شېئىرلار
مۇھەممەد كامال خۇشخۇي
دېرىزەسىز،تۈڭلىكى بار ئاددى ئۆي
دېرىزەسىز،تۈڭلىكى بار ئاددى ئۆي،
مەن سېنىڭدە كۆزۈم ئاچقان ھاياتقا.
ماڭا بولغان ئۆزۈڭ خالىس پەرۋىشكار ،
ئىگە قىلغان ھەمدە قەلەم- قاناتقا.
ئۇچۇرما بوپ چىققان سەندە بەش قۇشقاچ،
بەش ئايماققا ئۇۋا سالدۇق گۈل چېكىپ.
ئۇۋىمىزنى قىزىتىشقا بېرىلىپ،
تەرك ئەتتۇق سېنى شۇنداق دو تىكىپ.
كىرسەم ھەردەم بېشىم ئېگىپ سالامغا،
سەبىيلىكنىڭ گۈلزارىغا تاشلايسەن.
ياتسام تاشلاپ ۋۇجۇدۇمنى باغرىڭغا،
چىن تۆمۈرنىڭ چۆچىكىنى باشلايسەن.
كاۋ- كاۋ كۈچۈك پۈتلىرىمنى يالايدۇ،
مىسران قىلىچ يالتىرايدۇ كۆزۈمچە.
چاچلىرىنى مەختۇمسۇلا ھەدەمنىڭ،
مەجنۇنتالغا تەققاسلايمەن ئۆزۈمچە.
قان قۇسىدۇ يەتتە باشلىق يالماۋۇز،
مىسران قىلىچ ئاڭا سوغۇق باققاندا.
چىلىق-چىلىق ھۆل بولىدۇ قول ياغلىق،
كەچمىشلىرىم يامغۇر بولۇپ ياغقاندا.
كېتەلمىدى سېنى بوران يا چاپقۇن،
ئانا تۇپراق دىدارىدىن ئۆچۈرۈپ.
دېرىزە يوق،تۈڭلىكى بار ئاددى ئۆي،
ئالدىم سېنى يۈرىكىمگە كۆچۈرۈپ.
كۆك تاشلىق خاتىرە
يۈرەكلىك ئۆرۈسەم گۈلگۈن بېتىڭنى،
چېھرىمگە تارايدۇ شەپەقتىن جۇلا.
تىلىمغا يۆگىسەم تونۇش ئېتىڭنى،
قەلبىمدە چاراقلاپ كۆيەر ئوت-لاۋا.
ئون سەككىز غۇنچىدىن پورەكلەيدۇ گۈل،
بىرىنچى قۇرۇڭنى ئەيلىسەم زىكرى.
بېشىمدا شوخلۇنۇپ سايرايدۇ بۇلبۇل،
ئېڭىمدا كەچمىشنىڭ راۋاندۇر پىكرى...
بېغىمغا بىر ئۆمۈر گۈللەرنى تەردىڭ،
ئاشسىمۇ ساناقتا يېشىڭ ئوتتۇزدىن.
ھەر قەدەم يولۇمغا كۆرسەتمە بەردىڭ،
يۈرمىدىم بەختىمنى ئىزدەپ يۇلتۇزدىن.
قېتىڭدا قۇرۇغان ئارچا ياپرىقى،
بەرگىدە دىلبەرنىڭ يارقىن سىيماسى.
ئۇرۇلۇپ دىماققا خۇشھىد پۇرىقى،
چىللايدۇ باغرىغا يارنىڭ ئىماسى.
تاپىمەن ياشلىقنىڭ نۆۋەر چېغىنى،
ھۆسنۈڭدە سايرىغان قۇشلار
كۈيىدىن.
ھەر قۇرۇڭ يۇيىدۇ يۈرەك دېغىنى،
ئىچكەندەك جەننەتنىڭ كەۋسەر سۈيىدىن.
سەھرا كۈيلىرى
مومامنىڭ چېچىدەك ئاپپاق پاختىلار،
سىن بەرگەن چېھرىڭدە چاقنايدۇ قۇياش.
ئالتۇندىن رەڭلەنگەن باغلارغا بۇ دەم،
باغۋەننىڭ پاك تېرى بولىدۇ قاياش.
ئىزىمدىن ئەگىشىپ كەلگەن قۇم تۇپراق،
پۇرايدۇ ئانامنىڭ سۈتىدەك خۇشبۇي.
يېشىل تون يېپىنغان ھويلاڭدا بىر تۈن،
قاقمىدىم كىرپىكنى چىرماپ تاتلىق ئوي:
ياشلىقتا چۆمۈلگەن ئىرىق بويىدا،
پارلايدۇ مارجاندەك ئىزلىرىم تال-تال.
مارايدۇ تاللىقنىڭ شورىدىن پىنھان،
ئوتۇمدا كۈل بولغان قىزلىرىڭ يال-يال.
قويلارغا ئوت ئالغان كۇجۇم قوناقلىق،
يادلايدۇ ئىسمىمنى تىنماي شىلدىرلاپ.
مەن چالما تاشلىغان زۇمرەت كۆللەردە،
قارا قومچاق قىزلارنىڭ جامالى ئاپتاپ.
ۋىسالغا گۇۋاھچى كۈمۈش جىگدىلەر،
يەلپۈنەر ئۈستۈمدە سەلكىنگە تەڭكەش.
پادىلار سۇ ئىچكەن ئەگرى ئىرىقتا،
زۇمرەتتەك كەپسىز سۇ ياسايدۇ ئۆركەش.
قويلارنىڭ مەرىشى گۇياكى
ناخشا،
تارقايدۇ قۇلاقتىن-قۇلاققا كۈيدەك.
زېمىستان كەچلىرى بولماس ھېچ بىر ئۆي،
دېھقاننىڭ مەشرىپى قاينىغان ئۆيدەك.
قايتىمەن قەلبىمگە سىغماي ھاياجان ،
بالىلىق كەچمىشكە چۆمۈپ قانغىچە.
خىيالىم يىپلىرى سايراپ دۇتاردەك،
ياڭرايدۇ سەھرادا كۈيلەر تاڭغىچە.
مەنبە: ‹‹گۇما مەدەنىيىتى››ژۇرنىلىنىڭ 2015-يىللىق 1-سانىدا ئېلان قىلىنغان.