلىشىمىز ، ئۈگۈنۈشىمىز كېرەك ئىدى .......
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

زالىمنى يەر بىلەن تەڭ كۆر(موللا بىلال نازىمى)

چىنتۈرك مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

چىنتۈرك مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار،ئۈندىدار سالونلاردا تارقاتقانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۈندىدار ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە چىنتۈرك مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، چىنتۈرك مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ. چىنتۈرك مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش ئالاقىلشىڭ QQ توپلىرى

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|新ICP备11003671号|چىنتۈرك مۇنبىرى

GMT+8, 2016-4-5 07:21 , Processed in 0.244177 second(s), 28 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش