تۈرى : خەۋەر يوللىغۇچى : ئابلەت نۇرمۇھاممەد ۋاقتى : 2016-06-19 19:38:18
پۇتىن 17-ئىيۇن سانكت پېتىربورگ خەلقئارا ئىقتىساد مۇنبىرى يىغىنىغا قاتناشقاندا، ئامېرىكىنىڭ سايلام ئىشلىرى ۋە ئامېرىكا-رۇسىيە مۇناسىۋىتىنى تىلغا ئالغان.
پۇتىن: «ئامېرىكا بىر كۈچلۈك دۆلەت، ھازىرمۇ بىردىنبىر دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەت بولۇشى مۇمكىن، بىز بۇ نۇقتىنى قوبۇل قىلىمىز، ھەمدە بىز ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىشنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەن. بىراق پۇتىن ئۇكرائىنا مەسىلىسىنى تىلغا ئالغاندا ئۇ يەنىلا قەتئىيلىك بىلەن: «دۇنيا ئامېرىكىغا ئوخشاش مۇشۇنداق قۇدرەتلىك دۆلەتكە موھتاج، بىزمۇ ئامېرىكىغا ئېھتىياجلىق، ئەمما بىز ئامېرىكىنىڭ ئۈزلۈكسىز بىزنىڭ ئىشلىرىمىزغا قول تىقىشىغا، بىزگە قانداق قىلىشنى ئۆگىتىشكە، ياۋروپا بىلەن بىزنىڭ مۇناسىۋەت ئورنىتىشىمىزنى توسۇشىغا ئېھتىياجلىق ئەمەس» دېگەن.
پۇتىن ئامېرىكا زۇڭتۇڭ نامزاتى ترامپ ئۈستىدە توختالغاندا، بۇنىڭدىن بۇرۇن ترامپقا بەرگەن ئاكتىپ باھاسىنى قايتا شەرھلەپ مۇنداق دېگەن: «خۇددى مەن ئېيتقاندەك، ترامپ بىر مول مەزمۇنلۇق، رەڭگارەڭ ئادەم، ترامپ رۇسىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى، بۇنىڭ بىزگە ھېچقانداق زىيىنى يوق، بىز ئۇنىڭ بۇ كۆز-قارىشىنى قارشى ئالىمىز».
پۇتىن ھىلارى ئۈستىدە توختالغاندا مۇنداق دېگەن: «ھىلارى دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى چاغدا، مېنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بىۋاسىتە ئۇچراشقان ۋاقىتلىرىم كۆپ بولمىدى، ئامېرىكا-رۇسىيە مۇناسىۋىتىگە قارىتا، بەلكىم ھىلارىنىڭ ئۆزىگە خاس كۆز قارىشى بولۇشى مۇمكىن، ئەمما كىلىنتون ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان ۋاقىتتا، كىلىنتون بىلەن ئىككىمىزنىڭ مۇناسىۋىتى ئىنتايىن ياخشى ئىدى، مەن ھەتتا شۇنداق دېسەممۇ بولىدۇكى، مەن خەلقئارا سىياسىي ئىشلار بىلەن ئەمدىلا ئۇچراشقان ۋاقتىمدا، مەن ئۇنىڭدىن بىر نەچچە قېتىم مىننەتدار بولغان، كىلىنتون بىر نەچچە قېتىم ماڭا ۋە رۇسىيەگە دىققەت قىلىدىغانلىقىنى ۋە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى نامايان قىلغان».
ئىسرائىلىيە ئۇگاندا ۋە رىۋاندا مۇساپىرلىرىنى مەخپىي قايتۇرۇۋەتمەكتە
60-يىللاردا قۇللۇق تۈزۈمنى بىكار قىلغان سەئۇدى قانداق قىلىپ بۈگۈنكىدەك ھالەتكە كېلەلىدى؟
پۇتىن: ئامېرىكىنىڭ بىردىنبىر دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەتلىك ئورنىنى قوبۇل قىلىمىز
شاڭخەي دىسنېي قەلئەسى ئىچىدىكى ئىنچىكە زىننەتلەنگەن ھالقىلار ئاشكارىلاندى
دۇنيادىكى تۇنجى يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى--ئوبنىنسكى يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى
تۈركىيەدە ئىككى مۇخبىر دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاشقا چېتىلىپ قالدى
ەرب ئەللىرىنىڭ بەشار ئەسەدنى ئاغدۇرۇش پىلانى «خاتالاشقانلىق» بولىدىكەن
خەۋەر ئانىسى ئوغلىغا ياتلىق بولىدىغان غەيرىي دۆلەت - كامېرون
خەۋەر ئادىل ھوشۇر بۇيلۇقتا دۇنيا رېكورتىغا جەڭ ئېلان قىلدى
خەۋەر ەرب ئەللىرىنىڭ بەشار ئەسەدنى ئاغدۇرۇش پىلانى «خاتالاشقانلىق» بولىدىكەن
ئەگەر قارچۇق ئەينىكى تاقايدىغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا، زۇكام دو
سولياۋ خالتىلارنىڭ زەھەرسىزلىكىنى ئاددىي ئۇسۇلدا پەرقلەندۈرۈش
تور بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ ئەلدىيار مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتىگە مەنسۇپ
© 2014 ELDIYAR.COM 备案/许可证编号:新ICP备15003605号 组织机构代码证:328862907
邮箱:global@eldiyar.com 广告部:18999993541 新闻部:13899903541 监督举报:13325555422 QQ \ Wechat :2663600
تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ
本站的所有内容,视频,音频,图片,文字均从互联网上收集而来,作品版权归作者所有。如发现版权问题请及时联系站长