تەۋىسىيە
ئىزدەش

دۇنيادىكى تۇنجى يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى--ئوبنىنسكى يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى

تۈرى : خەۋەر يوللىغۇچى : ئابلەت نۇرمۇھاممەد ۋاقتى : 2016-05-10 00:21:47

                                              \
1954-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى دۇنيادىكى تۇنجى يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى--ئوبنىنسكى يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنى قۇرۇپ، ئىنسانلارنىڭ يادرو ئېنېرگىيەسىنى تىنچلىق ئۈچۈن ئىشلىتىشنىڭ ئۈلگىسى بولۇپ قالغان.

دۇنيادىكى تۇنجى يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ قۇرۇلۇشى ئەينى ۋاقىتتا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ يۇقىرى مەخپىي قۇرۇلۇشى بولۇپ، 1954-يىلى 6-ئاينىڭ 27-كۈنى، سوۋېت ئىتتىپاقى رادىيوسىدا ئاڭلىتىلغان: ‹ئالىملار ۋە ئىنژېنېرلارنىڭ ئورتاق تىرىشىشى ئاستىدا، سوۋېت ئىتتىپاقى دۇنيا بويىچە تۇنجى 5000 كىلوۋاتلىق يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنى قۇرۇپ چىقتى، بۇ يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى نۆۋەتتە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ئېھتىياجلىق بولغان توك كۈچى بىلەن تەمىنلىيەلەيدۇ› دېگەن خەۋەر پۈتۈن دۆلەت ۋە دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان. 

ئەينى ۋاقىتتا ‹ئاتوم ئېنېرگىيەسىدىن تىنچلىق مەقسەتلىرى ئۈچۈن پايدىلىنىش› دەپ ئاتالغان سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تۇنجى يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشى مىليونلىغان رۇسىيە ئالىملىرى ۋە ئىنژېنېرلىرىنىڭ ئەقىل پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى بولۇپ، قۇرۇلۇش مۇددىتىنىڭ قىسقىلىقى بىلەن تارىخ سەھىپىسىگە يېزىلغان؛ قۇرۇلۇش لايىھە تۇرغۇزۇشتىن پۈتكۈچە پەقەت ئۈچ يىللا ۋاقىت سەرپ قىلىنغان. بارا-بارا دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئۆزلىرىنىڭ يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنى قۇرۇپ چىقتى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاز بولمىغان يادرو ئېقىپ كېتىش ھادىسىلىرى يۈز بەردى. بىراق، دۇنيادىكى تۇنجى يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى--ئوبنىنسكى يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى تاكى ئىشلىتىشتىن توختىتىلغىچە 50 يىل بىخەتەر ئىشلىتىلگەن. بۇ مەزگىلدە سوۋېت ئىتتىپاقى نۇرغۇنلىغان داۋالغۇشلارنى باشتىن كەچۈرگەچكە، پىلاندىكى نۇرغۇن ئىشلار ۋاقتىدا ئەمەلگە ئاشمىغان. سوۋېت ئىتتىپاقى ئەرزان ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىگە ئېھتىياجلىق بولغانلىقتىن، ئوبنىنسكى يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى ئىزچىل خىزمەت قىلىپ، 2002-يىلى رەسمىي ئىشلىتىشتىن توختىتىلغان. ئۈسكۈنىلەر كونىراپ كەتكەنلىكتىن، ھەر يىلى رېمونت قىلىش ئۈچۈن نۇرغۇن چىقىم كېتىدىغان بولغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىخەتەرلىك خېيىم-خەتىرى بولغاچقا، رۇسىيە يادرو ئېنېرگىيەسى مىنىستىرلىقى ئىقتىساد ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى كۆزدە تۇتۇپ، 50 يىل خىزمەت قىلغان بۇ يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنى تاقايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. 

دۇنيادىكى تۇنجى يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ يادرو قازىنى--‹تىنچلىق يادرو ئېنېرگىيەسى› يادرو قازىنى دۇنيادىكى تۇنجى ئادەتتىكى توك يوللاش ئېلېكتىر تورى ئارقىلىق توك بىلەن تەمىنلىيەلەيدىغان يادرو قازىنى بولۇپ، گەرچە كۆلىمى نىسبەتەن كىچىك بولسىمۇ، بىراق پۈتۈن دۇنيا ئورتاق ئېتىراپ قىلغان ئىلىم-پەن ۋە تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ سىمۋولىدۇر. ھازىرقى ئوبنىنسكى يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى رۇسىيەدىكى بىر مۇزېيخانا ۋە پەن-تېخنىكا سارىيىغا ئايلانغان بولۇپ، ‹ئوبنىنسكى ئىلىم-پەن شەھەرچىسى› دەپ نام بېرىلگەن. 

 
ئەلدىيار تورى ئۈندىدار سالونى : eldiyar99

ساغلاملىق

ئوقۇشلۇق

تور بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ ئەلدىيار مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتىگە مەنسۇپ

© 2014 ELDIYAR.COM 备案/许可证编号:新ICP备15003605号 组织机构代码证:328862907 公安备案号:6501201406006

广告部:18999993541 新闻部:13899903541 监督举报:13325555422 QQ \ Wechat :2663600

تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

本站的所有内容,视频,音频,图片,文字均从互联网上收集而来,作品版权归作者所有。如发现版权问题请及时联系站长