تەۋىسىيە
ئىزدەش

WWE شىۋاشىنگىرنىڭ داڭلىق شەخسلەر ساھەسىگە كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى

تۈرى : تەنتەربىيە يوللىغۇچى : ۋاقتى : 2015-01-31 00:39:41

دۇنيادىكى ئاز ساندىكى كىشىلەرلا تاماشا ساھەسى، سىياسىي ساھە ۋە تەنتەربىيە ساھەسىدە ئىتراپ قىلىشقا ئېرىشكەن، شىۋاشىنگىر دەل شۇلارنىڭ بىرى. WWE ئورگان تورىدا شىۋاشىنگىرنىڭ 2015-يىللىق داڭلىق شەخسلەر ساھەسىگە كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
\
شىۋاشىنگىرنىڭ WWE بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى خېلى بۇرۇنلا باشلانغان. 1999-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى، WWE رەئىسى مۇسابىقىدىن ئىلگىرى شىۋاشىنگىرغا WWEنىڭ بەلبېغىدىن بىرنى بەرگەن، ھەمدە ئۇنى دۇنيادىكى بېلەت كىرىمى ئەڭ يۇقىرى چولپان دەپ ئاتىغان. شۇ كۈنى كەچتە، شىۋاشىنگىر روك، شوۋىن-مايكول، كەين بىلەن بىرلىكتە DX گۇرۇپپىسى بىلەن ئېلىشىپ، DX گۇرۇپپىسىنى مەغلۇب قىلغان. مۇسابىقىدىن كېيىن HHH شىۋاشىنگىرغا ھۇجۇم قىلغان، لېكىن ئۆزى شىۋاشىنگىر تەرىپىدىن مەغلۇب قىلىنغان.
\
2014-يىلى شىۋاشىنگىر يەنە بىر قىتىم مەيدانغا چىقىپ، يېڭى ئىشلىگەن كىنوسى بۇزغۇنچىنى تەشۋىق قىلغان. شىۋاشىنگىر خۇلىك-خۇگىن بىلەن پاراڭلىشىۋاتقاندا، مىز چىقىپ ئۇلارنىڭ پارىڭىنى بۇزىۋەتكەن، ئاچچىقى كەلگەن شىۋاشىنگىر مىزنى كۆتۈرۈپ مەيداندىن تاشلىۋەتكەن.
\
ئىلگىرىكى شىتات باشلىقى ھازىر WWEنىڭ رەسمىي بىر ئەزاسىغا ئايلانغان.
\
ئەلدىيار تورى ئۈندىدار سالونى : eldiyar99

ساغلاملىق

ئوقۇشلۇق

تور بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ ئەلدىيار مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتىگە مەنسۇپ

© 2014 ELDIYAR.COM 备案/许可证编号:新ICP备15003605号 组织机构代码证:328862907 公安备案号:6501201406006

电话:13325555422 0991-2506623 QQ:2663600

تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

本站的所有内容,视频,音频,图片,文字均从互联网上收集而来,作品版权归作者所有。如发现版权问题请及时联系站长