چىنتۈرك مۇنبىرى

جەمئىي مىكروبلوگ 1467 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 183|ئىنكاس: 4

بەگتۈرك:تەبىئەتتەك ياشايدۇ شائىر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
pasan
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   begturk تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-3-7 21:04  

       
       
تەبىئەتتەك ياشايدۇ شائىر   

ئىستىداتلىق شائىر،ئەدەبىي تەرجىمان،ئىجتىھاتلىق مۇھەررىر قۇربان باراتنىڭ ۋاپاتىغا ئاتايمەن

ئەخمەتجان تۇرۇپ بەگتۈرك

     چېچەك قىساي دېگەندە باغلار،
  ئۇستاز شائىر يۈمدى كۆزىنى.   
    پۈتمەي تۇرۇپ ئاخىرقى شېئىر،
تۇپراققىلا كۆمدى سۆزىنى.

   بارمىقىدىن چۈشتى سىيرىلىپ،
  ساق ئاتمىش يىل كىشنىگەن قەلەم.
سانجىلدىغۇ  زىدە يۈرەككە،
نەيزىسىنى ئۇشلىغان ئەلەم.

ئاتۇشتىكى گىگانىت تاغلار،
چۆكۈپ كەتتى بىر تامچە ياشقا.
ئاغۇدىكى(1)*خىلۋەت بۇلاقلار،
بىر ئىسىمنى ئويىدى تاشقا.

كەلدى ھۆڭرەپ كۆنچى بويىدىن،
<< ئاپئاق رومال ئارتقان پەرىزات>>(2)*.
<< قار گۈلى>>گە(3)* كەتتى كۆمۈلۈپ،
ئۈرۈمچىدە << ياپيىشىل ھايات>>(4)*.  

ئاسمىنىدىن ئۆچتى سەنئەتنىڭ،
ئېگىز ئۇچقان بۇركۇت ئاۋازى.
ئارمان بولۇپ قالدى ئۇيغۇرغا،
ئانا تىلنىڭ سۈزۈك پەرۋازى.

ئۇ كۈيلىگەن قەدىم  ئانا يەر،
ئىسسىق تەننى باستى باغرىغا.
تەبىئەتتەك ياشار ئۇ ئەمدى،
سادا بېرىپ تەڭرى تېغىغا.  

ئىزاھات:ئاغۇ(1)_ شائىر تۇغۇلغان يېزىنىڭ ئىسمى.
(2)،(3)،(4) شائىرنىڭ ئەسەرلىرىنى كۆرسىتىدۇ.

2016-يىلى نورۇز ئېيىنىڭ 6-كۈنى(يەكشەنبە)،گۇما



چىنتۈرك مۇنبىرى-بىلدۈرگۈسى!1.مەزكۇر تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئىش بولسا بىۋاستە ئىنكاس قالدۇرسىڭىز بولىدۇ.2.چىنتۈرك مۇنبىرىدىكى تېمىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىجادى تېمىلار بولۇپ،مۇنبىرىمىزگە تەۋەدۇر.كۆچۈرۈپ باشقا بىكەت ۋە ئۈندىدارغا يوللىماقچى بولسىڭىز چوقۇم مۇنبەر مەسئۇلىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشىڭىز لازىم. 3.ئەگەرمۇنبىرىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ باشقا تارقىتىش ۋاستىلىرىدا تارقىتىپ قويۇپ ئاپتورلۇق ھوقۇقى مەسىلىسى كېلىپ چىقسا بارلىق ئاقىۋەتكە كۆچۈرۈپ يوللىغۇچى مەسئۇل بولىدۇ. ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت. چىنتۈرك مۇنبىرى باشقۇرۇش ھەيئېتى.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2016-3-7 21:52:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەلدى ھۆڭرەپ كۆنچى بويىدىن،
<<ئاپئاق رومال ئارتقان پەرىزات>>(2)*.
‹‹قار گۈلى››گە(3)* كەتتى كۆمۈلۈپ،
ئۈرۈمچىدە ،  ئاھ !<< يېشىل ھايات>>(4)*.

مەن ئۇستازغا يول كۆرسەتكۈدەك يەردە ئەمەسمەن ، ئەمما مەرسىيەنى ئوقۇپ تۇنجى قېتىم ئېڭىمدا شەكىللەنگەن تۇيغۇمنى سۆزلەپ ئۆتسەم.
يۇقاردا مەن ئۆزگەرتكەن بىر مىسرادىكى <<ئاھ>>دېگەن سۆز ئادەتتە ھەسرەت نادامەتنى ، ئۆكۈنۈش مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان سۆز ، بۇ سۆزنى ئىشلەتكەندە مەرھۇمغا بولغان سېغىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ بىرىدىكەن دەپ ئويلۇدۇم ، ئۇندىن باشقا مەرھۇمنىڭ ئەسىرىنىڭ ئەسلى تېمىسى <<يېشىل ھايات >>بولغاچقا ئۇستازىم ئالغان<< ياپيېشىل ھايات>> دېگەن سۆزدىكى بىر بوغۇمنى باياتىنقى <<ئاھ >>دېگەن سۆزدىكى پىغان-ھەسرىتىمىز بىلەن ئىپادىلەپ تولۇقلاپ ئەسەرنىڭ ئەسلى نامى بولغان <<يېشىل ھايات>>تېمىسىنى ئەسلى پىتى ئىشلەتسەك بۇ ھەم ئەسەرنىڭ كۈچىنى ئاشۇرۇشقا ، مەرھۇمغا بولغان سېغىنىش ھېسياتىنى تىخىمۇ كۈچلۈك ئىپادىلەشكە ،يەنە بىرى مەرھۇمنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ تېمىسىنى ئۆز پىتى بويىچە ئىپادىلەشكە تولىمۇ باب كەلگۈدەك دەپ ئويلۇدۇم ، ناۋادا بالىلارچە پىكىر قىلغان بولسام ئۇستاز كۆرسەتمە بەرگەي .




ۋاقتى: 2016-3-7 23:59:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇمغا ئاتاپ يېزىلغان مەرسىيەلەردىن كۆز چاناقلىرىم نەملەندى. قەلىمى تىز شائىرلىرىمىزنىڭ ئەجرىگە ئاپىرىن !
مەرھۇمنىڭ ئاخىرەتلىكى خەيىرلىك بولغاي.


ۋاقتى: 2016-3-11 00:16:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇمغا ئاتاپ يېزىلغان يەتتە پارچە مەرسىيە ئاۋازلىق تارقىتىلدى.
ئارىيە: ئەخمەتجان تۇرۇپ بەگتۈركنىڭ مەرسىيەسى
http://mp.weixin.qq.com/s?__biz= ... da4498f3dc5987b2#rd


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-12 20:47:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت!
مۇمكىن بولسا كېيىن تولۇقلىغان نۇسقىسى ئوقۇلغان بولسا .


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ھەقىقەت يولىدىكى سەپەرگە يول خېتى كېرەك ئەمەس.(جولئوت)

چىنتۈرك مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

چىنتۈرك مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار،ئۈندىدار سالونلاردا تارقاتقانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۈندىدار ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە چىنتۈرك مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، چىنتۈرك مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ. چىنتۈرك مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش ئالاقىلشىڭ QQ توپلىرى

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|新ICP备11003671号|چىنتۈرك مۇنبىرى

GMT+8, 2016-4-5 07:05 , Processed in 0.194289 second(s), 28 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش