تەۋىسىيە
ئىزدەش

CBA : شىنجاڭ كوماندىسى شاللىنىپ كەتتى

تۈرى : تەنتەربىيە يوللىغۇچى : ۋاقتى : 2015-02-02 01:27:06

\
2015-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى، بۇ يىللىق پەسىللىك مۇسابىقىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئايلانما مۇسابىقىسىدە شىنجاڭ كوماندىسى 129:103 نومۇر پەرقى بىلەن فوشەن كوماندىسىنى يەڭدى، بىراق بۇ مەيدان غەلىبە شىنجاڭ كوماندىسىغا ھېچقانداق نەپ ئېلىپ كېلەلمىدى، مۇنداقراق قىلىپ ئېيتقاندا بۈگۈنكى مۇسابىقە ماھىيەتتە شىنجاڭ كوماندىسى بىلەن دۇڭگۇەن كوماندىسىنىڭ ئارىسىدىكى سەككىز كۈچلۈككە كىرىشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر بېلىتىنى تالىشىش جېڭى ئىدى، ئەپسۇس شىنجاڭ كوماندىسى گەرچە مۇسابىقىدە يەڭگەن بولسىمۇ بىراق سەككىز كۈچلۈككە كىرىش شەرتى «بۇ مەيدان مۇسابىقىدە غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپلا قالماي يەنە رىقابەتچىسىنىڭمۇ بۈگۈن مۇسابىقىسىدە مەغلۇب بولۇشى» بولغانلىقتىن ناھايىتى ئەپسۇس شاللىنىپ كېتىشكە دۇچ كەلدى.
 
رىقابەتچىسى دۇڭگۇەن تەرەپتىكى مۇسابىقىدە بولسا دۇڭگۇەن كوماندىسى 112:104 نومۇر پەرقى بىلەن بېيجىڭ كوماندىسىنى يېڭىپ سەككىز كۈچلۈككە كىرىشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بېلىتىنى قولغا كەلتۈردى.
 
شىنجاڭ تەرەپتە بىراچ 35 نومۇرغا، 15 قېتىم گاردىن قايتقان توپقا ئېرىشتى، قىرانبەگ 26 نومۇرغا ئېرىشتى، ليۇ ۋېي 24 نومۇرغا، 9 قېتىم گاردىن قايتقان توپقا ئېرىشتى، تاڭ جىڭدۇڭ 21 نومۇرغا، جوۋچى 12 نومۇرغا، شىرئەلىجان 6 نومۇرغا ئېرىشتى. شىنجاڭ كوماندىسىغا شاللىنىپ كېتىشتىن باشقا يەنە بىر پېشكەلىك كەلدى، شۇنداقلا مۇسابىقە ئاخىرلىشىقا ئازلا قالغاندا شىرئەلىجان مۇداپىئە قىلىش جەريانىدا قارشى تەرەپنىڭ توپچىسى بىلەن سوقۇلۇشۇپ كېتىپ تىز قىسمى يارىلىنىپ مەيداندىن چۈشۈشكە مەجبۇر بولدى.
 
فوشەن تەرەپتە جوش 50 نومۇرغا ئېرىشتى، 5 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، كېلفۇسۇف 15 نومۇرغا، رېن جۈنۋېي 13 نومۇرغا، جۈن مىڭشىن 12 نومۇرغا، زۇڭ زەن 11 نومۇرغا ئېرىشتى.

ئەلدىيار تورى ئۈندىدار سالونى : eldiyar99

ساغلاملىق

ئوقۇشلۇق

تور بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ ئەلدىيار مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتىگە مەنسۇپ

© 2014 ELDIYAR.COM 备案/许可证编号:新ICP备15003605号 组织机构代码证:328862907 公安备案号:6501201406006

电话:13325555422 0991-2506623 QQ:2663600

تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

本站的所有内容,视频,音频,图片,文字均从互联网上收集而来,作品版权归作者所有。如发现版权问题请及时联系站长