چىنتۈرك مۇنبىرى

كۆرۈش: 391|ئىنكاس: 3

خۇتەن ۋىلايىتى شەھەرگە ئۆزگەرتىلىدىكەن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
pasan
خۇتەن ۋىلايىتى ئەمەلدىن قالدۇرلۇپ شەھەر تەسسىس قىلىنىدۇ


ئاپتونوم رايونىمىز مۇشۇ ئايدىن باشلاپ خوتەن ۋىلايىتىدە ۋىلايەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ، شەھەر تەسىس قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويغان بۇلۇپ، بۇ شىنجاڭنىڭ تۇرپان ، قۇمۇل ۋىلايىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ شەھەر تەسىس قىلغاندىن كېيىنكى ،يەنە بىر ۋىلايەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ، شەھەر تەسىس قىلىشى ھىساپلىنىدۇ .
خوتەن ئۇچۇر تورىدا كۆرسىتىلىشىچە 5 - مارت ، خوتەن ۋىلايىتى ۋىلايەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ، شەھەر تەسىس قىلىش سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئېچىپ ، بۇ خىزمەتنى ئومۇميۈزلۈك باشلىدى .
خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى يەن گو سەن سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى : ۋىلايەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ، شەھەر تەسىس قىلىش خىزمىتى ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيەتنى نەزەردە تۇتۇپ ،ھالقىما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر بۇنىڭغا يۈكەسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بىرىشى كىرەك.
تۈنۈگۈن يەنى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى ئېزىز مۇسا مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلىپ مۇنداق دىدى : خوتەن ۋىلايىتى نۆۋەتتە ۋىلايەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ، شەھەر تەسىس قىلىش خىزمىتىنى پائال قانات يايدۇرۇۋاتىدۇ . بۇنىڭدا بىز تۇرپان، قۇمۇلنىڭ مۇۋەپىقيەتلىك تەجىربىللىرىنى ئۆرنەك قىلىپ خۇتەن ۋىلايتىدىكى 2مىليۇن نۇپۇسنىڭ تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاش بىلەن بىرگە، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ تېز تەرەققى قىلىش ، خوتەن مەمۇرىي رايون ئايرىمىسىنى تەسىس قىلىش تەڭشەش ، سەرخىللاشتۇرۇش ، رايونلار تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاش , يەرلىك مەمۇرىي مۇناسىۋىتنى ر اۋانلاشتۇرۇپ ، ئىقتىساد ، جەمئىيەتنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتى، خوتەننىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا ناھايىتى زور ھەم چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە .
ۋىلايەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ، شەھەر تەسىس قىلىنغاندىن كېيىن ، ئەڭ يادرولۇق ، ئەڭ مۇھىم ئۆزگىرىش شۇكى ، قانۇن چىقىرىش ھوقۇقى بۇلىدۇ . ئاپتۇنۇم رايونلۇق پارتكوم ئىسلاھات ئىشخانىسى ، ئىجتىمائىي ئىشلار ۋە مەدەنىيەت تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى گۇ خۇاشياڭ مۇنداق دېدى : ۋىلايەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ، شەھەر تەسىس قىلىش خىزمىتى مەركەز شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تاكتىكىسى ۋە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ تولۇق گەۋدىلاندۈرلىشى. ۋىلايەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ، شەھەر تەسىس قىلىش، جەمئىيەت باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە كۈچەيتىش ، ئاساسىي قاتلام ھاكىمىيىتى،رايون مەركىزىي شەھەر قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق . شۇنداقلا يىپەك يۇلى ئىختىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ ، شىنجاڭنىڭ رايون ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ جىددى ئېھتىياجىنى ئىلگىرى سۈرۈش ، شۇنداقلا ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش , قوغداش ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاشنىڭ جىددىي ئېھتىياجى .
  ئىسلاھاتنىڭ چوڭقۇر تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەرلەر دىن تۇرپان، قۇمۇل شەھرى ئارقا-ئارقىدىن قۇرۇلۇش بىلەن بىرگە يەنە قېپقالغان رايۇنلار ۋىلايەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ، شەھەر تەسسس قىلىنىدۇ . بۇ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ، باشلامچى رايۇنلارنى ئۈلگە قىلىپ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە يىتەكلەشتە زور ئەھمىيەتكە ئىگە .

  مەنبەسى؛ ئۇيغۇر خەۋەر تورى
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2016-3-13 17:52:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرپان شەھەرگە ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن قۇمۇل ئۆزگەرتىلگەن،ئەندى خوتەنمۇ ئۆزگىرىدىغان بوپتۇ.بۇنى دەۋىر بىلەن تەڭ ئىلگىرلەش دېسەك بولغۇدەك.
ۋاقتى: 2016-3-13 17:55:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قوللايمىز،تەرەققىيات دىگەن شۇ...
ۋاقتى: 2016-3-13 18:40:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىچىكتىن بارا-بارا تەرەققى قىلىپ ئاخىرىدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى بويىچە قايسى تەرەققىيات يۆنىلىشىدە قانداق ئۆزگەرتىلە ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى دېگەن نام قانداق بولار ؟ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ كەلگۈسىدىكى تەرەققىيات يۆنىلىشىنى قىياسەن پەرەز قىلىپ بەكمۇ .........
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بايغا يىقىنلاشساڭ ماياق يەيسەن،نامراتقا يىقىنلاشساڭ تاياق

چىنتۈرك مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

چىنتۈرك مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار،ئۈندىدار سالونلاردا تارقاتقانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۈندىدار ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە چىنتۈرك مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، چىنتۈرك مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ. چىنتۈرك مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش ئالاقىلشىڭ QQ توپلىرى

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|新ICP备11003671号|چىنتۈرك مۇنبىرى

GMT+8, 2016-9-6 16:05 , Processed in 0.224867 second(s), 23 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش