تەۋىسىيە
ئىزدەش

تۈركىيەدە ئىككى مۇخبىر دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاشقا چېتىلىپ قالدى

تۈرى : خەۋەر يوللىغۇچى : ئابلەت نۇرمۇھاممەد ۋاقتى : 2016-05-10 00:18:08

                                              \
شۇ جاي ۋاقتى 2016 – يىل 5 – ئاينىڭ 6 – كۈنى، تۈركىيە ئىستانبۇل، «جۇمھۇرىيەت گېزىتى» نىڭ باش مۇھەررىرى دۇندار (ئالدى تەرەپ ئوڭدا) ۋە ئەنقەرە مۇخبىرلار توربېكىتىنىڭ مەسئۇلى گۇل (ئالدى تەرەپ سولدا) مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماقتا.

ئىككى نەپەر تۈركىيەلىك مۇخبىرنىڭ 6 – چىسلا «دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش جىنايىتى» بار دەپ ھۆكۈم قىلىندى، ئۇلارغا ئايرىم – ئايرىم ھالدا بەش يىللىق قاماق جازاسى بېرىلدى. سوت مەھكىمىسى بۇ ھۆكۈمنى چىقىرىشتىن بىر نەچچە سائەت بۇرۇن، بىر قاتىل ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرسىنى ئېتىۋەتمەكچى بولغان ئىدى.

ئەنگىلىيە رادىئو شىركىتى(BBC)نىڭ خەۋىرىنىڭ قارىغاندا، جىنايىتى بار دەپ ھۆكۈم چىقىرىلغان بۇ مۇخبىرلار ئايرىم – ئايرىم ھالدا ئۆكتىچىلەر گېزىتى «جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى» نىڭ باش مۇھەررىرى دۇندار ۋە ئەنقەرە مۇخبىرلار پونكىتىنىڭ مەسئۇلى ئېردېم گۇل ئىدى. «دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلىغاندىن» باشقا، بۇ ئىككىيلەنگە قارىتا باشقا ئەيىبلەشلەر ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى، بۇنىڭ ئىچىدە ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇش جىنايىتىمۇ بار ئىدى.

شۇ ھۆكۈم چىقىرىلىشتىن بىر نەچچە سائەت بۇرۇن، بىر قاتىل سوت مەھكىمىسى ئالدىدا دۇندارنى ئېتىۋېتىشكە ئۇرۇندى. بۇ قاتىل «خائىن» دەپ توۋلىغىنىچە، دۇندارغا قارىتىپ ئىككى پاي ئوق چىقاردى، شۇنىڭ بىلەن سوتنىڭ ھۆكۈم نەتىجىسىدىن خەۋەر بېرىۋاتقان نەق مەيداندىكى بىر مۇخبىر يېنىك يارىلاندى. ئوق چىقارغان ئەر نەق مەيداندىلا قولغا ئېلىندى.

ئىگىلىنىشىچە، تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان بۇ دەۋادىكى دەۋاگەر ئىكەن. بۇ ھۆكۈم پۈتكۈل يەر شارىدىكى ھوقۇق قوغداش تەشكىلاتلىرىنىڭ كەڭ تۈردە ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان.

ئەنگىلىيە «قوغداش گېزىتى» خەۋىرىگە قارىغاندا، ھۆكۈم نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن دۇندار سوت مەھكىمىسىدىلا مۇنداق دېگەن: «قىسقىغىنە ئىككى سائەت ئىچىدە، بىز ئىككى قېتىملىق قەستكە ئۇچرىدۇق: بىرىنچى قېتىملىقتا قورال ئىشلىتىلدى، يەنە بىر قېتىملىقتا ئەدلىيەلىك ھۆكۈم چىقىرىلدى».

دۇندار مۇنداق دېدى، «بىزگە چىقىرىلغان بۇ ھۆكۈم پەقەتلا بىزنىڭ ئېغىزىمىزنى ئېتىش ئۈچۈن ئەمەس، بىزگە چىقىرىلغان ئوقمۇ پەقەتلا ئېغىزىمىزنى ئېتىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى بارلىق كىشىلەرنىڭ ئېغىزىنى ئېتىش ئۈچۈن، تەھدىت ئارقىلىق باشقىلارنى سۈكۈتتە تۇرۇشقا مەجبۇرلاش، كۆپچىلىكنى بايانات ئېلان قىلىشتىن توسۇش».

گۇل مۇنداق دېدى: «بۇ ئاخبارات ساھەسىگە قارىتىلغان ھۆكۈم، بىز بۇنى قوبۇل قىلمايمىز».

دۇندار تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان ۋە ھۆكۈمەتپەرەس تاراتقۇلارنى ئۇنىڭغا قارىتا ئۆچمەنلىك قىلىشقا قۇتراتقۇلۇق قىلدى دەپ ئەيىبلىدى. «ھەممىمىز بىلىمىز، زادى كىم ماڭا ئۆچلۈك قىلىۋاتىدۇ» دېدى دۇندار.

بۇ قېتىمقى دەۋادىكى مۇھىم دەۋاگەرلەرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان بۇندىن بۇرۇن دۇندارنى تۈركىيەنىڭ خەلقئارادىكى نام ئابرويىغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى دەپ ئەيىبلەپ، دۇندارنى «ئېغىر بەدەل تۆلىشى كېرەك» دېگەن ئېدى.

بۇلتۇر 5 – ئايدا، باش مۇھەررىر دۇندارنىڭ تەھرىرلىشى بىلەن «جۇمھۇرىيەتچىلەر گېزىتى» گە بىر يۈرۈش سۈرەتلەر بېسىلغان ئىدى، بۇ سۈرەتلەر تۈركىيە سۇرىيەدىكى رادىكال تەشكىلاتلارغا قورال بەرگەنلىكىنىڭ ئىسپاتى ئىكەن. BBC نىڭ ئاشكارىلىشىچە، تۈركىيە ھۆكۈمىتى ھېچقانداق ئاتالمىش رادىكال تەشكىلاتلارنى قورال بىلەن تەمىنلىمىدۇق دەپ گېپىدە چىڭ تۇرغان، پەقەتلا سۈرىيە چېگرىسى ئىچىدىكى تۈرك تىلىنى بىلىدىغان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىلا ماددىي ئەشيا ياردىمى بىلەن تەمىنلىگەنمىش.

ئەنگىلىيە «قوغداش گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ سۈرەتلەر ئەردوغاننى قاتتىق غەزەبلەندۈرگەن. دۇندار بىلەن گۇل شۇ ھامان قولغا ئېلىنغان، ھەمدە «دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش جىنايىتى» بىلەن ئەيىبلەنگەن.

بۇ يىل 2 – ئايدا، تۈركىيە ئاساسىي قانۇن سوت مەھكىمىسى ھۆكۈم چىقىرىپ، بۇ ئىككى كىشىگە قارىتا چىقىرىلغان ھۆكۈم «ئاساسىي قانۇن» غا خىلاپ دەپ قاراپ بۇ ئەيىبلەشنى بىكار قىلىش توغرىسىدا پەرمان چۈشۈرگەن. ئاساسىي قانۇن سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمىگە قارىتا، ئەردوغان «بۇ ھۆكۈمگە بويسۇنمايدىغانلىقى ھەم بۇ ھۆكۈمنى ھۆرمەت قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن».

دۇندار بىلەن گۇلنىڭ ئادۋوكاتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، باش ئەيىبلىگۈچى «دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش جىنايىتى» بىلەن دۇندارغا 25 يىللىق، گۇلگە 10 يىللىق قاماق جازاسى بېرىش تەكلىپىنى بەرگەن ئىكەن.

تۈركىيە ئۆكتىچىلەر پارتىيەسى «جۇمھۇرىيەتچىلار خەلق پارتىيەسى» نىڭ داھىيسى مەخمۇد تانال مۇنداق دېگەن: «بۇ دېلودا قانۇننى ئاساس قىلسا بولمايدۇ، بۇ دېگەن سىياسىي دېلو. زۇڭتۇڭ بۇ دېلودىكى دەۋاگەر بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلىدى. ئۇلار تېخى سوت مەھكىمىسىدىمۇ بېسىم قىلىشقا ئۇرۇندى».

تۈركىيە مۇخبىرى «قوغداش گېزىتى» گە مۇنداق دېگەن، شۇ يەرلىك تاراتقۇلار 1980 – يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر ئاخبارات چەكلىمىسىگە دۇچ كەلگەن. ئەردوغان 2014 – يىل زۇڭتۇڭلۇق تەختىگە چىققاندىن بۇيان، تۈركىيەدە «زۇڭتۇڭنى ھاقارەتلەش» دېلوسىدىن 2000 دىن كۆپرەكىگە سوت ئېچىلغان، ھەر ھەپتىدە دېگۈدەك داڭلىق مۇخبىرلارنىڭ 2 – 3 قېتىم سوت قىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. كۇردلۇق مۇخبىرلار دۇمبالىنىدۇ ياكى قولغا ئېلىنىدۇ، چەتئەللىك مۇخبىرلار پاراكەندىچىلىككە ئۇچرايدۇ ياكى چېگرىدىن قوغلىنىدۇ. 

 

ئەلدىيار تورى ئۈندىدار سالونى : eldiyar99

ساغلاملىق

ئوقۇشلۇق

تور بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ ئەلدىيار مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتىگە مەنسۇپ

© 2014 ELDIYAR.COM 备案/许可证编号:新ICP备15003605号 组织机构代码证:328862907

广告部:18999993541 新闻部:13899903541 监督举报:13325555422 QQ \ Wechat :2663600

تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

本站的所有内容,视频,音频,图片,文字均从互联网上收集而来,作品版权归作者所有。如发现版权问题请及时联系站长

新公网安备 65010202000093号