چىنتۈرك مۇنبىرى

جەمئىي مىكروبلوگ 1456 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • yadikar ئۈلۈشكۈن 00:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    مەرھۇم مويدىن سايىتنىڭ ئاخىرەتلىكى ئاسان بولغاي!

  • eleyas ئۈلۈشكۈن 16:23 [ئىنكاس(0)] [...]

    نىمىنى بەكرەك ياقتۇرساڭ ،شۇنەرسە  سىنىڭ ئ‍ىمتاھانىڭدۇر. جالالىددىن رۇمى…

  • huxhuy ئۈلۈشكۈن 00:50 [ئىنكاس(0)] [...]

    پاسئان-نىڭ مەنىسىنى بىلىپ قويۇڭ!

  • dohturbiz تۈنۈگۈن 23:14 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلايكۈم ئۇستازلار تىچلىكمۇ يىقىندىن بىرى  تىما يوللىيالمايۋا...

كۆرۈش: 129|ئىنكاس: 0

ئامەت كۈلۈپ باقمايدۇ تىنىچلىقنى سۆيمىسەڭ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
تىنىچلىقنى سۆيمىسەڭ
نىمە ئۈچۈن تۇغۇلۇپ  نىمە  ئۈچۈن ياشايسەن؟
ئۆمۈر كۆرۈپ نەچچە يىل  ئاخىر نەگە بارىسەن؟
ئۆمرۈڭ تۈگەپ ئۆلگىچە  قايسى يولدا ماڭىسەن؟
سۇئال جاۋاپ تاپمايدۇ  تىنىچلىقنى سۆيمىسەڭ.

تىرىك يۈرۈش ئىنساننىڭ  چوڭ ئارزۇسى غايىسى،
مىڭ يىل ئۆمۈر كۆرسىمۇ كەلمەس ھەرگىز ئۆلگۈسى،
بىلسەڭ ھايات قەدرىنى تىگەر چەكسىز پايدىسى،
ھايات مەنا تاپمايدۇ  تىنىچلىقنى سۆيمىسەڭ.

بۈگۈن مانا تۇغۇلۇپ ئەتە ئۆلۈپ كىتەمتىڭ؟
ياكى ياشاپ بىرئۆمۈر مۇرادىڭغا يىتەمتىڭ؟
شان-شەرەپكە ئىرىشمەي ئىز-دىرەكسىز كىتەمتىڭ؟
غەلبە قۇچاق ئاچمايدۇ تىنىچلىقنى سۆيمىسەڭ.

قانائەت قىل بېرىغا ئارتۇقىنى ئىزدىمە،
نەپسى دىگەن تويماستۇر يەنە يىسە ھە دىمە،
قويۇپ بەرسەڭ مەيلىگە پۈتمەس ئاڭا كام نىمە،
ھالاكەتكە باشلايدۇ تىنىچلىقنى سۆيمىسەڭ.

سەن ئەقلىڭنى ئىشلىتىپ ياراتماقچى كەشپىيات،
توپلاپ ئىلىم ،تەجرىبە ئېپ بارماقچى تەتقىقات،
قۇرۇپ ئىلغار زاۋۇتنى چىقارماقچى مەھسۇلات،
پىلان ئىشقا ئاشمايدۇ  تىنىچلىقنى سۆيمىسەڭ.

بىرنى ئىككى قىلاي دەپ   پىلان تۈزەرسودىگەر،
جىقراق ھۇسۇل چىقسا دەپ دىھقان يەرگە تەلمۈرەر،
يەتمەك بۇلۇپ ئارزۇغا قىشتا يازدا تەرتۆكەر،
ئامەت كۈلۈپ باقمايدۇ تىنىچلىقنى سۆيمىسەڭ.

ئىسلام دىنى((تىنىچلىق  دىنى))دىگەن نامى بار،
قەلىبلەرگە نۇر چېچىپ زۇلۇمەتتىن  قۇتقۇزار،
چەكلەپ ئۇرۇش-جىدەلنى تىنىچلىققا يول ئاچار،
ئىسلام نۇرىن چاچمايدۇ تىنىچلىقنى سۆيمىسەڭ.

قولدىن كەتسە تىنىچلىق يىغلىغانغا كەلمەيدۇ،
ئاھ ئۇرساڭمۇ يالۋۇرۇپ خۇدا ئاسان بەرمەيدۇ،
گاڭگىرايسەن ھەيرەتتە بالا-قازا كەل دەيدۇ،
ئاپەت سەندىن قاچمايدۇ   تىنىچلىقنى سۆيمىسەڭ.

چۈچىرىنى  خام ساناپ  تىنىچلىقنى بۇزماڭلار!
ئۇچلاپ قويغان قوزۇققا تىنىڭلارنى ئۇرماڭلار!
تىنىچلىقنى كىم بۇزسا بۇتتەك قاراپ تۇرماڭلار!
خەلق سىنى تاشلايدۇ  تىنىچلىقنى سۆيمىسەڭ.

چىشنى بىلەپ ھالاكەت يېقىن يەردە يۈرمەكتە،
بىزنى قانداق يىيشكە رەزىل پىلان  تۈزمەكتە،
ئەقلى ھۇشى بار ئادەم ئۇرۇپ قوغلاپ  سۈرمەكتە،
بالا-قازا يامرايدۇ تىنىچلىقنى سۆيمىسەڭ.

تىنىچلىق يوق شۇ ئەللەر نىمە كۈننى كۆرۈشتى،
تاشلاپ ئانا يۇرتىنى يات ئەللەردە يۈرۈشتى،
ئۇرۇش ئاپەت ئوتىدا ئىز-دىرەكسىز ئۆلۈشتى،
جاھان تىنىچ بولمايدۇ تىنىچلىقنى سۆيمىسەڭ.



چىنتۈرك مۇنبىرى-بىلدۈرگۈسى!1.مەزكۇر تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئىش بولسا بىۋاستە ئىنكاس قالدۇرسىڭىز بولىدۇ.2.چىنتۈرك مۇنبىرىدىكى تېمىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىجادى تېمىلار بولۇپ،مۇنبىرىمىزگە تەۋەدۇر.كۆچۈرۈپ باشقا بىكەت ۋە ئۈندىدارغا يوللىماقچى بولسىڭىز چوقۇم مۇنبەر مەسئۇلىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشىڭىز لازىم. 3.ئەگەرمۇنبىرىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ باشقا تارقىتىش ۋاستىلىرىدا تارقىتىپ قويۇپ ئاپتورلۇق ھوقۇقى مەسىلىسى كېلىپ چىقسا بارلىق ئاقىۋەتكە كۆچۈرۈپ يوللىغۇچى مەسئۇل بولىدۇ. ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت. چىنتۈرك مۇنبىرى باشقۇرۇش ھەيئېتى.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ھەقىقەت نوپۇزنىڭ ئەمەس،ۋاقىتنىڭ بالىسىدۇر(.برېھت)

چىنتۈرك مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

چىنتۈرك مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار،ئۈندىدار سالونلاردا تارقاتقانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۈندىدار ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە چىنتۈرك مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، چىنتۈرك مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ. چىنتۈرك مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش ئالاقىلشىڭ QQ توپلىرى

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|新ICP备11003671号|چىنتۈرك مۇنبىرى

GMT+8, 2016-3-26 12:11 , Processed in 0.192006 second(s), 30 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش