كۆنەرمەنمۇئەمدى مەن
دەرىت-ئەلەم بوينۇمغا نوختاسالدى قاتمۇ-قات،
ۋايجان دىسەم تولغۇنۇپ دەيدۇ سىلكىپ شۇك،جىم يات،
يۈگەن سالسا كۆنگەندەك يايلاقتىكى ياۋا ئات،
دەرت-ئەلەم ئازاپقا كۆنەرمەنمۇئەمدى مەن.
قېچىپ يۈردۈم تېيىشىپ تۇتۇق بەرمەي ئازاپقا،
قوغلاپ يۈرۈپ ئاخىرى ئىلىندۇردى تۇزاققا،
تىپىرلىدىم ئىلاج يوق قاچالمىدىم ھىچ ياققا،
مەھبۇس بۇلۇپ ئازاپقا كۆنەرمەنمۇئەمدى مەن.
بويۇن ئەگمەي تەن بەرمەي كەلسە نى-نى چوڭ ئازاپ،
ياشاپ كەلدىم مەردانە مەيدە كىرىپ قاقاھلاپ،
تاقەت تۈگەپ بۇنۆۋەت بۇلالمىدىم ھىچ چىداپ،
پۈتمەس ئەلەم -ئازاپقاكۆنەرمەنمۇئەمدى مەن.
ھەريان قاراپ تەلمۈردۈم كىم قۇتقۇزار مىنى دەپ،
دەرياكەبى ئاقتى ياش قاينار ئىچىم زەھەر يەپ.
ئاڭلىيالماي پات ئارا نىجاتلىقتىن ياخشى گەپ،
ئاچچىق ئەلەم-ئازاپقا كۆنەرمەنمۇئەمدى مەن.
كۆنمەي دىگەن ئازاپقا كۆنۈپ كەتتىم نائىلاج،
خوشلىق قۇچاق ئاچمىدى تەلىيممۇ بەلكىم كاج،
تىرىشچانلىق غەيرىتىم بىرەلمىدى شاتلىق تاج،
مەھكۇم بۇلۇپ ئازاپقا ئۆلەرمەنمۇئەمدى مەن.