چىنتۈرك مۇنبىرى

جەمئىي مىكروبلوگ 1467 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 94|ئىنكاس: 0

ئا.جالالىدىن :مەدەنىيەت ئېڭىنىڭ ياتلىشىشى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
pasan

مەدەنىيەت ئېڭىنىڭ ياتلىشىشى

ئابدۇقادىر جالالىدىن


تىنىمسىز ئىجتىمائىي غوۋغالار كۆپ ھاللاردا بىزنىڭ دىققىتىمىزنى تارىخشۇناسلىق، جەمئىيەتشۇناسلىق مەسىلىلىرىگە سۆرەيدۇ، بۇ مەسىلىلەر پۇرقىراپ قايناپ تۇرغان قېلىن ئىس - تۈتەكلەر تەرىقىسىدە ئىنسان بىلەن تەبىئەت ئوتتۇرىسىدىكى ئېكولوگىيىلىك بالانىسنى غۇۋالاشتۇرۇپ تۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىز ئاشۇ ئېكولوگىيىلىك بالانىس ئۈستىگە قۇرۇلغان مەدەنىيەتنىڭ گۈزەل سۈبھىلىرىنى، ئەپسانە ۋە شېئىرلارنى، ئاۋازسىز مۇزىكىلارنى ئوچۇق كۆرەلەيمىز ياكى نەزەردىن ساقىت قىلىۋېتىمىز. بىز تەبىئەتتىن ئىبارەت بۇ غۇبارسىز گۈلنى پراگماتىزملىق مەنپەئەت نۇقتىسىدىن ئۈزۈۋاتقىنىمىزدا، ئۇنىڭ ئىنسان غايىلىرىنىڭ پەرۋىشكارى سۈپىتىدىكى سۈزۈك شەبنەملىرى تۆكۈلۈپ كەتكەن بولىدۇ. سانائەتنىڭ نېرۋىنى قوچۇۋېتىدىغان ئاۋازلىرى تۈپەيلىدىن جۈدەپ كېتىۋاتقان سەنئەت ئىلاھى ئېستېتىكىنىڭ كۈنسېرى چۆللىشىپ كېتىۋاتقان رەستىلىرىدە ئۇنتۇلغان شەبنەملەرنى كۆتۈرۈپ يۈرمەكتە. قېرىسىمۇ بالا پېتى قېرىيدىغان شائىرلار ۋە سەنئەتكارلارنىڭ قۇياشى ھەر كۈز ئاشۇ كىچىككىنە شەبنەمدىن كۆتۈرۈلىدۇ.

تەبىئەت بىلەن ئادەم مەدەنىيەت بالانىسىنىڭ ئىككى تەرىپىدە بىر - بىرىنى تولۇقلايدۇ ھەم ئىزاھلايدۇ ياكى بىر - بىرىگە ئاغىدۇ. ئادەم ئۆزىنىڭ مەنىسى ۋە يۈكسەكلىكىنى دەل ئۆزىنىڭ سۇبيېكتىپ پائالىيىتى ئارقىلىق يارىتىدۇ، چۈشىنىدۇ. ئىنسان ئەڭ باشتا تەبىئەتكە نىسبەتەن تەسەۋۋۇرلۇق ئىنكاس قايتۇرغانلىقى بىلەن ئۆزىنىڭ ئالىيجانابلىقىنى سەزگەنىدى. كېيىن ئۇ ياشاش ۋە قوغدىنىش يۈزىسىدىن مەنپەئەتدارلىق خۇسۇسىيىتىنى تونۇدى، ئۇنى قاندۇرىدىغان نۇرغۇن ئەقلىي بايقاشلارنى ئوتتۇرىغا چىقاردى، ئۆزىگە نىسبەتەن پايدىلىق ۋاسىتىلەرنى كۆپەيتتى. مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، مەدەنىيەت بالانىسى ئىنساننىڭ تۇغما تەبىئىتى، مۇھىتى، تۈپ شارائىتىنىڭ يامان سۈپەتكە ئۆزگىرىپ كېتىۋاتقانلىقىدىن ئاگاھلاندۇرۇش بېرىشكە باشلىدى. بۇنداق ۋەھىي ئۆزىنىڭ قورقۇنچلۇق دەلىللىرى بىلەن ئاتموسفېرانى پۈتۈنلەي قاپلىغان بولسىمۇ، ئەمما ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ بۇلۇڭ - پۇچقاقلىرى يەنىلا پەرۋا قىلمىغان ھالدا ئىنسانلارغا پايدىسىز يوقىتىشلارنى داۋام قىلدۇرماقتا.

ئاندىرو توماس: "ئىنسانلارنىڭ خاتالىشىش تارىخى ئوينىلىپ تېخى ئاياغلاشمىغان پاجىئەلىك كومېدىيىدۇر" دېگەنىدى. مەزكۇر پاجىئەنىڭ كومېدىيىلىك تۈسكە ئىگە بولۇشىدىكى سەۋەب شۇكى، ئىنسانلار تارىخىدىكى ھەر بىر پەيغەمبەر ياكى ھەر بىر دانىشمەن ھەر خىل نۇقتىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ كەلگەن بولسىمۇ، خاتالىشىش تېخى ئاياغلاشمىدى. شۇڭلاشقا نەتىجىلەرنىڭ تارىخى قانچىلىك ھەجىمدە يېزىلسا، خاتالىق ۋە مەغلۇبىيەتنىڭ تارىخىمۇ شۇنچىلىك ھەجىمدە يېزىلىشى كېرەك. لېكىن ئادەملەر نەتىجىلىرىگە قالتىس خۇشتارلىقى بىلەن تارىخنى زەپەرنىڭ رەڭدار نەقىشلىرىدە زىننەتلەپ يازدى. بەلكىم تارىخ ئىلمىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇش قىممىتىگە سەل نامرات بولۇشىدىكى سەۋەب مۇشۇنىڭدا بولسا كېرەك.

خاتالىقنى تونۇپ يېتىش ھەرگىزمۇ كەينىگە قايتىش، پۇشايمان ھالىتىدە تۇرۇپ قېلىش ئەمەس، بەلكى داۋاملىق ئالدىغا مېڭىش، ساغلام ھايات ئىمكانىيەتلىرىنى، جىنايەتسىز ئەقىل يۈرۈشلىرىنى، ئەندىزىلەرنىڭ مۇۋازىنەتلىك ئۆتمۈشلىرىنى چەكسىزلىك پەللىسىگە يەتكۈزۈشتۇر. بىراق ھازىر مەۋجۇتلۇق شەكىللىرى ۋە جانلىقلارنىڭ تەبىئىي شاللىنىش قانۇنىنى بۈگۈنكى ئىنسانلارنىڭ بىنورمال ئەقىلچىلىق چوقۇنۇشى مونوپول قىلىۋالغاندەك تۇرىدۇ. بۇنداق مونوپولىيە جەمئىيەت ساھەسىدە ئەڭ مەركەزلىك ئەكس ئېتىپ، بىرەر كۈچلۈك تۈزۈم، بىرەر كۈچلۈك فورماتسىيە ئاجىز بولسىمۇ، ھاياتىي كۈچكە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئەندىزە ياكى جامائەتلەرنى، يېڭىدىن بىخ سۈرۈۋاتقان پارلاق ئىجتىمائىي غايىلەرنى چەكلىمەكتە. شۇنداق ئىكەن، جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى قاتلىمىغا، ھەر قايسى ساھەلىرىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئىجتىمائىي تۈرلەرنىڭ شەرتلىشىش ھالىتى، ئەركىن رىقابىتى كاردىن چىقىدۇ - دە، ئاخىر داۋاملاپ ساقايتقىلى بولمايدىغان غەيرىي تىپلىق ئىجتىمائىي ئىۋولوتسىيە كېلىپ چىقىدۇ. ئەركىن رىقابەت يۈرگۈزۈلمىگەن جەمئىيەتتىكى ئادەملەر كۆپ ھاللاردا بۇزۇلغان ھۈجەيرىگە ئوخشاپ قالىدۇ، ئۇنىڭ ئۆزىگە لايىق مەۋجۇدلۇق قەۋىتىدىكى رولى تۈگەيدۇ، ئىنكاس بىلدۈرمەيدۇ، نەتىجىدە، جەمئىيەتنىڭ بىر پۈتۈن گەۋدىسىدىكى خامۇشلۇقنى ھەتتا پالەچلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئاۋۋال بىز جەمئىيىتىمىزنىڭ مەنىۋى قىياپەتلىرى، مۇناسىۋەتلىرى، ماددىي ئىستېمال يۈرۈشلىرىنىڭ مەنىۋىيەتكە يەتكۈزگەن خىلاپەتلىرى ئۈستىدە رايونىمىزنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا يارىشا توختىلايلى، ئاندىن بۇ ئارقىلىق تەبىئىتىمىزگە، سەنئىتىمىزگە، سەنئىتىمىزدىكى تەربىيەت، مەدەنىيەت سەمىمىيتىمىزگە ئۆتەيلى.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىگىلىك جەھەتتە دېھقانچىلىق، باغۋەنچىلىك، چارۋىچىلىق ئاساسىي ئورۇندا تۈرىدىغان رايون بولۇپ، ئىقلىمى ئاساسەن قۇرغاق بولۇش، تۆت پەسىل ئېنىق ئايرىلىشتەك خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە. دەريا - كۆللەر، بۇلاقلار، قار - يامغۇرنىڭ ياردىمىگە تايىنىدىغان سۇ ئىنشائاتلىرى ۋە سۇغۇرۇش سىستېمىلىرى بۇ رايوندىكى ئىگىلىكنىڭ ئەنئەنىۋى نېگىزىنى شەكىللەندۈرگەن. رايونىمىزنىڭ تېررىتورىيىسى كەڭ بولۇش بىلەن بىرگە ئېلېمېنتلىق تەركىبىكە باي يەر ئاستى بايلىقى ئىنتايىن مول بولۇپ، نېفىت زاپىسىنىڭ موللۇقى، قىممەت باھا مەدەنلەرنىڭ كۆپ خىللىقى بىلەن دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. بۇ گۆھەر زېمىن ئۆزىنىڭ ھېسابسىز بايلىقى ۋە ئېنېرگىيە مەنبەسى بىلەن دۆلىتىمىز جۇڭگونىڭ ئېغىر سانائىتى ۋە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئاجايىپ زور تۆھپىلەرنى قوشماقتا. رايونىمىزئىقلىم ۋە يەر تۈزۈلۈشى، تاغ - دەريالارنىڭ ئورۇنلىشىشى، تۇپراق قاتلىمى ۋە تەركىبى، ھۆل - يېغىن مىقدارى جەھەتلەردە ئۆزىگە خاس ئېكولوگىيىلىك سىستېمىنى شەكىللەندۈرگەن. بۇ سىستېمىنىڭ ھەر بىر بۆلىكى بىر پۈتۈن ئىگىلىك بەلۋېغىنىڭ تۈرلۈك نۇقتىلىرىنى ياراتقان. بۇ نۇقتىلار ئۆزىگە خاس ئىچكى ئەۋزەللىك بىلەن بىر - بىرىنى تولۇقلاپ، رايونىمىزنىڭ يەرلىك سىياسىي، ئىقتىسادىي، تارىخىي مەۋجۇدىيىتىگە سەۋەبچى بولىدىغان قاتناش سىستېمىلىرىنى، شەھەر - بازارلارنى، سودا تورلىرىنى، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەيدانلىرىنى، ئۇلارنىڭ ئۆزئارا تولۇقلاش مۇناسىۋەتلىرىنى، گۈلەنگەن قول ھۈنەرۋەنچىلىكىنى، ئورتاق تىل، ئورتاق يېزىق ئاساسىدىكى مەنىۋى مىراسلارنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەن. بىزنىڭ ئەپسانە - رىۋايەتلىرىمىز، قىسسىلىرىمىز، شېئىرلىرىمىز، مۇقاملىرىمىز، ھېكمەتكە باي تۇرمۇش شەكىللىرىمىز ئەنە شۇ جۇغراپىيىلىك تەبىئىي، ئىجتىمائىي مۇھىتنى، بۇ مۇھىتنىڭ تارىخىي دەۋرلەردىكى مۇرەككەپ ئۆزگىرىشلىرىنى بىر - بىرلەپ سۆزلەپ بېرەلەيدۇ، بىزنىڭ مىجەز - خۇلقىمىز، تىلىمىز، تىلىمىزدىكى مەنە ۋە ئىنتوناتسىيە، ناخشا - كۈيلىرىمىزدىكى تېمپىلار ۋە ئۇدارلار، ھەرىكىتىمىزدىكى ھالەتلەر، ئاش - تاماقلىرىمىزدىكى كۆپ خىللىقلار ۋە تەملەر، تارىخىمىزدىكى ئامەت ۋە ئاپەتلەر مۇشۇ مۇقەددەس زېمىننىڭ ھىدى، تەپتى، ھاۋاسى، تۇزى، سۈيى، شامىلى، قۇياشى، ئېيى ۋە يۇلتۇزلىرى بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن. شۇڭا ئۆزىمىزنى چۈشىنىش مۇشۇ زېمىننى چۈشىنىشتىن ئايرىلالمايدۇ. قاچانكى بىز ئۆز مەدەنىيىتىمىزگە توغرا شەرھى بېرەلىسەك، بىزنى قۇچاقلاپ تۇرغان بۇ زېمىننىمۇ چۈشىنىمىز. شۇچاغدىلا بۇ زېمىن ئۆتمۈشتىكى پارلاق دەۋرلەردىكىدەك قايتا گۈللىنىدۇ.

بۇ يەر 21 - ئەسىرگە دېھقانچىلىق بىلەن كىرىپ يەنە دېھقانچىلىق بىلەن چىقىپ كېتىدىغان بولدى. دەرۋەقە، بەزى تاشقى ئۆزگىرىشلەر دۇنياغا كەلدى يېڭىدىن ئاۋات شەھەرلەر بەرپا بولدى، تۆمۈر يول ۋە ھاۋا يوللىرى بۇ زېمىننى يىراق شەھەرلەر بىلەن تۇتاشتۇردى. نۇرغۇن ئىشلەپچىقىرىش ئورۇنلىرى، كان، نېفىت ئورۇنلىرى پەيدا بولدى، پايانسىز يېزىلار سانائەتنىڭ جىددىي تەقەززاسى بىلەن تۇتاشقاندىن كېيىن، پىلانلىق ئىگىلىكنىڭ مۇنتىزىم كونتروللۇقىغا ئۆتتى. بۇ خىل ھالەت 80 - يىللاردىن باشلاپ تېز تەرەققىي قىلىشقا باشلىدى. ئىقتىسادىي ئىسلاھات دەۋرى يېتىپ كېلىپ، نۇرغۇن سودا بازىلىرى پەيدا بولدى. بازار ئىقتىسادىنىڭ يولغا قويۇلۇشى بۇ بازىلارنى جانلاندۇردى، كېڭەيتتى ۋە تېز سۈرئەتتە كۆپەيتتى. سىرتقى رايونلارنىڭ سودا ۋە يېنىك تىپتىكى سانائەت شىركەتلىرى قىزغىن جەلپ قىلىندى. دېھقانچىلىق ماشىنىلىرى ۋە سايمانلىرى، خىمىيىلىك ئوغۇت، سۇلياۋ يوپۇق، يېڭى يېتىشتۈرۈلگەن زىرائەت ۋە مېۋە سورتلىرى، قول ھۈنەرۋەنچىلىك ئۈسكۈنىلىرى، يەرلىك ئۇسۇلغا يات زامانىۋى تۇرمۇش بۇيۇملىرى، ئەرزان باھالىق كىيىملەرنى توپ سېتىش ئورۇنلىرى، ئۆزگىچە تەشكىللەش ۋە باشقۇرۇش قۇرۇلمىلىرى ئەلمىساقتىن بۇيانقى ئەنئەنىۋى دېھقانچىلىق، قول ھۈنەرۋەنچىلىك، سودا - سېتىقلارنى شىددەت بىلەن شاللاپ تاشلىدى. بۈگۈنكى دېھقاننىڭ يەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ مەزمۇنى تارىختىكى ھېچقانداق دەۋردىكىگە ئوخشىمايدۇ. سودا - سانائەتنىڭ جىددىي ئېھتىياجى دېھقانلارنى پاختا، يىپەكنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان يېزا ئىگىلىكىگە مۇستەھكەم باغلىدى. ئۇ ئالدى بىلەن سانائەتنى شەرت قىلغان پىلانلىق ئىگىلىكنىڭ تەلىپىنى ئورۇندىشى، ئاندىن كۈندىلىك ھاياتنىڭ بىردىنبىر كاپالىتى بولغان بۇغداي، قوناق قاتارلىقلارنى ئويلىشى كېرەك. بۇلاردىن كۆرۈشكە بولىدۇكى، يېزا بىلەن شەھەر ئوتتۇرىسىدىكى بېقىندىلىق مۇناسىۋەت ئۆتكۈرلەشتى. شەھەرنىڭ يېزىغا بولغان بىۋاسىتە تەسىرى ئومۇملاشتى. شەھەر ئۆزىنىڭ بارغانسېرى زورىيىۋاتقان ئېگىز بىنالارغا تولۇۋاتقان ئېغىر گەۋدىسىنى كۆتۈرۈپ تۇرۇش ئۈچۈن پۇرقىراپ ئىس چىقىپ تۇرغان ئاغزىنى يېزىلارغا سوزماقتا. شەھەرلەردە ئىشلەنگەن سۇلياۋ يوپۇق، خىمىيىۋى ئوغۇتلار تۇپراقنىڭ تەركىبىنى بارغانسېرى ئۆزگەرتتى. ھاشاراتلارنىڭ ياشاش ئىقتىدارى خىمىيىۋى دورىلارنىڭ كۈچىگە قارشى ئېشىپ، خەۋپلىك ئەلپازغا كىردى. كىشىلەر بارغانسېرى ئۆزىگە نىسبەتەن قۇلايسىز شارائىتقا كىردى.ئۇلارنىڭ ئويلاش، پىكىر قىلىش ئۇسۇللىرى ئۆزگەردى، ئىندىۋىدۇئال تەلەپلىرىدىن مۇستەسنا ھالدىكى قىممەت قارىشى گاڭگىراپ تۇرغان مېڭىسىگە يېپىشتى. يېزا جامائەتلىرىدىكى بۇ خىل ئۆزگىرىشلەرنى "نېگىز" دېگەن ئۇقۇمغا مەركەزلەشتۈرۈپ مۇھاكىمە قىلىپ باقايلى. بۇ يەردىكى نېگىز شەيئىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشتىكى مەزمۇنىنىڭ تۈپ ئامىلىنى كۆرسىتىدۇ. ھەر قانداق بىر جەمئىيەت مەيلى تەرەققىي قىلغان بولسۇن ياكى ئارقىدا قالغان بولسۇن، مەيلى ئۇنىڭ تۈزۈلمىسى ئىلغار بولسۇن، ياكى قالاق بولسۇن، مۇئەييەن بىر نېگىزگە ئىگە بولماي قالمايدۇ. دېھقانچىلىق،باغۋەنچىلىك، چارۋىچىلىق، قول ھۈنەرۋەنچىلىككە تايىنىش بۈگۈنكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئىقتىسادىي نېگىزى، بېكىتىلگەن ئاڭ فورمىسىغا لايىق ئەۋلادلارنى تەربىيىلەش بۈگۈنكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى مائارىپنىڭ نېگىزى. دېمەك، ئىجتىمائىي نېگىز جەمئىيەتنىڭ خاراكتېرى ۋە تەرەققىياتىغا مۇناسىپ رەۋىشتە بارلىققا كېلىدۇ ياكى ئۆزگىرىدۇ. ئۇ ئەلۋەتتە بىر مىللەتنىڭ مۇئەييەن تارىخ، جۇغراپىيىلىك شارائىتىغا يارىشا شەكىللەندۈرگەن ئىگىلىك شەكلىنى مەركەز قىلىدۇ. جۇڭگودا سوتسىيالىستىك بازار ئىقتىسادىنىڭ يولغا قويۇلۇشى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ جۇغراپىيىلىك ئەۋزەللىكىگە تەتبىقلىنىشى، يېزا ئىگىلىكىدە يۈرگۈزۈلگەن پىلانلىق ئىگىلىكنىڭ تەۋەككۈلچىلىك روھى بىلەن كېتىۋاتقان سانائەت ۋە سودىنىڭ ئېھتىياجىغا بويسۇندۇرۇلۇشى يۇقىرىقىدەك ئىجتىمائىي كەيپىياتلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش بىلەن مىللىي جەمئىيەتنىڭ نېگىزىنى ئۆزگەرتىپ تاشلىدى. دېمەك، مىللىي جەمئىيەتنىڭ تايانچ كۈچ نۇقتىسى ئاستا - ئاستا يۆتكىلىشكە باشلىدى. بۇ ناھايىتى روشەن مەدەنىيەت كرىزىئىسىدىن بېشارەت بەرگەن ھالدا مىللىي ئەخلاق، مىللىي ئۆرپ - ئادەتلەردە ئۆزگىرىش ياسىدى.

مەن 22 ياشقا كىرگۈچە بولغان پۈتكۈل ھاياتىمنى يېزىدا ئۆتكۈزدۈم. يۇرتۇم قەشقەر بەشكېرەم تىپىك بىر ئۇيغۇر يېزىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن مېنى ئۆستۈردى. مەن ئادىمىيلىككە كىرىدىغان دەسلەپكى ئۇنىۋېرسال تەربىيە (دىن، ئەخلاق، ئەدەبىيات - سەنئەت، ئەمگەك قاتارلىقلارغا ئائىت تەربىيە)نى مۇشۇ يەردە ئالدىم. بۇ يەرنىڭ بۈك - باراقسان باغلىرى، ئورمانلىرى، كۈجۈم مەھەللىلىرى، پاكىز سۇلىرى، ئەركىن قۇشلىرى ماڭا تەبىئەت ھەققىدە تۇنجى دەرسلەرنى بەرگەن. يېرىم كېچىدىكى ناخشا ئاۋازلىرى، مۇڭلۇق نەي سادالىرى، مەسچىت پەشتىقىدىن كەلگەن سوزۇق ئەزان ئاۋازلىرى ماڭا مۇزىكىنىڭ سېھرىي كۈچىنى تونۇتقان. بۇ يەرنىڭ خۇش چاقچاق، مېھماندوست كىشىلىرى ماڭا ئادەمگەرچىلىكنى ئۆگەتكەن. مېنىڭ كىيىن ئۆگەنگەنلىرىم تامامەن يۇرتۇم بەرگەن ئاشۇ دەسلەپكى تەربىيىنى يىلتىز قىلىپ كۆكەردى ۋە چېچەكلىدى. مەن پۇشكىن، يېسسىنىن، نېرودالارنىڭ شېئىرلىرىدىن ئانا سەھرايىمنىڭ ئوبرازى ئارقىلىق ھۇزۇرلاندىم. بالىلىق دەۋرىمدە يۇرتۇمنىڭ سۈزۈك ئاسمىنىدىن كۆرگەن يۇلتۇزلار ئارقىلىق كېپلىر، كوپېرنىكلار ئۆگەتكەن قانۇنلارنى چۈشەندىم. دېمەك، يۇرتۇم ئانا مەكتىپىم سۈپىتىدە ماڭا كەلگۈسىدىكى ئىلىملەرنىڭ خېمىرتۇرۇچىنى بەرگەن. ناھايىتى روشەنكى، مۇھىت ئۆزى يېتىشتۈرگەن ھەر بىر ھاياتلىق ئۈچۈن ئۈنۈمى بىباھا مەكتەپ. ئۇنىڭ تەبىئەتكە خاس ساغلام قىياپىتىنىڭ قوغدىلىشى ئەمەلىيەتتە جەمئىيەت مائارىپىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىدىكى ئالدىنقى باسقۇچ. ئەپسۇسكى، مەن ھەر قېتىم يۇرتۇمنى يوقلاپ بارغىنىمدا، بالىلىق دەۋرىمدىكى گۈزەل قىياپەتلەرنىڭ ۋەيران بولۇۋاتقانلىقىنى، كىشىلەردىكى ئەخلاقىي، مەنىۋى ساپانىڭ چۈشۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرىمەن. ئۇلار يەرگە مېخانىك رەۋىشتە باغلانغان ھالدا شوخ، خۇشخۇي، جانلىق تۇرمۇش شەكلىدىن مەھرۇم بولغانىدى. ئەينى ۋاقىتتا يېزىمىزنى جانلاندۇرۇۋېتىدىغان ئوغلاق تارتىشىش، چېلىشىش، خوراز سوقۇشتۇرۇش، قوچقار سوقۇشتۇرۇش، ئىت تالاشتۇرۇش، باراۋەت، تۈنەك، مەشرەپ ئادەتلىرى جىمىقىپ كەتكەن، ھەتتا بالىلارمۇ ئۆزىگە خاس ئويۇنلارنى تەرك ئېتىپ ئاتا - ئانىسىنىڭ تىرىكچىلىك ھەرىكىتىگە ماسلىشىپ كەتكەن، مانا ھازىر ئورما ۋە خامان ناخشىلىرىنىڭ ئورنىنى تراكتورنىڭ ئاۋازى، تۈگمەن بېشىدىكى بۇرغىنىڭ ئاۋازىنى توك تۈگمەننىڭ ئاۋازى ئالغان. ئەمدى سۇچىلارنىڭ، ئوتۇنچىلارنىڭ، تۇزچىلارنىڭ، جىسەكچىلەرنىڭ ئاھاڭلىرىنى ھەرگىز ئاڭلىغىلى بولمايتتى. گويا ھەر بىر نەرسە ئېتىقاد، مۇھەببەت، ئادەمگەرچىلىك قاتارلىقلار بازار ئىقتىسادىنىڭ دولقۇنىغا ئەگىشىپ تاۋارلىشىشقا قاراپ يۈزلەنگەن، پۇل ئېڭى دەرەخلەرنىڭ يوپۇرماقلىرى، ئاي نۇرى، قۇشلارنىڭ سايراشلىرىغا قەدەر سىڭىپ كەتكەنىدى. ماددىي ئامىللارلا ئەمەس، بەلكى فولكلور ۋە مەنىۋى دۇنياغا تەئەللۇق ھېسسىي ئامىللار دەۋر كەلتۈرۈپ چىقارغان پۇل ۋەسۋەسىسىدىن ئىبارەت ماگنىتنىڭ ئەتراپىغا تۆمۈر ئۇۋاقچىلىرىدەك ئۇيۇشۇپ كەتكەنىدى. بۇ ئەھۋاللار كارل ماركس "پەلسەپە نامراتلىقى" دېگەن ئەسىرىدە قەيت قىلىپ ئۆتكەن:"دۇنيا لاتاپەتلىك بىر كىتاب، شۇنداقلا بۇ كىتابنى ئوقۇشنى بىلمەيدىغانلار ئۈچۈن تاۋار" دېگەن سۆزىنى ئەسكە سالىدۇ. بىراق بۇ پىكىر كىشىگە مۇنداق بىر مەسىلىنى قويىدۇ: دۇنيا ياكى تەبىئەتتىن ئىبارەت بۇ كاتتا بەدىئىي ئەسەرنى ئوقۇشنى بىلگەنلەر كېيىن نېمە ئۈچۈن ساۋاتسىزغا ئايلىنىپ قالدى؟ بۇ يەردە مەنىۋى بايلىق قارىشى ئوتتۇرىسىدىكى نىسبەتتە ساقلىنىۋاتقان تەڭپۇڭسىزلىق ئاشكارىلىنىدۇ. سوتسىيالىستىك بازار ئىقتىسادى ئالدى بىلەن زاۋۇت، كان - كارخانىلار، سودا ئورۇنلىرى، پوچتا، قاتناش، تۆمۈر يول، ئاۋىئاتسىيە تارماقلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ئىلھامىنى قوزغاپ ھەتتا قانات ياساپ ئۇچۇردى. شەھەرلەر خېلى مەزگىل ئارزۇلۇق بالىغا ئايلىنىپ قالدى. بۇ، مۇقەررەر ھالدا يېزىلارغا بېسىم ۋە جىددىيلىك ئېلىپ كەلدى. شۇنداق ئىكەن، ماددىي مۇۋەپپەقىيەتلەرگە بولغان چوقۇنۇش يېزىلارغىمۇ يامراپ، ئەسلىدىلا ئاز - تولا تەييارلىقى بولمىغان يېزا خەلقىنىڭ مەنىۋىيىتىنى تەبىئەت قانۇنىيىتىگە خىلاپ يوسۇندا غىدىقلىدى.

جەمئىيەتشۇناسلار جەمئىيەت قىياپەتلىرىنى ھەر خىل نۇقتىدا تۇرۇپ چۈشەندۈرۈشتى. جەمئىيەتنىڭ خاراكتېرى، تىپى ۋە شەكلىنى چۈشەندۈرگەندە، بەزىلەر ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنى چىقىش قىلدى، بەزىلەر روھىي، دىنىي ئامىللارنى چىقىش قىلدى، بەزىلەر تەبىئىي جۇغراپىيىلىك مۇھىتنى چىقىش قىلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئوخشىمىغان جەمئىيەت خىللىرى ۋە قاتلاملىرىنى ئاساس قىلغان كەشپىياتلار بولۇپ، يەنىلا، ئىلمىي ھەقىقەتلەرنى جەمئىيەت ئەمەلىيىتىگە، قارىتا قانداق تەدبىقلاش مەسىلىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇقىرىقى ئېقىملار غەرب جەمئىيىتىنىڭ ئوخشىمىغان دەۋرلەردىكى نۇسخىلىرى ئۈستىگە قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇ ئارقىلىق شەرق جەمئىيەتلىرى دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرگە مۇپەسسەل جاۋاب تاپقىلى بولمايدۇ. جەمئىيەتشۇناسلىق مەسىلىلىرى بەرىبىر ئادەم ئۈستىدە كونكرېتلىشىدۇ، ئادەممۇ مۇئەييەن مۇھىت ئىچىدە كونكرېتلىشىدۇ. مەيلى ئىجتىمائىي ئادەم بولسۇن، مەيلى تەبىئىي ئادەم بولسۇن، ئۇنىڭ ئىرقى، مىللىي مەنىسىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇ ئالدى بىلەن تەبىئەتنىڭ بىر پارچە ئەسىرىدۇر. ئۇنىڭدا بەرىبىر تەبىئەتنىڭ تومۇرىدا قايناپ تۇرغان قاننىڭ سىماسى بولىدۇ. خۇددى بالىنىڭ تەقى - تۇرقى ۋە مىجەزى ئانا ۋە ئانا ياشىغان مۇھىتنىڭ سۈپەت مەنىسىگە باغلىق بولغىنىدەك، كىشىلەرنىڭ بىئولوگىيىلىك ۋە پسىخولوگىيىلىك ساپاسى شۇنداقلا ئىجتىمائىي ئالامىتى ئانا تەبىئەت بىلەن بىر تۇتاش بولىدۇ. تەبىئەت مۇئەييەن سىياسىي، ئىقتىسادىي، جۇغراپىيىلىك مەزمۇنغا ئىگە. تارىخىي يىللار داۋامىدا بۇ مەزمۇن ئۆزگىرىدۇ ياكى بۇ مەزمۇننىڭ ئۆزگىرىشى تارىخنىڭ سەھىپىسىنى ئۆزگەرتىدۇ.

يېزىلىرىمىزدىكى خاس مىللىي ھالەتلەر نېمە ئۈچۈن شۇنچە تېز ئۆزگىرىدۇ؟ ئەنە شۇ مىللىي ھالەتلەرنىڭ سەمەرىسى بولغان ئەلنەغمىلەر، يوسۇنلار نەگە كەتتى؟ ئالدى بىلەن بۇ رايوندا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىقتىسادىي سىياسەتلەر مۇشۇ زېمىننىڭ روھى، خەلقلىرىنىڭ روھى، ئۇلار تارىخ، ئىجتىمائىي قۇرۇلمىسى، سۈرئىتى ۋە نېگىزلىك مەنىسىنى شاللىدى. بايقاش ۋە قانۇنلاشتۇرۇشقا تېگىشلىك بولغان مۇشۇ زېمىننىڭ خاس ئىجتىمائىي ئىقلىمىنىڭ مەھسۇلى بولىدىغان جەمئىيەت قانۇنى ۋە ئىقتىسادىي قانۇنى كۆمۈلۈپ قېلىش خەۋپىگە يۈزلەندى.

گېرمانىيە جەمئىيەتشۇناسى ماكس ۋىبېر قەدىمكى جۇڭگو جەمئىيىتىنىڭ ماھىيەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ، قىشلاق ۋە شەھەرلەرنىڭ پەيدا بولۇشى، ئۇلارنىڭ سىياسەت، ئىقتىساد جەھەتتىكى رولىنى كۇڭفۇزى روھىنى مەركەز قىلغان بېكىنمە ھوقۇق سىستېمىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئىنچىكە تەھلىل قىلغان. ئۇ، جۇڭگودىكى شەھەرلەرنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە گۈللىنىشى كارخانىچىلارنىڭ رولىغا تايىنىپ ئەمەس، بەلكى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورگانلىرىنىڭ پىلانلىشى ئارقىسىدا بولغان، پات - پات يۈز بېرىدىغان سىياسىي ئۆزگىرىشلەر ۋە سۇلالىلەرنىڭ ئالمىشىشلىرى ھۆكۈمرانلارنىڭ مۇداپىئەلىنىش ئېھتىياجىنى كۈچەيتىپ، شەھەرلەر قېلىن سېپىللار بىلەن قورشالغان، نەتىجىدە، پۇقرالار شەھەر ئىچىدە بېكىنىپ ياشاپ، ئەركىن سودا كارۋانلىرىغا ئايلىنالمىغان، دەپ شەرھلەيدۇ.

ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۆزىنىڭ خاس جۇغراپىيىۋى، ئىقتىسادىي، مەدەنىي سىستېمىلىرى بىلەن جۈملىدىن ئىچكى ئۆلكىلەرگە ئوخشىمايدىغان تەبىئەت قارىشى ۋە دىنىي ئېتىقادى بىلەن ۋۇجۇدقا كېلىپ، تەرەققىي قىلغان. تارىختىكى "يىپەك يولى" ئەجدادلىرىمىز ياشىغان بۇ قەدىمىي دىيارنى سودا ۋە مەدەنىيەتنىڭ مەركىزىگە ئايلاندۇرۇپ، دۇنياۋى مەدەنىيەتنىڭ غوللۇق ئېقىنلىرى خەلقىمىزنىڭ تۇرمۇش دېڭىزىغا راۋان قۇيۇلۇپ تۇرغان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ تۇپراقنىڭ سودا كارۋانلىرى يىراق ئەللەرگە ئۆز مەدەنىيىتىنى تاراتقان. پەيلاسوپ ۋە جەمئىيەتشۇناس يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ كاتتا ئەسىرى "قۇتادغۇ بىلىك" دە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ تىپىك مۇجەسسىمى بولغان دۆلەت، ھوقۇق قۇرۇلمىسى، قانۇن روھى، تەبىئەت روھى مۇپەسسەل ئەكس ئەتكەن.


مەرىپەت ئوغلى يانبىلوگىدىن يوللاندى.

چىنتۈرك مۇنبىرى-بىلدۈرگۈسى!1.مەزكۇر تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئىش بولسا بىۋاستە ئىنكاس قالدۇرسىڭىز بولىدۇ.2.چىنتۈرك مۇنبىرىدىكى تېمىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىجادى تېمىلار بولۇپ،مۇنبىرىمىزگە تەۋەدۇر.كۆچۈرۈپ باشقا بىكەت ۋە ئۈندىدارغا يوللىماقچى بولسىڭىز چوقۇم مۇنبەر مەسئۇلىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشىڭىز لازىم. 3.ئەگەرمۇنبىرىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ باشقا تارقىتىش ۋاستىلىرىدا تارقىتىپ قويۇپ ئاپتورلۇق ھوقۇقى مەسىلىسى كېلىپ چىقسا بارلىق ئاقىۋەتكە كۆچۈرۈپ يوللىغۇچى مەسئۇل بولىدۇ. ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت. چىنتۈرك مۇنبىرى باشقۇرۇش ھەيئېتى.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاماقتىن يامانلىغان قورساقنىڭ توقلىقى،تۇققاندىن يامانلىغان ئەقىلنىڭ يوقلىقى.

چىنتۈرك مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

چىنتۈرك مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار،ئۈندىدار سالونلاردا تارقاتقانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۈندىدار ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە چىنتۈرك مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، چىنتۈرك مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ. چىنتۈرك مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش ئالاقىلشىڭ QQ توپلىرى

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|新ICP备11003671号|چىنتۈرك مۇنبىرى

GMT+8, 2016-4-5 07:07 , Processed in 0.194639 second(s), 29 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش