تەۋىسىيە
ئىزدەش

60-يىللاردا قۇللۇق تۈزۈمنى بىكار قىلغان سەئۇدى قانداق قىلىپ بۈگۈنكىدەك ھالەتكە كېلەلىدى؟

تۈرى : خەۋەر يوللىغۇچى : ئابلەت نۇرمۇھاممەد ۋاقتى : 2016-06-19 19:40:08

60-يىللاردا قۇللۇق تۈزۈمنى بىكار قىلغان سەئۇدى ئەرەبىستان قانداق قىلىپ بۈگۈنكىدەك ھالەتكە كېلەلىدى؟

بۈگۈنكى باش تېما تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلگىرى كۆچمەن چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلغان دۆلەت ئىدى. مىللەتلىرى كۆچمەن چارۋىچى مىللەت بولۇپ، چىڭگىزخان باشچىلىقىدىكى موڭغۇل چەۋەندازلىرىغا ئوخشاش، ئۇرۇشخۇمار ھەم جەڭگە ماھىر ئىدى. 1744-يىللىرى، بىر كىچىك قەبىلە ئاقساقىلىنىڭ ئىسمى ئىبىن سەئۇدى بولۇپ، ئۇلار ھېچكىم كۆزگە ئىلمايدىغان بىر كىچىك كەنتتىن باشلاپ، بارا-بارا تەرەققىي قىلىپ ھازىرقى سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئايلاندى. ئۇنىڭدىن كېيىن بىرلا يولغا چىقسا توسۇۋالغىلى بولمىغىدەك ھالەتتىكى موڭغۇللارغا  ئوخشاش كېڭەيمىچىلىك قىلىپ، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ دۆلەت زېمىنى كۈندىن-كۈنگە كۆپەيدى، تېررىتورىيەسى خېلى كۆپ زېمىنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالدى. چېگراسى جەنۇبتا يەمەن، شەرقتە ئومان، شىمالدا سۇرىيە ۋە ئىراقنىڭ ئىككى دەرياسى بىلەن تۇتاشتى. ئۈزلۈكسىز قۇدرەت تېپىۋاتقان سەئۇدى ئەرەبىستان، شۇ چاغدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى ئىمپېرىيە بولغان ئوسمان تۈرك ئىمپېرىيەسىنى ھودۇقتۇرۇپ قويدى، ئۇلاردا بىر خىل ۋەھىمە پەيدا بولۇپ، سەئۇدى ئەرەبىستانغا قارىتا ھۇجۇم باشلىدى. ئۇزاق مۇددەتلىك ئۇرۇش جەريانىدا سەئۇدى ئەرەبىستان كۆپ قىسىم زېمىنلىرىدىن ئايرىلىپ قالدى، لېكىن يەنىلا ھوقۇققا ئىگە ئىدى.

   1900-يىلىغا كەلگەندە، دادىسىنىڭ ئورنىغا ۋارىسلىق قىلغان قەبىلە باشلىقى، ھازىرقى زاماندىكى سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلىتىنى قۇردى ھەم پادىشاھى بولدى. شۇنىڭ بىلەن سەئۇدى جەمەتىنىڭ تارىخىدا بىر بۇرۇلۇش بولدى. تارىخنى دائىم يەڭگۈچىلەر يازىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا بۇ يېڭى پادىشاھمۇ ناھايىتى باتۇر، جەسۇر، مەردانە قىلىپ تەسۋىرلەنگەن. 19 ياشلىق ئۇ 30 نەچچە ئادەمنى باشلاپ، كېچىلەپ رىيادقا ھۇجۇم قىلغان، تاملاردىن ئارتىلىپ كىرىپ، رىيادنىڭ ھۆكۈمدارىنى ئۆلتۈرگەن ھەم رىيادنىڭ كونترول ھوقۇقىنى قولغا ئالغان. سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلىتى قۇرۇلۇپ تاكى 60-يىللىرىغا كەلگىچە، سەئۇدى ئەرەبىستان ئىزچىل كۆچمەن چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىپ كەلگەنىدى. 1962-يىلىغا كەلگەندە، ئاندىن قۇللۇق تۈزۈمى بىكار قىلىندى.

    30-يىللىرىغا كەلگەندە، ئاز تولا نېفىتنىڭ تەمىنى تېتىپ قالغان ئامېرىكا «ساخاۋەتچى» نامى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانغا كېلىپ، نېفىت تەكشۈرۈشىگە ياردەملەشمەكچى بولدى. ھەمدە سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھلىقى بىلەن توختام ئىمزالاپ (تەڭ ھوقۇقسىز توختام)، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ شىمالىي قىسمىدا نېفىت چارلاپ تەكشۈرۈشكە باشلىدى. 1938-يىلى، داممام نېفىتلىكىدە نېفىت ئېتىلىپ چىقىشقا باشلىدى. 1938-يىلىدىن 1939-يىلىغىچە، كۈندىلىك نېفىت مىقدارى 30 مىڭ باكلىق رېكورتنى ياراتتى. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن دۇنيا ئىقتىسادى بارا-بارا ئەسلىگە كېلىپ، نېفىتكە بولغان ئېھتىياج بارغانسېرى ئېشىشقا باشلىدى. سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىمۇ زورايدى. لېكىن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ كۆپ مىقداردىكى نېفىت كىرىمى سەئۇدى ئەرەبىستانغا تەۋە ئەمەس ئىدى، بەلكى ئۇنى ئامېرىكا كونترول قىلاتتى. نېفىت كىرىمىدىن كىرىدىغان پايدىنىڭ %10 ئاران سەئۇدى ئەرەبىستانغا تەۋە بولاتتى. كېيىن سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىت قېزىش ھوقۇقىنى دۆلىتىگە قايتۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئاندىن سەئۇدى خان جەمەتىنىڭ بايلىقى پارتلاش خاراكتېرىدە يۇقىرى ئۆرلەشكە باشلىدى.

   سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئەڭ چوڭ نېفىت دۆلىتى بولۇشى بىلەن بىر ۋاقىتتا، سەئۇدى خان جەمەتىمۇ دۇنيادىكى ئەڭ باي خان جەمەتى بولۇپ قالدى.

ئەلدىيار تورى ئۈندىدار سالونى : eldiyar99

ساغلاملىق

ئوقۇشلۇق

تور بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ ئەلدىيار مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتىگە مەنسۇپ

© 2014 ELDIYAR.COM 备案/许可证编号:新ICP备15003605号 组织机构代码证:328862907

广告部:18999993541 新闻部:13899903541 监督举报:13325555422 QQ \ Wechat :2663600

تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

本站的所有内容,视频,音频,图片,文字均从互联网上收集而来,作品版权归作者所有。如发现版权问题请及时联系站长

新公网安备 65010202000093号