تۈرى : خەۋەر يوللىغۇچى : ئابلەت نۇرمۇھاممەد ۋاقتى : 2016-05-10 00:16:48
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما مۇنداق دېدى: غەرب ئەللىرىنىڭ سۈرىيەگە قۇرۇقلۇق قىسمى ئەۋەتىپ بەشار ئەسەد ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش پىلانى خاتالاشقانلىق ھېسابلىنىدۇ.
ئۇ ئەنگلىيە رادىئو شىركىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا «ئىسلام دۆلىتى» تەشكىلاتىغا داۋاملىق زەربە بېرىدۇ، شۇنداقلا بەشار ئەسەد ھاكىمىيىتى بىلەن مۆتىدىل ئۆكتىچىلەرنى مۇرەسسەلەشتۈرۈپ، ئۆتكۈنچى كېلىشىم تۈزۈش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ.
ئوباما لوندوننى زىيارەت قىلغاندا مۇنداق دېدى: سۈرىيە ۋەزىيىتى ئىنتايىن مۇرەككەپ ۋە كىشىنىڭ يۈرىكىنى ئېزىدۇ، مېنىڭچە بۇ ئىختىلاپنى ھەل قىلىدىغان ئاددىي چارە تېپىلماسلىقى مۇمكىن، ئامېرىكا ئەنگلىيە ۋە غەرب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ بەشار ئەسەد ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ئۈچۈن سۈرىيىگە ئەسكەر ئەۋەتىشى خاتالاشقانلىق ھېسابلىنىدۇ، بىراق شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، بىز ھەرقايسى تەرەپلەرگە خەلقارالىق بېسىم چۈشۈرۈپ، ئۇلارنى سۆھبەت ئۈستىلىگە باشلاپ كېلىمىز ھەمدە ئۆتكۈنچى كېلىشىم تۈزۈش ئۈچۈن، تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز. ھەرقايسى تەرەپلەر ئەلۋەتتە رۇسىيە، ئىران ۋە سۈرىيەدە ئۇرۇش قىلىۋاتقان، ھازىرمۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان مۆتىدىل ئۆكتىچىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ،ھازىرقى ۋەزىيەت ئىنتايىن مۇرەككەپ ئۆتكۈنچى مەزگىلدە، بىز راققا دېگەندەك جايلاردىكى «ئىسلام دۆلىتى» تەشكىلاتىغا داۋاملىق زەربە بېرىمىز.
23-ئاپرېل سۈرىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇرۇشتا ئاز دېگەندىمۇ 30 پۇقرا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن، جەنۋە تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ قاتمال ھالەتكە چۈشۈپ قېلىشىغا ئەگىشىپ، سەككىز ھەپتىلىك ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئاخىرلىشىش گىردابىغا بېرىپ قالغان.
رۇسىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ مۇرەسسەلەشتۈرۈشى بىلەن ئىمزالانغان بۇ ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى كىشىلەرگە سۈرىيەدە داۋاملىشىۋاتقىنىغا بەش يىل بولغان توقۇنۇشنى تۈگىتىشى مۇمكىن، دېگەندەك ئۈمىدلەرنى ئاتا قىلغانىدى.
ئوباما يەنە مۇنداق دېدى: تېنچلىق سۆھبىتى بىلەن ھەربىي ھەرىكەت بىر بىرىنى تولۇقلاپ مېڭىۋاتىدۇ، بۇ بىزنىڭ زۆرۈر بولغان تېررورلۇققا قارشى ھەرىكەتكە يەنە قاتنىشىشىمىزنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى، بىراق بىز يەككە ھالەتتە ھەربىي ئىشلار ۋاستىسى قوللىنىپ، يەنە سۈرىيەگە قۇرۇقلۇق قىسمى ئەۋەتىش ئارقىلىق سۈرىيەدىكى ئۇزاق مەزگىللىك مەسىلىنى ھەل قىلىش نىشانغا يېتەلمەيمىز.
گېرمانىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما مۇخبىرلارغا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: غەرب ئەللىرىنىڭ قۇرۇقلۇق قىسمىنى ئىشقا سېلىپ سۈرىيە زۇڭتۇڭى بەشار ئەسەدنى تەختتىن چۈشۈرۈش تىرىشچانلىقى زور خاتالىق ھېسابلىنىدۇ، بىراق خەلقئارا جەمىيەتنىڭ بەشارنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىغا بېسىم چۈشۈرۈشى سۈرىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا پايدىلىق.
گەرچە تۈركىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ پارس قولتۇقى ئىتتىپاقداشلىرى ئامېرىكىنىڭ بەشار ۋە «ئىسلام دۆلىتى» تەشكىلاتى بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتقان سۈرىيە ئۆكتىچىلىرىنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئوباما بەش يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان سۈرىيە توقۇنۇشىغا ئارىلىشىشقا گۇمانىي نەزەر بىلەن قاراۋېتىپتۇ.
خەۋەر قىلىنىشىچە، ئامېرىكا سۇرىيەدىكى ئۆكتىچىلەرنى پەقەت چەكلىك بولغان مەخپىي ياردەم بىلەن تەمىنلىگەن، بۇلتۇرنىڭ ئاخىرىغىچە 50 دىن ئارتۇق ئامېرىكا ئالاھىدە ئەسكىرىدىن تەشكىللەنگەن قىسىم سۈرىيەگە بېرىپ كۇردلار باشچىلىقىدىكى قوراللىق كۈچلىرىنى قوللىغان ھەمدە ئۇلارنىڭ سۈرىيەنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى «ئىسلام دۆلىتى» تەشكىلاتىغا قۇرۇقلۇقتا ھۇجۇم قىلىشقا ياردەملەشكەن.
ئەنگلىيە رادىئو شىركىتى ئوبامانىڭ سۆزىدىن نەقىل ئېلىپ مۇنداق خەۋەر بەردى: ئوباما «ئىسلام دۆلىتى» تەشكىلاتىنى ئۆزىنىڭ ئاخىرقى توققۇز ئايلىق زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىنى ئۆتەش مەزگىلىدە مەغلۇپ بولىدۇ دەپ قارىمايدىكەن.
ئىسرائىلىيە ئۇگاندا ۋە رىۋاندا مۇساپىرلىرىنى مەخپىي قايتۇرۇۋەتمەكتە
60-يىللاردا قۇللۇق تۈزۈمنى بىكار قىلغان سەئۇدى قانداق قىلىپ بۈگۈنكىدەك ھالەتكە كېلەلىدى؟
پۇتىن: ئامېرىكىنىڭ بىردىنبىر دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەتلىك ئورنىنى قوبۇل قىلىمىز
شاڭخەي دىسنېي قەلئەسى ئىچىدىكى ئىنچىكە زىننەتلەنگەن ھالقىلار ئاشكارىلاندى
دۇنيادىكى تۇنجى يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى--ئوبنىنسكى يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى
تۈركىيەدە ئىككى مۇخبىر دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاشقا چېتىلىپ قالدى
ەرب ئەللىرىنىڭ بەشار ئەسەدنى ئاغدۇرۇش پىلانى «خاتالاشقانلىق» بولىدىكەن
خەۋەر ئانىسى ئوغلىغا ياتلىق بولىدىغان غەيرىي دۆلەت - كامېرون
خەۋەر ئادىل ھوشۇر بۇيلۇقتا دۇنيا رېكورتىغا جەڭ ئېلان قىلدى
خەۋەر ەرب ئەللىرىنىڭ بەشار ئەسەدنى ئاغدۇرۇش پىلانى «خاتالاشقانلىق» بولىدىكەن
ئەگەر قارچۇق ئەينىكى تاقايدىغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا، زۇكام دو
سولياۋ خالتىلارنىڭ زەھەرسىزلىكىنى ئاددىي ئۇسۇلدا پەرقلەندۈرۈش
تور بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ ئەلدىيار مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتىگە مەنسۇپ
© 2014 ELDIYAR.COM 备案/许可证编号:新ICP备15003605号 组织机构代码证:328862907
邮箱:global@eldiyar.com 广告部:18999993541 新闻部:13899903541 监督举报:13325555422 QQ \ Wechat :2663600
تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ
本站的所有内容,视频,音频,图片,文字均从互联网上收集而来,作品版权归作者所有。如发现版权问题请及时联系站长