تۈرى : خەۋەر يوللىغۇچى : ئابلەت نۇرمۇھاممەد ۋاقتى : 2016-05-10 00:20:31
2. تېڭشۈن، ھازىرقى بازار قىممىتى بىر تىرىليون 105 مىليارد يۈەنگە يېتىدۇ. تېڭشۈن ئۈندىدار بىلەن QQدىن ئىبارەت جۇڭگودىكى ئىككى چوڭ ئىجتىمائىي ئالاقە دېتالىنىڭ ئىگىسى بولۇپ، ئىسمى-جىسمىغا لايىق ئىجتىمائىي ئالاقە ماگناتى دېيىشكە بولىدۇ. گەرچە بۇ ئىككى دېتالنىڭ چەتئەلدىكى كېڭىيىشى ئانچە كۆڭۈلدىكىدەك بولمايۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئاسىيا رايونىدا يەنىلا بەلگىلىك تەسىر كۈچكە ئىگە.
3. ئامانلىق سۇغۇرتىسى، ھازىرقى بازار قىممىتى 620 مىليارد يۈەنگە يېتىدۇ. بۇ شىركەت جۇڭگودىكى تۇنجى پاي ئىگىدارچىلىق تۈزۈمىدىكى سۇغۇرتا شىركىتى بولۇپ، ھازىر يەنە پۇل-مۇئامىلە، بانكا كەسپى، مەبلەغ سېلىش قاتارلىق كەسىپلەرنى بىرلەشتۈرگەن پۇل-مۇئامىلە گۇرۇھىغا ئايلاندى.
4. خۇاۋېي، ھازىرقى بازار قىممىتى 560 مىليارد يۈەنگە يېتىدۇ. خۇاۋېي پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ئالاقە ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىشنى ئاساس قىلغان شىركەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ شىركەت دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تېلېگراف شىركەتلىرىنى قاتتىق دېتال، يۇمشاق دېتال، مۇلازىمەت قاتارلىقلار بىلەن تەمىنلەيدىغان بولۇپ، چەتئەللەردىمۇ زور تەسىر كۈچكە ئىگە.
5. بەيدۇ، ھازىرقى بازار قىممىتى 370 مىليارد يۈەندىن ئاشىدۇ. بەيدۇ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ خەنزۇچە يېزىقتىكى ئىزدەش ماتورى بولۇپ، 2000-يىلى 1-ئايدا لى يەنخوڭ بىلەن شۈ يوڭ بېيجىڭدىكى جۇڭگۈەنسۈندە قۇرۇپ چىققان. بۇ شىركەت كىشىلەرنى قولايلىق، ئىشەنچلىك ئۇچۇرلارغا ئىگە قىلىشنى مەقسەت قىلغان.
6. ۋەندا گورۇھى، ھازىرقى بازار قىممىتى 360 مىليارد يۈەنگە يېتىدۇ. ۋەندا گۇرۇھى 1988-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ ئۆي-مۈلۈك، ئالىي مېھمانساراي، مەدەنىيەت، زەنجىرسىمان تاللا بازىرى قاتارلىق كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
7. مىنشېڭ بانكىسى، ھازىرقى بازار قىممىتى 330 مىليارد يۈەنگە يېتىدۇ. مىنشېڭ بانكىسى جۇڭگودىكى تۇنجى شەخسلەر مەبلەغچىلىكىدىكى مەملىكەت خاراكتېرلىك سودا بانكىسى، ھەمدە «شىركەت قانۇنى» ۋە «سودا بانكىسى قانۇنى»غا ئاساسەن قۇرۇلغان ئۆلچەملىك پاي تۈزۈمىدىكى پۇل-مۇئامىلە كارخانىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
8. شياۋمى شىركىتى، ھازىرقى بازار قىممىتى 290 مىليارد يۈەنگە يېتىدۇ. شياۋمى شىركىتى 2010-يىلى 4-ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ، ئالىي دەرىجىلىك ئەقلىيفون ئىشلەپچىقىرىشنى ئاساسىي كەسىپ قىلغان تېخنىكا كارخانىسى. بۇ شىركەت گوگىل، مىكروسوفت، جىنشەن قاتارلىق چوڭ شىركەتلەرنىڭ سابىق خىزمەتچىلىرىنى توپلىغان ئىختىساسلىقلار شىركىتى بولۇپ، كەلگۈسى ئىستىقبالى پارلاق.
9. چۈمۈلە فوندى، ھازىرقى بازار قىممىتى 290 مىليارد يۈەندىن ئاشىدۇ. چۈمۈلە فوندى ئەلى بابا شىركىتىنىڭ تارماق شىركىتى بولۇپ 2014-يىلى 10-ئاينىڭ 16-كۈنى قۇرۇلغان.
10. جىڭدوڭ تور سودا شەھەرچىسى، ھازىرقى بازار قىممىتى 246 مىليارد يۈەنگە يېتىدۇ. جىڭدوڭ جۇڭگودا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك توردا پارچە سېتىش شىركىتى بولۇپ، شىركەت قارمىقىدىقى جىڭدوڭ تورى جۇڭگو تور سودىسى ساھەسىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ھەمدە ئىزچىل تۈردە ئىستېمالچىلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشىپ كەلگەن سودا تورلىرىنىڭ بىرى، بۇ توردا ئائىلە ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرى، رەقەملىك ئۈسكۈنىلەر، كومپىيۇتېر، ئۆي سايمانلىرى، كىيىم-كېچەك، بوۋاقلار مەھسۇلاتلىرى، كىتاب، يېمەكلىك قاتارلىق 12 چوڭ تۈردىكى نەچچە ئونمىڭ داڭلىق ماركا توپلانغان.
شاڭخەي دىسنېي قەلئەسى ئىچىدىكى ئىنچىكە زىننەتلەنگەن ھالقىلار ئاشكارىلاندى
دۇنيادىكى تۇنجى يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى--ئوبنىنسكى يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى
تۈركىيەدە ئىككى مۇخبىر دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاشقا چېتىلىپ قالدى
ەرب ئەللىرىنىڭ بەشار ئەسەدنى ئاغدۇرۇش پىلانى «خاتالاشقانلىق» بولىدىكەن
بىرازىلىيەدە تاكسى شوپۇرلىرى تاكسى توسۇش دېتالىغا قارشى تۇردى
شى جىنپىڭ رۇسىيە دۆلەت دۇماسىنىڭ رەئىسى نارشكىن بىلەن كۆرۈشتى
شى جىنپىڭ لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىن
خەۋەر ئانىسى ئوغلىغا ياتلىق بولىدىغان غەيرىي دۆلەت - كامېرون
خەۋەر تۈركىيەدە ئىككى مۇخبىر دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاشقا چېتىلىپ قالدى
ئەگەر قارچۇق ئەينىكى تاقايدىغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا، زۇكام دو
سولياۋ خالتىلارنىڭ زەھەرسىزلىكىنى ئاددىي ئۇسۇلدا پەرقلەندۈرۈش
تور بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ ئەلدىيار مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتىگە مەنسۇپ
© 2014 ELDIYAR.COM 备案/许可证编号:新ICP备15003605号 组织机构代码证:328862907 公安备案号:6501201406006
邮箱:global@eldiyar.com 广告部:18999993541 新闻部:13899903541 监督举报:13325555422 QQ \ Wechat :2663600
تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ
本站的所有内容,视频,音频,图片,文字均从互联网上收集而来,作品版权归作者所有。如发现版权问题请及时联系站长