تۈرى : خەۋەر يوللىغۇچى : ئابلەت نۇرمۇھاممەد ۋاقتى : 2016-07-08 14:03:55
ۋېنسۇئېلا تېلۋىزىيەسىنىڭ 5-ئىيۇل خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ «ئىدىيە ئىلگىرلىشى» تورى يېقىندا خەۋەر ئېلان قىلىپ، ئۆتكەن بىر يىلدا، ئافرىقا مۇساپىرلىرىغا قارىتا، ئىسرائىلىيە ئۇلارنى ئۆزىنىڭ دۆلىتىگە قايتۇرىۋەتمىدى، ئەكىسچە ئىزچىل مەخپىي ھالدا ئۇگاندا ۋە رىۋانداغا ئەۋەتتى، دېگەن.
خەۋەر قىلىنىشىچە، بۇ كۆپ قىسىمى ئېرىترىيەلىك ۋە سۇدانلىق بولغان كۆچمەنلەرنىڭ ئۇگاندا ۋە رىۋانداغا ئايرىۋېتىلىشى بولسا ئىسرائىلىيەنىڭ «ئۆزى خالاپ قايتىش» سىياسىتى پەيدا قىلغان نەتىجە ئىكەن. ئىسرائىلىيەنىڭ ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتى مۇساپىرلار ۋە كۆچمەنلەر قىزىق لىنىيەسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيەدە پاناھلىق ئىزدىگەن 45 مىڭ مۇساپىر ئىچىدە، %92 قىسىمى ئېرىترىيە ۋە سۇداندىن كەلگەن ئىكەن. ئەمما ئۇلار ئادەتتە ھەممىسى پاناھلىق سالاھىيىتى ۋە خىزمەت ئىجازەتنامىسىگە ئېرىشىشكە ئامالسىز قالغان، ئەكىسچە شۇ سەۋەبتىن چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلغان. ئۆتكەن ئىككى يىلدا، 3000 كىشى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلغان. ئەمما ئۇلار ئۆزىنىڭ دۆلىتىگە قايتۇرۇلمىغان، ئەكىسچە ئۇگاندا ۋە رىۋانداغا قوغلانغان. بۇ ئىككى دۆلەت ئىسرائىلىيەنىڭ ئىتتىپاقدىشى.
ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى چۈشەندۈرۈپ، بۇ پاناھلىق ئىزدىگۈچىلەر ھەرگىزمۇ مۇساپىر ئەمەس، ئەكىسچە ئەمگەك كۈچى كۆچمەنلىرى، ئۇلار ئىسرائىلىيەدە خىزمەت تاپالمىدى، شۇ سەۋەبتىن ئۆزى خالاپ ئايرىلدى، دېگەن.
ھۆكۈمەتسىز تەشكىلات خادىمى گەرچە ئۇگاندا ئىزچىل ئاكتىپ مۇساپىرلار سىياسىتى بىلەن ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ ماختىشىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما زور مىقداردىكى قوغلاپ چىقىرىلغۇچىلار ئادەم ئەتكەسچىلىرىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلارغا ئايلاندى، بەلكىم قانۇنى ھۆججەت بولمىغانلىقتىن، رەھىمسىز ئېكىسپىلاتاتسىيە قىلىشقا ئۇچرىشى مۇمكىن، دەپ ئىپادە بىلدۈرگەن.
ئىگىللىنىشىچە، ئۇگاندا ۋە رىۋاندا ئىككىلىسى ئىسرائىلىيە بىلەن ئارىسىدا كۆچمەنلەر كېلىشىمى مەۋجۇتلىقىنى ئىتراپ قىلمىغان. ئەمما بەزى خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئىككى دۆلەت ئىسرائىلىيەدىن قورال-ياراغ، ھەربىي مەشىق ھەتتا مەبلەغ قوبۇل قىلغان، ئالماشتۇرۇش شەرتى بولسا ئىسرائىلىيە قايتۇرغان مۇساپىرلارنى قوبۇل قىلىش ئىكەن.
ئىگىللىنىشىچە، ئىسرائىلىيەنىڭ ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتى ئىسرائىلىيەنىڭ ئالىي سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنغان. بۇ يىل 9-ئايدا، سوت مەھكىمىسى بىر تۈرلۈك گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنى ئۆتكۈزىدىكەن. بۇ سىياسەت بويىچە، مۇساپىرلار ئۇگانداغا ئەۋەتىلىشنى تاللىشى ياكى قولغا ئېلىنىپ ئىسرائىلىيەنىڭ تۈرمىسىگە كىرىشنى تاللىشى كېرەككەن.
ئىسرائىلىيە ئۇگاندا ۋە رىۋاندا مۇساپىرلىرىنى مەخپىي قايتۇرۇۋەتمەكتە
60-يىللاردا قۇللۇق تۈزۈمنى بىكار قىلغان سەئۇدى قانداق قىلىپ بۈگۈنكىدەك ھالەتكە كېلەلىدى؟
پۇتىن: ئامېرىكىنىڭ بىردىنبىر دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەتلىك ئورنىنى قوبۇل قىلىمىز
شاڭخەي دىسنېي قەلئەسى ئىچىدىكى ئىنچىكە زىننەتلەنگەن ھالقىلار ئاشكارىلاندى
دۇنيادىكى تۇنجى يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى--ئوبنىنسكى يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى
تۈركىيەدە ئىككى مۇخبىر دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاشقا چېتىلىپ قالدى
ەرب ئەللىرىنىڭ بەشار ئەسەدنى ئاغدۇرۇش پىلانى «خاتالاشقانلىق» بولىدىكەن
خەۋەر ئانىسى ئوغلىغا ياتلىق بولىدىغان غەيرىي دۆلەت - كامېرون
خەۋەر ئادىل ھوشۇر بۇيلۇقتا دۇنيا رېكورتىغا جەڭ ئېلان قىلدى
خەۋەر ەرب ئەللىرىنىڭ بەشار ئەسەدنى ئاغدۇرۇش پىلانى «خاتالاشقانلىق» بولىدىكەن
ئەگەر قارچۇق ئەينىكى تاقايدىغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا، زۇكام دو
سولياۋ خالتىلارنىڭ زەھەرسىزلىكىنى ئاددىي ئۇسۇلدا پەرقلەندۈرۈش
تور بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ ئەلدىيار مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتىگە مەنسۇپ
© 2014 ELDIYAR.COM 备案/许可证编号:新ICP备15003605号 组织机构代码证:328862907
邮箱:global@eldiyar.com 广告部:18999993541 新闻部:13899903541 监督举报:13325555422 QQ \ Wechat :2663600
تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ
本站的所有内容,视频,音频,图片,文字均从互联网上收集而来,作品版权归作者所有。如发现版权问题请及时联系站长