رەئۇف پەرفى شېئىرلىردىن
( ئۆزبېكىستان)
ئۆزبېكىچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى : يالقۇن ئەزىزى
باغچا ساراي فونتانى
غەمكىن فونتان، تىنماي يىغلايسەن،
ھەسرەتلەردە بولمايسەن ئادا.
كىملەرنىدۇر بەلكىم يوقلايسەن،
كىملەردىندۇر بولغايسەن جۇدا.
سان-ساناقسىز مەلەك قېشىڭدا،
تۆككەن بولسا ساڭا يېشىنى.
شۇندىن بېرى يىغلايسەن بەلكىم،
غەمكىن فونتان، ئىگىپ بېشىڭنى.
كۆڭۈل ئۈچۈن ئاخىرى كۈلمەيسەن،
سەن يىغلايسەن ھامان بىچارە.
كۆرگىنىڭنى نىچۇن بىلمەيسەن،
بىر گەپ قىلىپ سالغىنا زارە...
شۇ زەڭگەررەڭ ئاسمان ئاستىدا
خىياللاردەك بىپايان ئالەم،
بىر چېكىتتەك ئالەم ئۈستىدە
قىرىم دېگەن بىر مەملىكەت ھەم.
غەزەپلىك، بىشەپقەت، گارايلار...
ئۆزۈڭ غۇۋا، كۆز يېشىڭ غۇۋا،
ئۆتتى ئايلار، يىللار، ئەسىرلەر،
نېمە ئۆتتى باشلىرىڭدىن ئاھ ؟!
غەمكىن فونتان، تىنماي يىغلايسەن،
ھەسرەتلەردە بولمايسەن ئادا.
كىملەرنىدۇر بەلكىم يوقلايسەن،
كىملەرنىدۇر كۈتۈسەن سادا !
بىر لەھزە داستانى
مەن ئۆزۈمنى يوقاتتىم شۇتاپ،
مەن ئۆزۈمنى يوقاتتىم تامام.
قەيەرلەردە قالدىم مەن ئۆزۈم،
قەيەرلەردە ئېيتىڭ بۇ زامان؟
بىر ئادەمنىڭ قېشىدا بەلكى
تىترەپ تۇرار شام كەبى غېرىب.
كوچىلاردا تەمتىرەپ ياكى
دادلاپ يۈرەر مېنى ئاختۇرۇپ.
شۇنچە سەرسان، شۇنچە سەرگەندان،
يۈرىكىدە لەھزىلىك قايغۇ.
قاي ئادەمنىڭ كۆزىگە نالەن،
ئىلتىجادا تەلمۈرىدۇ ئۇ؟
بىر لەھزىدە زۆرۈر بۇ سىتەم،
لەھزە ئىچرە يىغلايدۇ كۆزۈم.
ياپراق بولۇپ ئاياغ ئاستىمدا
غازاڭ بولغان ئاھ! مېنىڭ ئۆزۈم.
لەھزىلەرگە بەرمەيدۇ قويۇپ،
كىمدۇر زەنجىر بىلەن باغلايدۇ.
كىمدۇر «ساڭا ئۆزلۈك نېمە»دەپ
ئۆلتۈرمەككە مېنى چاغلايدۇ.
مەن ئۆزۈمنى يوقاتتىم شۇ تاپ.
مەن ئۆزۈمنى يوقاتتىم تامام.
قەيەرلەردە قالدىم مەن ئۆزۈم.
قەيەرلەردە ئېيتىڭ بۇ زامان ؟