نەزەر مۇفتىمغا خەت
ئەھمەدشاھ قاراقاشى
دۇئايى بىئەدەد ، خاجەم ، نەزەر مۇفتىمغا ئەلبەتتە،
تەھەيياتۇ سەلامىم ئانچۇنان ئاھۇ – نادامەتتە،
ۋىسال ئولغاي دۇئا بىرلەن سەلامىم ياخشى سائەتتە،
سېنى ياد ئەيلەگۈم ھەر كۈن سەھەرلەردە ئىبادەتتە،
كى سەندىن ئۆزگە دوستۇم يوق ئىدى ئاقسۇ ۋىلايەتتە.
ساڭا مەن نامە يازدىم ، نا مۇناسىپ لەفزىدىن ئەي يار،
بىھەمدۇللاھ ، تىرىكلىكتىن نىشانە ئەيلەدىم ئىزھار ،
بىلىشنى ئىستەسەڭ ، مۇندا شۈكۈركىم ، بىز ئەمەس بىمار ،
تېنىڭ ساقمۇ بۇ كۈنلەردە سېنىڭ ، ئاندا نە ھالىڭ بار،
مۇشەققەتلىكمۇ سەن ، يا ئۆتتىمۇ ئۆمرۈڭ فەراغەتتە ؟
قارىلىق ھالىدىن سورسام ، يېتىشتى نەچچەگە ياشىڭ ،
سېنىڭ ھالا بۇ كۈنلەردە ئاقارمىشمۇ قارا باشىڭ ،
ئايال ، ئۇششاقلىرىڭ ساقمۇ ، يەنە قەۋمۇ قارىنداشىڭ ،
نېچۈكدۇر ئىشتىھايىڭ ھەم ، سىڭەمدۇر ئابىيۇ ئاشىڭ،
مىزاجىڭ خۇب ، چىرايىڭ تازەمۇ ھۈسنۇ مەلاھەتتە ؟
،
ئىشىتكىل ، ئەي رەفىقا ، سۆزنى ئەھمەدشاھ قاراقاشتىن ،
بايان ئەيلەي ھالىمنى ساڭا ئەمدى يېڭىباشتىن،
ئەقىدەم بار ئىدى شۇنچە يەقىن تۇغقان قارىنداشتىن ،
سېنىڭ كۆڭلۈڭ ماڭا قاتتىق ئىكەن گويا قارا تاشتىن ،
كۆرۈپمەن ، بىلگەنىم يوق مەن ئۇنى ئەينى زەرۇرەتتە.
سېنى مەن دوستۇ يارىم دەپ ، كۆڭۈلدە ئىئتىقاد ئەتكەچ ،
مۇھەببەت رىشتەسىدىن ھەر زەمان كۆڭلۈمنى شاد ئەتكەچ ،
سىفاتىڭنى قىلىپ دائىم
خوتەن ئەھلىغە ، ياد ئەتكەچ ،
ئىبەردىم ساڭا ئاتمىش تەڭگەنى ، كۆپ ئىئتىماد ئەتكەچ ،
ئىبەرگەيمۇ دەبان بىر ياخشى ئات ، ئۆتتۈم خىيالەتتە.
پۇلۇمنى توختاتىپ بىر يىل ، ئىبەرىپسەن ماڭا بىر ئات ،
ئېشەكچە يوقكى رەفتارى ، بۇ ئاتنىڭ ھەرنە فىئلى يات ،
كى يولدا توختاۋالدى قامچە بىرلەن ئۇرماسام پات – پات،
كۇلا – ئارغامچەنى ئۈزدى قوزۇققا باغلاسام قات – قات،
ئۇلاپ ئارغامچەنى ھاردىم ، كۈنى قالدىم ھالاكەتتە .
بايان ئەيلەي يەنە بىر – بىر بۇ ئاتنىڭ ئەيبىنى ، ئاڭقا ،
قىڭىر قۇيرۇق ، سىڭا سۆڭگەچ ، پۇتى مايماق ، بويى لاڭقا ،
بىرى تەپكەك ، بىرى مۆڭگەك ، بۇ ئەيىبلەر ئۈستىگە ماڭقا ،
ساماندىن بەش كۆشۈك يەپ ، ھەر قەدەمدە بىر تۇرۇپ ساڭقا ،
تۇغۇلماس ھېچ ۋىلايەت ئىچرە بىر ئات بۇ قىيافەتتە .
مىنىپ چىقسام ئالىپ ئۇردى ، يىقىلدىم ، نەچچە كۈن ياتتىم ،
قويۇپ بەرسەم ، بۇزۇپ باغنى ، ھەمىشە ئەلنى قاقشاتتىم ،
سوغارغاندا قاچىپ سۆدرەپ ، ئاران ھارغاندا توختاتتىم ،
تىگىشتىم ئۇي بىلەن بەش – ئالتە نەۋبەت ، ئون قاتىم ساتتىم ،
قىلىپ دەئۋا كېلىۋەردى ، ماڭا ياندى شەرىئەتتە.
ئەگەر يولغا مىنىپ چىقسام ، تۈزۈك يۈگرەپ چاپالمايدۇ ،
ۋە يا ئۇي ھارۋىسى بىرلەن باراۋەرمۇ ماڭالمايدۇ ،
مۇبادا توختاپ ئالغاندا ئۇرۇپ قويسا چىچاڭلايدۇ ،
مىنىپ تۇرغان كىشى شۇئان بېرىپ يەرنى قۇچاقلايدۇ ،
خەتەرلىكتىن بۆلەك خىسلەت تېپىلماس بۇ كەسافەتتە .
ئۇرۇپ مىڭ تەستە چاپتۇرسام ، سوكۇلدايدۇ ئېشەك ئوخشاش ،
قوساق سانجىق بىلەن ئاغرىپ ، كېتەر گويا زىڭىلداپ باش ،
يەنە بىر ئەيبى شولدۇر چىرقىراپ سەت ، تولدا تاپتوختاش ،
زىرىكمەي مىنسە ، بىر سائەت بېرەلمەس ھېچ كىشى بەرداش ،
شەھەر – يېزا ئارا قىلغان سەفەر ، سەيلى – ساياھەتتە.
زەرۇرەتتىن مىنىپ ، دوستلار بىلەن بارسامكى بىر سارى ،
بولالماي چۈشكەچە ، ئاش ۋاقتىلىق يەرگە بارىپ ھاردى ،
كېيىن قالدى ئېشەكتىن ، ناگەھان ئۇي بىلەن تەڭ باردى ،
پاتىققە بىر پاتىپ ئالسا ، كۆتەرسە قوپماغاي زادى ،
قايان بارسام بۇ ئات بىرلەن قالىپدۇرمەن فەلاكەتتە .
ئارىقنى كۆرسە ياندى ئارقاسىغە ، ئۆتمەدى ئاتلاپ ،
ئەگىر يولغە كىرىپ ئالسا مەگەركىم ، ھارمادى قاتراپ ،
غۇلاپ بوينىغە تۈشتۈم ، قاتراغاننىڭ زەبتىدىن ساچراپ ،
ئىچىم سانجىق بىلە تولدى ، قۇۋۇرغام بەنتىدىن ئاجراپ ،
ساقايدىم ھەرزەمان پارپە بىلەن مەئجۇنى شەربەتتە .
بوغۇز يېسە باسىپ يېدى تولا ئىخلاس بىلەن چايناپ ،
خورازدىن قىزغانىپ پورقۇپ ، تېپىشلەپ پۇتلىرى ئويناپ ،
ساۋۇتقاندا تۇرار مۈگدەپ ، كۆزىدىن ھەم چافاق قايناپ ،
كى باشى ساڭگىلار يەرگە ، چىۋىنلەر بەستىنى قاپلاپ ،
قايۇ بىر جانغا خۇش كەلگەي سىياقى بۇ لاياقەتتە .
بۇ ئاتقە ئىستەسە ، ئالەمدە بىر ئوخشاشنى تاپماسلار ،
يىقىلسا ناگەھان مۈدرەپ ، تېپىپ – ئۇرماسا قوپماسلار ،
زورىدىن بىر يۈگۈرسۈن دەپمۇ ھەر نە قىلسا ، چاپماسلار ،
سەلاملاشسام ، تۇرۇپ ئالىپ ، تاياقسىز زادى ماڭماسلار ،
دەرىغا ، قالماسۇنلار يولدا ھېچكىم ئۇشبۇ ھالەتتە .
تېپىپ قاشىغە كەلتۈرمەس كىشىلەرنى ، يەقىن بارسا ،
تۇيۇقسىزلا مۆڭۈپ قاچقاي بىرەر شەپە تۇيۇپ قالسا ،
ساچىپ رەسۋاقىلار ئۆت – چۆپ ، ساماننى ئالدىغە سالسا ،
ئوقۇر ئۆرۈيدۇ ھەر كۈندە ئېغىل ئىچرە ئورۇن ئالسا ،
بۇ ئاتتىن بەك زېرىكتىم مەن باقىپ بىچاغ بىتاقەتتە .
ئېغىلنى توختاماي بۇزدى ، ئىشىكنى كۆپ قاتىم چاقتى ،
بوغۇپ تەخەرنى ئۆلتۈردى ، موزاينىڭ ھەم خۇنى ئاقتى ،
قاچىپ كەتسە تۇتۇق بەرمەي ، تالاي كۈن باشقىلار باقتى ،
تۆلەپ ھەق ھارمادىم مەنمۇ ، ھايات ھەركىمگە خۇش ياقتى ،
تەلافەتتىن بۆلەكنى كۆرمەدىم ، قايغۇ – نەدامەتتە .
بوشاپ چىقسا تالاغا ، توختاماي سەكرەپ چىچاڭلايدۇ ،
كىرەر بولسا چەمەننى چەيلەبان ، بوستاننى چاڭلايدۇ ،
كىشىنى كۆرسە كىشنەپ ، كەلسە چىشلەپ ، تېخى قوغلايدۇ ،
قاپاقۇ – كوزىنى چەيلەپ ، چۆگۈننى ئۆرە قويمايدۇ ،
بالا – ئۇششاقلىرىم بۇ ئات بىلەن ھەردەم ئەداۋەتتە .
بۇزۇپ ئەلفازىنى بىر كۈن قاچىپ بىر مەلىگە يەتتى ،
كى قوغۇنلۇققا كىردى ، ئىشتىھا بىرلە غاجاپ كەتتى ،
جامائەت ئاۋلاشىپ شۇ دەم ئاغىز – بۇرنۇمنى قان ئەتتى ،
بەدەل بەردىم تاغار ئاشلىق ، قوساقنى دەرد – ئەلەم ئەستى ،
بۇ ئات بىرلەن قالىبدۇرمەن ھەمىشە كۆپ مەلامەتتە .
مېنى زاڭلىق ئېتىشتى خەلق ، بۇ ئات ئەھۋالى كۆپ تارقاپ ،
ئالىپ چىقماسقا بەند قىلدىم ، ئۇنى تۈۋرۈككە چىڭ باغلاپ ،
قۇماردى – يۇلدى تۈۋرۈكنى ، كېچە كىرسەم مۆڭۈپ قۇتراپ ،
كەسافەتنى ئېغىل باسقاچ توكۇر بولدى پۇتى ئاقساپ ،
دېدىم مەن : ئۆلسەمۇ – ئۆلسۈن ، خۇدا قىلغان ئىرادەتتە .
ئۇرۇغ – تۇققانلىرىم قانچە قاشىمغە ئات سوراپ كەلدى ،
بۇ ئاتنىڭ ئەسلى خۇي – پەيلى مېنى غەمگە ئوراپ كەلدى ،
باھانە ئەيلەسەم نەچچە ، ئۇلار يامان قاراپ كەلدى ،
ئىلاجىم يوق بېرىپ ئەردىم ، مىنەلمەي ياندۇرۇپ كەلدى ،
بۇ جانىم چىققالى تۇردى كۈنى يۈز مىڭ خىجالەتتە .
ئىبەرگەن بۇ ئاتىڭغە ھېچ كىشى بىر يول قاراپ باقماس ،
قەلەندەر بىرلە ھابدالدىن بۆلەكلەرگە غولى ياقماس ،
كۆتەرىپ گەز بويى ھېچ ئات ساغىرنى ئۇشبۇ رەڭ چاقماس ،
كىشىكىم ئات بەلاسىدىن بۇ ياڭلىغ بىھېساب قورقماس ،
ئالىشتىم ، غەم بىلەن قايغۇ باسىپ تائەت – ئىبادەتتە .
تولا ھەيدەۋېتىپ باقتىم ، سوراپ – ئىستەپ ئېلىپ كەلدى ،
يېدى ئات ئاشلىقىمنى دەپ نەچە نەۋبەت زىيان ئالدى ،
زىياننى بەرمەسەم ، ھەيدەپ كېتىپ ، ئۈچ كۈن سۇلاپ سالدى ،
يىغىپ يۇرت خەلقىنى ، ئالدى زىياننى ، ئات ماڭا قالدى ،
خالايىق ئىچرە قالمىشتۇر باشىم ئانداغ شىكايەتتە .
قۇتۇلسام ئۇشبۇ ئاتتىن دەپ خەرىدارىنى ئاختاردىم ،
بىدىكنى ھەر قاچان كۆرسەم ، سۈچۈك تىل بىرلە يالۋاردىم ،
قارى ھالىم بىلەن قاتراپ ئۆيىگە كۆپ مېڭىپ ھاردىم ،
يىيىشلىك ھەم كۈچى بار دەپ ئانى مەن ئانچە ماختادىم ،
بازاردا يەتمەدى ئالغان پۇلۇمغە بۇ سالاھەتتە .
ساتالمايىن بۇ ئاتنى مەن ، سالىپ ھەر ھەفتە بازارى ،
بۇ ئاتنىڭ ئەپتىدىن قورقۇپ يەقىن كەلمەس خەرىدارى ،
يامانلىق شۆھرەتى بولدى خوتەن بازارىدا جارى ،
بىراۋ كۆرسە ئانى قاچتى ، ئالىپ بارغىل دەبان نارى ،
نېتەيكىم ، مەن بۇ كۈن دوست – يار ئارا چەندان مەلامەتتە .
بىزار بولغاچ تولا ، كۈن – تۈن يەنە بازارغا ئەپ چىقتىم ،
تىلەگەنگە ساتايىن دەپ ، بۇ سۆزنى ئۆيدە دەپ چىقتىم ،
ياپىپ جۇل ھەم يەنە ئوبدان ئىگەر ئۈستىگە سەپ چىقتىم ،
ساتىلماي قالماغىيدى دەپ تۈمەنمىڭ غەمنى يەپ چىقتىم ،
نەدامەت ئەيلەبان ، قالدىم ئەجەب بىچاغ زەلالەتتە .
كى ئاندىن ئىككى ئاي باقتىم پىچانغە روزى – شەب باغلاپ،
سىلاپ جىسمىنى مەن ھەر كۈندە كۈنجۈت ياغىدا ياغلاپ ،
بوغۇزنى قايناتىپ بەردىم ، يېدى ھەرچاغ ئۆزى چاغلاپ ،
بېدىكلەر ئولىشىپ يالغاننى ئايتىپ ، ئانچىنان داملاپ ،
ئەخىر ساتتىم نېسىغە ، بىر قەلەمدار ئالدى مۆھلەتتە .
شىكايەتكە ئاغىز ئاچسام ئارام ئالماي قىلارمەن داد ،
قۇتۇلدۇم ئۇشبۇ ئاتتىن ، بولدى كۆڭلۈم قايغۇدىن ئازاد ،
سۇنۇپ پۇت – قولنى ياتقۇم ئەمدى راست رۇھى رەۋانىم شاد ،
نەزەرلەردىن ھەزەرلەر ئەيلەمەككە مىڭ قەسەملەر ياد ،
كى ئۆمرۈم ئۆتكۈسىدۇر دوست – يارانلارغە سەداقەتتە .
تۈشۈبدۇر ئاسماندىن ئون تۇلۇمدا لاف بىلەن يالغان ،
جەمىئى ئالەمغە بىر ھەسسە ، دۇلانغا توققۇزى قالغان ،
سەرىھ يالغان ئەمەسمۇ ئاتنى ئاتمىش تەڭگەغە ئالغان ،
بۇ ئاتمىش تەڭگەدىن تەھقىقكى ئوتتۇز تەڭگەنى سالغان ،
غەنى بولغان ئىكەنسەن ئەسلىدىن شۇنداق خىيانەتتە .
ئۆزۈڭ موللا بەرادەر ، بىنەھايەت نەفسىڭىز غالىب ،
چىرايىڭ خۇب سەلافەتلىك ، بىلۇرمەنكىم دىلىڭ قالىب ،
بولۇپدۇرسەن بېرىپ ئاندا كىشىنىڭ ھەققىغە تالىب ،
كۈنۈڭ ئوبدانمىدۇر ، ئەي يار ، مېنىڭ ھەققىمنى ئېپ قالىپ ،
كۆچۈرۈپ روزىغارىڭنى يۈرۈپسەنمۇ ھەلاۋەتتە .
سېنى مۇفتى دېگەن بىرلەن ، تۈزۈك ئانچە ساۋادىڭ يوق ،
سېنىڭ ھەق بىرلە ناھەقنى بىلىش چاغلىق ئىمانىڭ يوق ،
ساداقەت يارۇ دوستلارغە ئۈمىدۇ ئىئتىقادىڭ يوق ،
قارىنداش ، ئەلگە ، تۇغقانغە تارىغچە ئىئتىمادىڭ يوق ،
ئىشەنگەي كىم ساڭا ئەمدى ، بەرادەر ، ئۇشبۇ ھالەتتە ؟
نامۇس قىل خەلقى – ئالەمدىنكى ، سالىم سەن ، ئەمەس بىمار ،
خىيانەتلىك قىلىپ شۇنچە ، خىجىللىق ئەيلەمەك دەركار ،
مېنىڭ ھەققىمنى يەپسەن ، خەير ، يېمەگىل ئۆزگەنىڭ زىنھار ،
كىشىنىڭ ھەققىنى يەپ ، مىڭ ئىبادەت قىلغانىڭ بىكار ،
سەئىي بىرلە تۈنۈ كۈن ئۇخلىماي تۇرساڭمۇ تائەتتە .
ماڭا ئول ئات ئۈچۈن دائىم ئۆيۈمدە كۆپ مەلامەتتۇر ،
يېمەك بىر ئاتتا ئوتتۇز تەڭگەنى قانداق خىيانەتتۇر ،
يەقىنلاشقاچ قىيامەت ، بەد نىيەتلىك ئەلامەتتۇر ،
مېنىڭ قالغان پۇلۇم بىر نەچچە كۈن سەندە ئەمانەتتۇر ،
بېرەدۇرسەن ئۇنى تاڭلا تلۇق روزى قىيامەتتە .
مەنبە:
شىنجاڭ يازغۇچىلىرى