يەنە «نەزەرىيە تەتقىقاتىدىكى ‹ساختا پەن› گە قاچانغىچە سۈكۈت قىلىمىز؟»
ئابدۇۋەلى كەرىم
‹شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونۋېرستىتى ئىلمى ژورنىلى›نىڭ2005-يىللىق 2-سانىدا شۇ ناملىق ماقالە ئېلان قىلىنىپ ،باشقىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوغۇرلۇقچە كۆچۈرۈۋېلىش ئارقىلىق كىتاپ تۈزۈپ نەشىر قىلدۇرۇشتەك ‹ساختا پەن› بىلەن شۇغۇللىنىش قىلمىشى پاش قىلىنغان ئىدى.شۇندىن بېرى 10 يىل ئۆتۈپتۇ،‹ساختا پەن› بىلەن شۇغىللىنىش قىلمىشى ئەشۇ بىر ئاپتۇردىن باشقا كىشىلەردە سادىر بولمىغاندەك ئوقۇرمەنلەر ئىچىدە مۇناسىپ ئەكىس-سادا پەيدا بولمىدى.بىز ئۆگىنىپ قالغان ‹بىپەرۋالىق›ئادىتىمىز بويىچە،جىددى مۇئامىلە قىلىشقا تېگىشلىك بولغان بۇ ئىنتايىن ئۆتكۈر ،تەخىرسىز مەسىلىگىمۇ بىپەرۋا مۇئامىلە قىلىپ،سۈكۈت ئىچىدە يەنە بىرقانچە يىلنى ئۆتكۈزۈۋەتتۇق.بۇخىل پاسسىپ پوزىتسىيە ‹ساختا پەن›نىڭ رايۇنىمىزدا مەۋجۈت بولمىغانلىقىدىن ئەمەس،بىزنىڭ ئاتالمىش ‹ساختا پەن›نى ھەقىقى رەۋىشتە تونۇپ،ئۇنىڭ ئىلىم-پەن،نەزەرىيە تەتقىقاتىغا كەلتۈرىدىغان تالاپەتلىرىنى،مىللەتنىڭ،دۆلەتنىڭ ئار-نامۇسىنى بۇلغايدىغان،باشقىلارنىڭ«ئەسەر ھوقۇقى »،«ئەقىلى مۈلۈك ھوقۇقى » قاتارلىق قانۇنى ھوقۇقلىرىغا دەخىل-تەرۈزيەتكۈزىدىغان قانۇنسىز قىلمىشلىرىنى تونۇپ يېتەلمىگەنلىكىمىزدىن بولغان.
1
90-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ ئىچكى ئۆلكىلەردە قانات يايدۇرۇلغان ‹ساختا پەن› گە قارشى كۈرەش ئېلىپ بېرىشتا ئاۋانگارت رول ئوينىغان جوڭگۇ پەنلەر ئاكادىمىيەسىنىڭ ئاكادىمىكى،پىراپىسسۇر خى زۇشىيۇ ئەپەندى:«ئىلىم-پەننىڭ دۆلەت چېگرىسى،مىللەت چېگرىسى بولمىغىنىدەك ‹ساختا پەن›نىڭمۇ دۆلەت چېگرىسى،مىللەت چېگرىسى بولمايدۇ»،« ‹ساختا پەن› بىلەن ئادەتتىكى ئىلمى خاتالىقلار ئوتتۇرىسىدا پىرىنسىپال پەرىقلەر بار.ئىلمى خاتالىقلار بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن ئېنىقلىنىدۇ ۋە ئۇنى تۈزىتىۋالغىلى بولىدۇ.‹ساختا پەن› نى ھەرگىز تۈزىتىۋالغىلى بولمايدۇ.‹ساختا پەن›گە قارشى تۇرۇش پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتىغا چېتىلىدىغان،مىللەتنىڭ ساپاسىنى يوقۇرى كۆتىرىشكە مۇناسىۋەتلىك مەسىلە.شۇڭا ‹ساختاپەن›گە قارشى ئوت ئېچىپ،ئۇنى ئىلىم-پەن ساھەسىدىن ئۈزۈل-كېسىل تازىلاپ چىقىرۋېتىشىمىز كېرەك»(‹شىئەن مائارىپ ئىنىستىتۇتى ئىلمى ژورنىلى› خەنزۇچە،96-يىل 2-سان) دېگەن كەسكىن تەشەببۇسىنى ئوتتۇىغا قويغان ئىدى.دەر ۋەقە ‹ساختا پەن ›بىلەن شۇغۇللىنىش چەت ئەللەردە،ئىچكى ئۆلكىلەردىلا ئەمەس ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ ئادىمىيەت پەنلىرى ۋە ئىجتىمائى پەنلىرى تەتقىقاتى ساھەسىدىمۇ ئوبىكتىپ مەۋجۈت بولۇپلا قالماستىن، بەلكى تېخى ‹تىغ تەگمىگەن جاراھەت› سۈپىتىدە ئېغىز ئالالماي بىقسىپ تۇرماقتا.
ئىلىم-پەن ،نەزەرىيە تەتقىقاتى ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش قورالى.،ئۇ ھەرگىزمۇ تەكرار ئىشلەپچىقرىش ئەمەس.مۇكەممەل ئىلمى ئىزدىنىش،يېڭىلىق يارىتىش،ئىجات قىلىش،كەشىپ قىلىش ئۇنىڭ مۇقەددەس ئۆلچىمۇ بولۇشى لازىم.‹ساختا پەن›گە قارشى تۇرۇش نەزەرىيە تەتقىقاتىمىزدىكى كەسپى ئەخلاق ۋە ئىستىلدا پاك-دىيانەتلىك بولۇش مەسىلىسىلا بولۇپ قالماستىن ،ئۇ ھەم ئېلىمىزنىڭ قانۇنچىلىق قۇرۇلىشىغا مۇناسىۋەتلىك ئۆتكۈر مەسىلە.شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ‹ساختا پەن›گە قارشى كۈرەش ئېلىپ بارغىنىمىزدا بىر تەرەپتىن، ‹ساختا پەن›بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ باشقىلارنىڭ دەخىل-تەرۈزسىز بولغان «ئەقلى مۈلۈك ھوقۇقى» ۋە «ئەسەر ھوقۇقى»غا دەخىل-تەرۈز يەتكۈزۈشتەك قىلمىشلىرىنى پاش قىلىش،تەنقىد قىلىش بىلەن جامائەت پىكرى ئارقىلىق سۈرۈشتۈرۈش،يەنە بىر تەرەپتىن؛قانۇنى جاۋاپكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشتەك ئۇسۇللارنى تەڭ قوللىنىپ،مۇرەسسەسىز ھالدا ھەم دەل ھەم كەسكىن قانات يايدۇرىشىمىز لازىم.
‹ساختاپەن› بىر پارازىت سۈلۈك.تەبىئەت دۇنياسىدىكى پارازىت سۈلۈكلەر باشقا جانلىقلارنىڭ ھايات پائالىيىتىگە تايىنىپ ھايات كەچۈرگىنىگە ئوخشاش،‹ساختا پەن›مۇ ھەقىقى ئىلىم-پەن،نەزەرىيە تەتقىقاتىغا چاپلىشىۋېلىپ ئىلىم-پەننىڭ ئۇل-ئەسلاھا قۇرۇلىشىغا،سىجىل تەرەققىياتىغا ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ.‹ساىتا پەن› ئازساندىكى ئىلىم-پەن قويمىچىلىرىنىڭ خىلمۇ-خىل يوچۇقلاردىن پايدىلىنىپ،ئۆزلىرىنىڭ ھەددىدىن ئاشقان مەنپىئەتپەرەسلىكىنى قاندۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ،ئىلىم-پەننىڭ ساغلام راۋاجلىنىشىغا خەۋىپ-خەتەر يەتكۈزۈپلا قالماستىن پۈتۈن دۆلەت،پۈتۈن مىللەتنىڭ نوپۇزىنى بۇلغايدىغان ئەڭ قەبىھ قىلمىش.نوۋەتتە مائارىپ،ئىلىم-پەن،ئادىمىيەت ۋە ئىجتىمائىي پەنلەرنىڭ سىجىل تەرەققىياتىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈشتە ئالدى بىلەن ئۇل-ئەسلاھە قۇرۇلىشىنى ئالدىنقى ۋەزىپە سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ ئېلىپ بېرىش تەشەببۇس قىلىنىۋاتقان شارائىتتا ‹ساختا پەن›نىڭ ئۇل-ئەسلەھە قۇرۇلىشىغا كەلتۈرىدىغان زىيىنىنى ئېنىق تونۇپ،ئۇنى نەزەرىيە تەتقىقاتى ساھەسىدىن تەل-تۆكۈاس تازىلىماي تۇرۇپ ،ئۇل-ئەسلەھە قۇرۇلىشىنى ساغلام ۋە پۇختا قۇرۇپ چىقىش مۈمكىن ئەمەس.شۇڭا بىر قولىمىزدا ئۇل-ئەسلەھە قۇرۇلىشىنى چىڭ تۇتىش بىلەن يەنە بىر قولىمىزدا ‹ساختا پەن›گە قارشى كەسكىن ئوت ئېچىپ،‹ساختا پەن› ئەخلەتلىرىنى تەل-تۆكۈس تازىلاپ ھەم قانۇن بويىچە قاتتىق ۋە دەل بىر تەرەپ قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭ مۇندىن كېيىن يەنە باش كۆتىرتىپ چىقىپ تەتقىقات ساھەمىزنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز لازىم.
ئېلان قىلىنغان،نەشىر قىلىنغان ئەسەرلەرنىڭ ئىلمى قىممىتى ۋە ئىشلىتىلىش قىممىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ھەرقايسى گېزىت-ژورناللار،نەشىرىيات ئورۇنلىرىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتى.شۇڭا ئەسەرلەرنىڭ سۈپەت ئۆلچىمىنى چىڭ تۇتۇش،ئادەتتىكى ئاپتۇرلارنىڭلا ئەمەس ،ھەتتا نوپۇزىنى تىكلىگەن ئاپتۇرلارنىڭ ئەسەرلىرىگىمۇ يوقۇرىقى مەسىلىلەر دائىرىسىدە قاتتىق تەلەپ قويۇپ،ئەستايىد ىل پىكىر يۈرگىزىپ ئۇلارنىڭ ‹ساختا پەن › ئەخلەتلىرى
4
بولۇپقالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش،سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ تۈپ پىرىنسىپى قىلىنىشى لازىم.بىراق نەشىرياتچىلىقىمىزدا يوقۇرقىدەك پىرىنسىپال مەسىلىلەرگە ئەھمىيەت بېرىش يېتەرلىك بولمىغاچقا ،ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزنىڭ قانۇنى چۈشەنچىمىز،قانۇنى قوغدىلىشىمىز ئىنتايىن تۆۋەن بولغاچقا ناھايىتى ئاز ساندىكى ‹ساختا پەن› قويمىچىلىرى بۇنداق يوچۇقلاردىن پايدىلىنىپ نەزەرىيە تەتقىقاتى ساھەسىدە «ئەقلى مۈلۈك قانۇنى» ۋە «ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى» غا خىلاپ قويمىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ،باشقىلارنىڭ قانۇنى ھوقۇق-مەنپىئىتىگە دەخىل تەرۈز يەتكۈزۈشتەك قىلمىشلارنى سادىر قىلدى.مەسىلەن:«ئىلى خەلق ناخشىلىرىنىڭ تارىخى بايانى» ناملىق كىتاپ ئەنە شۇنداق قويمىچىلىق بىلەن قۇراشتۇرۇپ چىقىلغان‹ ساختا پەن› ئەخلەتلىرىنىڭ بىرسى .نىمە ئۈچۈن بۇنداق دەيمىز؟ «پاكىت مۇنازىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ» (ماۋ زىدوڭ)، شۇڭا بۇنىڭغا كىتاپنىڭ ئۆزىدە ئورۇن ئالغان تۆۋەندىكى پاكىتلارنىڭ ئۆزى جاۋاپ بەرسۇن :
بىرىنچى؛كىتاپنىڭ 18-بېتىدىن 48-بېتىگىچە بولغان ‹بىرىنچى قىسمى›(«ئىلى كىلاسسىك ناخشىلىرىنىڭ تارىخى يىلتىزى») مەرھۇم تارىخ
تەتقىقاتچىسى،يازغۇچى تېيىپجان ھادىنىڭ ‹ئىلى دەرياسى›ژورنىلىنىڭ
1980-يىلقى 2-سانىدا ئېلان قىلىنغان«ئىلىنىڭ بىر قانچە خەلق ناخشىلىرى ھەققىدە» ناملىق ئەسىرىنى ھېچقانداق ئىجازەتسىز ۋە ئىزاھاتسىز ھالدا كۆچىرىپ ئېلىپ گويا ئۆزىنىڭ ‹دەسلەپ مۇستەقىل ئىجات قىلغان ›
5
تەتقىقات نەتىجىسى سۈپىتىدە كىتاۋىغا كىرگۈزۈپ ئىشلىتىپ،‹ئەسەرنى ئىشلىتىش ھوقۇقى› نى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆزىنىڭ قىلىۋىلىش ئارقىلىق قۇراشتۇرۇپ چىقىلغان.گەررچە كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەن مەزمۇنلارغا تەقلىدى يول بىلەن ئانچە-مۇنچە بەزى زىغ-زىغلارنى قوشۇپ ئازتولا كېڭەيتكەن بولسىمۇ،ئەسلى ئارگىنالنىڭ كونتىرۇللىغىغا شۈنچە ئۇچۇرغانكى،ژورنالنىڭ 80-يىلقى يېڭى يېزىقتىكى نۇسخىسىدا خەت باسقۇچىنىڭ ئۇقۇملارنىڭ مەنىسىنى توغرا پەرق قىلالمىغانلىقىدىن خاتا بېسىلىپ قالغان ‹ مۇھىتىپ ئوغلى› دېگەن سۆز تۈزىتىلمەي ئەينەن كۆچىرىپ ئىشلىتىلگەن. بۇ سۆز ئەسلىدە ‹نازارەت قىلغۇچى› دېگەن مەنىدىكى ئەرەپچە‹مۇھتەسىپ› دېگەن سۆز بولۇپ،موللاناسىرنىڭ دادىسى خۇدا بەردىنىڭ مەنسەپ نامى‹مۇھتەسىپ ئاخۇن› دېگەن سۆزنىڭ قىسقارتىپ ئىشلىتىلىشى ئىدى. ژورنالنىڭ 80-يىلقى يېڭى يېزىقتىكى نۇسخىسىدا خاتا بېسىلىپ قالغان بۇسۆزنى كۆچەرگۈچىمۇ پەرق قىلىۋالالماي كىشى ئىسمى سۈپىتىدە ئەينەن كۆچۈرگەن.
ئىككىنچى ؛كىتاپنىڭ 49-بېتىدىن 63-بېتىگىچە بولغان بىر قانچە خەلق ناخشا-قوشاقلىرىنى،ناخشىلارنىڭ تىزىمى،‹تارانچى ناخشىلىرى› قاتارلىق بۇرۇن نەشىر قىلىنغان ماقالە،ئەسەرلەردىن ئىزاھاتسىز ھالدا كۆچۈرىپ كىرگۈزۈلگەن
ئۈچۈنچى ؛كىتاپنىڭ 64-بېتىدە بېرىلگەن‹ ئىككىنچى قىسمى›،120-بېتىدە بېرىلگەن‹ ئۈچۈنچى قىسمى›،176-بېتىدە بېرىلگەن
6
‹تۆتىنچى قىسمى› قاتارلىق كىچىك تېمىلاردا بايان قىلىنغان مەزمۇنلار
ئاپتۇر ئۆزىنىڭ 1995-يىلى نەشىر قىلىنغان« ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنىڭ ئىلى ۋاريانتى» ناملىق كىتاۋىنى ئەينەن كۆچىرىپ كىرگۈزۈش ئارقىلىق تۈزۈلگەن. بۇ مەزمۇنلار گەرچە ئاپتۇرنىڭ ئۆزىنىڭ ئەسىرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىدىن تەكرار پايدىلانغانلىقى بولسىمۇ،(بۇ ئەسەرنىڭ قانداق مەنبەلەرگە تايىنىپ يېزىلغانلىقى ئىزاھلاپ كۆرسىتىلمىگەن.) ئۇنىڭ ھېچقانداق ئىزاھاتسىز ھالدا ئالدىنقى ئەسىرىنى كېيىنكى كىتاۋىغا تولۇق كۆچۈرۈپ كىرگۈزۈپ، ‹دەسلەپ ئىجات قىلغان › يېڭى ئەسەر سۈپىتىدە باشقا نام بىلەن قايتىدىن نەشىر قىلدۇرىشى ئوخشاشلا‹ساختا پەن› بىلەن شۇغۇللانغانلىق بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.ئۇنداق بولمىغاندا ،ھەرقانداق ئادەم بىر ئەسىرىنى ئالدىدا بىر خىل نام بىلەن نەشىر قىلدۇرۇپ،ئۇندىن كېيىن باشقا نام قويۇپ يەنە يېڭى ئەسەر سۈپىتىدە نەشىر قىلدۇرسا بولىۋېرىدىغان غەلىتە ئەھۋال كېلىپ چىقمامدۇ ؟!
تۆتىنچى ؛كىتاپنىڭ 270-بېتىدىن 318-بېتىگىچە بولغان ماتىرىياللار پانتوسۇپنىڭ ‹تارانچى ناخشىلىرى› ناملىق كىتاۋىدىن ئىككىنچى قېتىم كۆچۈرۈپ كىرگۈزۈلگەن.
بەشىنچى ؛كىتاپنىڭ 322-بېتىدىن 338-بېتىگىچە بولغان ماتىرىياللار ئا.جارۇللايۇپ،ئا.ئابدۇللا،ت.شاۋدۇن،م.روزى،غ. بارات ، ئا. ئوسمان ،ب. ئەرشىدىنۇپ قاتارلىق ئاپتۇرلار تەرىپىدىن نەشىر قىلدۇرۇلغان كىتاپلاردىن
7
ھېچقانداق ئىجازەتسىز،ئىزاھاتسىز ھالدا كۆچۈرۈپ كىرگۈزۈلگەن.پەقەت كىتاپنىڭ يوقۇرىدا كۆرسىتىلمىگەن مەزمۇنلىرىلا بۇ قېتىم قوشۇلغان.شۇڭلاشقا ‹ئىلى خەلق ناخشىلىرىنىڭ تارىخى بايانى›ناملىق كىتاپ بىلەن ئۇچراشقان چوڭراق ياشتىكى ئوقۇرمەنلەربۇ كىتاپتا قايتىدىن بايان قىلىنىۋاتقان مەزمۇنلار بىلەن ئاللىقاچان ئۇچراشقانلىقىنى،ئىككىنچى تۈرلۈ ك قىلىپ ئېيتقاندا، ئۈستى-بېشى ئالماشتۇرۇلۇپ
ئۇپا-ئەڭلىكلەر بىلەن پەردەزلەنگەن كونا تونۇشى بىلەن ئۇچۇرشۇپ قالغاندەك ھېس قىلىشىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ كىتاپنى يوقۇرىدىكى پاكىتلارنىڭ ئىسپاتلاپ بېرىشىگە ئاساسەن ‹ئەقلى مۈلۈك ھوقۇقى قانۇنى› نىڭ ئۆلچەم بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپ يوللار بىلەن قانۇنسىز قۇراشتۇرۇلۇپ چىقىلغان ‹ساختا پەن ئەخلىتى›دەپ تونۇماي ئامالىمىز يوق.
ئەسەر ھوقۇقىنىڭ قوغدىلىش مۆھلىتى قانۇندا:« ئاپتۇر ۋاپات بولغاندىن كېيىنكى ئەللىك يىل بولىدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن.موشۇ مۆھلەت ئىچىدە ئەسەر ھوقۇقىغا ئىگە كىشى قانۇن بويىچە ئۆز ئەسىرىنىڭ ‹ئەسەر ھوقۇقى›دىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.مۇبادا باشقىلار بۇ ئەسەرنى ئىشلەتمەكچى بولسا،ئەسەر ھوقۇقىغا ئىگە كىشىنىڭ رۇخسىتىنىى ئېلىش بىلەن ئىشلىتىش ھەققى تۆلىشى لازىم دەپ بەلگىلەنگەن.(‹ئەقلقى مۈلۈك قانۇنى ›136-بەت)ئەسەر ھوقۇقى مۆھلىتى توشۇپ كەتكەندىن كېيىن ئومۇمنىڭ ئىشلىتىش دائىرىسىگە كىرىدۇ.ھەرقانداق كىشى بۇ ئەسەرنى ھەقسىز پايدىلانسا بولىدۇ.موشۇ بەلگىلىمىلەر بويىچە قارىغاندا پانتوسۇپ بىلەن يۈسۈپجان غاپپاررۇپنىڭ ئەسەرلىرىنى ھەقسىز ئىشلەتكىلى بولسىمۇ،باشقىلارنىڭ ۋاپات بولغىنىغا 50 يىل تولمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئىجازەتسىز ۋە ھەقسىز ئىشلەتكىلى بولمايدۇ.ئىشلىتىش توغرا كەلسە بەلگىلىمە بويىچە ئۇلارنىڭ ۋارىسلىرىنىڭ ئىجازىتىنى ئېلىش،ئىشلەتكەندىن كېيىن ھەق تۆلەش زۆرۈر بولىدۇ.«ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى» دا « باشقىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئىشلىتىش قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ. ئەسەر ھوقۇقى بىر خىل خاس ھوقۇق،مۇتلەق ھوقۇق،مۇستەقىل ئىگەللىنىدىغان ھوقۇق؛قانۇنى بەلگىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ ۋە ھوقۇقلۇق كىشىنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق كىشىنىڭ ھوقۇقلۇق كىشىنىڭ ھوقۇقىغا ۋە مەجبۇرىيىتىگە دەخلى قىلىشىغا بولمايدۇ.»،« ئەگەر باشقىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئەسەر ھوقۇقى قانۇنىدىكى قوغداش ۋاقت چېكى ئىچىدە ئىشلەتكەن بولسا،قانۇندا بەلگىلەنگەن رۇخسەت قىلىش ھېساپلانمايدۇ،شۇنداقلا مۇۋاپىق ئىشلىتىش ھېساپلانمايدۇ.چوقۇم رۇخسەت ئېلىشى،تېگىشلىك ھەق تۆلىشى كېرەك.بولمىسا،ھوقۇققا دەخىل تەرۈز قىلىش ھېساپلىنىدۇ.شۇڭا بۇ قىلمىش قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش خارەكتىرىگە ئىگە بولۇپ،ئەسەر ھوقۇقى قانۇنىدىكى ھوقۇققا دەخلى-تەرۈز قىلىش قىلمىشىنىڭ ئالدىنقى شەرتىنى ھازىرلىغان بولىدۇ » دەپ بەلگىلەنگەن.(‹ئەقلى مۈلۈك ھوقۇقى قانۇنى›195-196-بەتلەر،شىنجاڭ خەلق
9
نەشىرياتى 2001-يىلى 7-ئاي 1- نەشىرى) «ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى»نىڭ بۇ پىرىنسىپى دەل ئەسلى ئاپتۇرنىڭ ھوقۇق-مەنپىئىتىنى قوغداشنى مەقسەت قىلىدۇ.بۇ ‹ساختا پەن› بىلەن شۇغۇللىنىپ باشقىلارنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئوغۇرلۇقچە ئۆزىنىڭ قىلىۋالماقچى بولغان قويمىچىلارنىڭ قانۇنسىز قىلمىشلىرىنى چەكلەش ئۈچۈن توغرىدىن-توغرا قارىتىلغان.شۇنىمۇ تەكىتلەپ ئۆتىشىمىز زۆرۈركى ،«ئەقلى مۈلۈك ھوقۇقى قانۇنى»نىڭ پىرىنسىپ،بەلگىلىمىلىرى بويىچە تۆۋەندىكى ئىككى شەرتنى ھازىرلىغان ئاپتۇر قانۇن بويىچە «ھوقۇق-مەنپىئىتى قوغدىلىدىغان ئاپتۇر» بولالايدۇ.بىرىنچى؛ئۇ ئىجات قىلغان ئەسەر ‹مۇستەقىل ئىجادىيەت› بولۇشتىن ئىبارەت ئالدىنقى شەرتنى ھازىرلىغان بولىشى كېرەك.{ ‹ئىجادىيەت› دېگەن ئۇقۇمغا قانۇندا:«ئىجادىيەت-ئەدەبىيات-سەنئەت ۋە ئىلىم-پەن ئەسەرلىرىنى بىۋاستە ئىجات قىلىدىغان ئەقلى پائالىيەتنى كۆرسىتىدۇ.بو خىل ئىجادىيەت ئىككى خىل ئالاھىدىلىكنى ھازىرلىغان بولىشى كېرەك. بىرى؛ئوبىكتىپ دۇنيانى تونۇش ۋەئىپادىلەش ھەركىتى بولىشى كېرەك. ئىككىنچىسى؛بۇ خىل ھەرىكەت ئارقىلىق ئەدەبىيات-سەنئەت ۋە پەن-تېخنىكا ئەسەرلىرىنىڭ نەتىجىسىنى بىۋاستە ئىجات قىلغان بولىشى كېرەك»(‹ئەقلى مۈلۈك ھوقۇقى قانۇنى› شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى 2007-يىل 1-نەشىرى 52-بەت)}
ئىككىنچى؛ئەسەر «ئەسلى ئىجات قىلىنغان ئەسەر»دەپ تونۇلىشى كېرەك.بۇ ئۇقۇمنىڭ مەنىسى «باشقىلارنىڭ مەۋجۈت ئەسەرلىرىگە تايانماي،دەسلەپكى ئىجات
10
قىلىش ھەركىتىگە ئاساسەن مەۋجۈت بولغان ئەسەر» دېگەنلكنى بىلدۈرىدۇ.يوقۇرىدىكى قانۇنى بەلگىمىلەرنىڭ چۈشەندۈرۈلىشى بويىچە قارىغاندا ‹ئىلى خەلق ناخشىلىرىنىڭ تارىخى بايانى› ناملىق كىتاپ يوقۇرىقى بەلگىمىلەرگە ئۇيغۇن كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئاپتۇرىنى «ھوقۇق-مەنپىئىتى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدىغان ئاپتۇر» قاتارىغا كىرگۈزۈشكە بولمايدۇ.ئىككىنچى تۈرلۈك قىلىپ ئېيتقاندا:‹ئىلى خەلق ناخشىلىرىنىڭ تارىخى بايانى› ناملىق بۇ كىتاپ باشقىلارنىڭ مەۋجۈت ئەسەرلىرىگە تايىنىپ،ئۇلارنىڭ مەزمۇنلىرىنى تەقلىد قىلىش ئارقىلىق كېڭەيتىلىپ،ھەتتا ئەڭ مۇھىم ماتىرىياللارنى ئوغۇرلۇقچە كۆچۈرۋېلىش ئارقىلىق پەيدا بولغان پۈتۈنلەي ‹ساختاپەن ئەخلەتلىرى›گە مەنسۈپ ئەسەر بولۇپ چىققان.شۇڭا بۇ كىتاپ كەسپى ئەخلاقتا پاك،دىيانەتلىك بولمىغانلىقنىڭ بىر ئىپادىسى بولۇپلا قالماستىن ،قانۇنسىز ھالدا باشقىلار بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك
ئەسەر ھوقۇقىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش قىلمىشىنىڭ نەتىجىسى بولۇپ چىقىپ ‹ئەقلى مۈلۈك ھوقۇقى قانۇنى› نىڭ بەلگىمىلىرى بويىچە تەپتىش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىشقا تېگىشلىك قىلمىش دېلۇسى پەيدا قىلغان.
دۆلىتىمىزنىڭ ئەسەر ھوقۇقىنى قوغداش تۈزۈمى ئاران يىگىرمە نەچچە يىللىق تارىخقا ئىگە،غەرىپتىكى دۆلەتلەرنىڭ ئەسەر ھوقۇقىنى قوغداش تۈزۈمىگە سېلىشتۇرغاندا بىزنىڭ ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى ئېڭىمىز،قانۇنى چۈشەنچىمىز ۋە قانۇنى قوغدىلىشىمىز ئىنتايىن ئارقىدا (ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى ئېڭى يېتەرسىز)
11
بولغانلىقتىن رايۇنىمىزدا ئەسەر ھوقۇقىغا دەخىل-تەرۈ ز قىلىدىغان قىلمىشلار ئادەتتىكى ئىشلار قاتارىدا ئومۇملىشىپ قالدى.شۇڭا ئەسەر ھوقۇقىنى قوغداش،دەخىل-تەرۈز قىلغۇچىلارنى جازالاش ،مۇۋاپىق قانۇنى مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالدۇرۇش ئارقىلىق ئەسەر ھوقۇقىغا ئىگە كىشىنىڭ قانۇنى ھوقۇق-مەنپىئىتىنى قوغداش ئىنتايىن زۆرۈر،تەخىرسىز مەسىلىدۇر.ئەھۋال مۇشۇنداق ئېنىق تۇرۇقلۇق ئۇنىڭغا يەنە سۈكۈ ت قىلىپ تۇرۇۋېرىش ھەرقانداق ۋىجدان ئەھلىگە مۇناسىپ ئىش بولمايلا قالماستىن، بىزنىڭ قانۇندىن پايدىلىنىپ ھەققانىيەتنى،ئادالەتنى،كىشىلىك ھوقۇق-مەنپىئەتنى قوغداش ئېڭىمىزنىڭ ئىنتايىن تۆۋەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە.بۇ مەسىلىنىڭ ئۆتكۈرلىكى ۋە تەخىرسىزلىكىنى يوقۇرىدىكى پاكىتلاردىن كۆرۈپ ئالغىلى بولسىمۇ،‹ساختا پەن› تەرغىباتچىلىرىنىڭ پەيدا قىلغان ئەنزىلىرىنى تەكشۈرۈپ تېپىپ چىقىپ،ئەسەر ھوقۇقى دەخىل-تەرۈزگە ئۇچىرىغان ئاپتۇرلارنىڭ قانۇنى ھوقۇق –مەنپىئىتىنى قوغداش ئۈچۈن ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش يوقنىڭ ئورنىدا بولۇپ،داۋاملىق يوشۇرنۇپ ياتماقتا.مەن ئۆزەم ئىگەللىگەن ئەھۋاللارغا ئاساسەن دۆلەتنىڭ،مىللەتنىڭ نوپۇزىنى بۇلغايدىغان،دۆلىتىمىزنىڭ ‹ئەقلى مۈلۈك ھوقۇقى قانۇنى›غا خىلاپ قىلمىش بولۇپ شەكىللەنگەن يوقۇرىقى مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتۈم.ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۆرسىتىلگەن ماتىرىيال مەنبەلىرىگە،‹ئەقلى مۈلۈك ھوقۇقى قانۇنى› نىڭ بەلگىلىمە
-ئۆلچەملىرىگە سېلىشتۈرۈپ كۆرۈپ،ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ بېقىشىنى ئۈمىت
12
قىلىمەن؟ ئاخىرىدا كەڭ ئوقۇرمەنلەردىن شۇنى قايتا سوراپ باققىم كېلىدۇ،ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تەتقىقاتىدىكى‹ساختا پەن ›گەيەنە قاچانغىچە سۈكۈت قىلساق بولىدۇ ؟! ئۆزىمىزنىڭ بارلىق ئىلمى،نەزەرىيىۋى،ئىجادى ۋە مەدەنى پائالىيەتلىرىنى ئىلمى تەرەققىيات كۆز قارىشى بويىچە تەققى قىلدۇرۇپ،قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىپ،قاچان بىزدىن ئىلگىرى كەتكەن مەدەنىيەتلىك مىللەتلەت قاتارىدا قەد كۆتۈرۈپ ماڭالايمىز؟!
2011-يىلى 15- ئۆكتەبىر ،غۇلجا.
پايدىلانغان ماتىرىياللار :« ئەقلى مۈلۈك ھوقۇقى قانۇنى »(2007-يىلى،7-ئاي شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى)
«ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى»(2007-يىلى 7-ئاي،شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى)
«ئىلىنىڭ بىرقانچە خەلق ناخشىلىرى ھەققىدە» («ئىلى دەرياسى» 1980-يىلى 2-سان،تېيىپجان ھادى )
«ئىلى خەلق ناخشىلىرىنىڭ تارىخى بايانى»(مىللەتلەر نەشىرىياتى 2006-يىلى 4-ئاي،مەمتىمىن ھوشۇر)
ئادرىس: ئىلى پىداگۇگىكا ئىنىستىتۇتى پېشقەدەم كادىرلار باشقارمىسى
مەنبە: شىنجاڭ يازغۇچىلىرى |