تۈرى : تەنتەربىيە يوللىغۇچى : ئابلەت نۇرمۇھاممەد ۋاقتى : 2016-02-11 00:12:45
خانلىق مادرىد كوماندىسى 2 : 1 نەتىجە بىلەن گىرانادا كوماندىسىنى تەستە مەغلۇب قىلغان مۇسابىقىدە، پورتۇگالىيەلىك چولپان كىرىستىيانو رونالدو يەنە «ئاق قەغەز» تاپشۇردى. زىدانى خانلىق مادرىد كوماندىسىغا مەشقاۋۇل بولغاندىن بۇيان كىرىستىيانو رونالدو تېخى مېھمان مەيداندا توپ كىرگۈزۈپ باقمىدى. ئىسپانىيە تاراتقۇسى «ئاس گېزىتى» مۇنداق دېدى: «ئەگەر بۇ پەسىل كىرىستىيانو رونالدونىڭ كىرگۈزگەن توپىنى چىقىرىۋەتكەندە، خانلىق مادرىد پەقەت ئىككى نومۇرنى ئاز ئالىدۇ» پەسىللىك مۇسابىقە ھازىرغا قەدەر، كىرىستىئانو رونالدو جەمئىي 29 مەيدان مۇسابىقە ئوينىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 14 مەيدان مۇسابىقىدە توپ كىرگۈزگەن. توپ كىرگۈزۈش ئۈنۈمى %48.2 بولغان. بۇ كىرىستىيانو رونالدونىڭ خانلىق مادرىد ھاياتىدىكى ئەڭ ناچار سان-سىفىر ھېسابلىنىدۇ. ئىلگىرىكى ئەڭ ناچار نەتىجىسى 2010-2011-مۇسابىقە پەسىلدىكى %51.8 ئىدى. باشقا مۇسابىقە پەسلىنىڭ ھەممىسدە %60 تىن ئېشىپ كەتكەن. 2013-2014-مۇسابىقە پەسىلدە ھەتتا %72 گىمۇ چىققان.
كىرىستىيانو رونالدو 29 مەيداندا 30 توپ كىرگۈزدى، توپ كىرگۈزۈش ئۈنۈمى ئۈنۈمى بىر مەيدانغا بىردىن ئېشىپ كېتىدۇ. ئەمما ئۇ پەقەت 14 مەيدان مۇسابىقىدە توپ كىرگۈزدى. بۇ ئۇنىڭ ئىپادىسىنىڭ تۇراقلىق بولمىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. كۈچلۈك كوماندىلار بىلەن ئۇچراشقاندا «غايىب بولۇش» بۇنىڭ تىپىك مىسالى بۇلالايدۇ. 30 توپنىڭ ئىچىدە ئىسپانىيەلىكلەر كوماندىسىغىلا سەككىز توپ ئۇردى. ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمە مۇسابىقىسىدىكى رەقىبى مالمو كوماندىسىغىمۇ ئالتە توپ ئۇردى. بارسېلونا، بېلباۋ رىقابەت، مادرىد رىقابەت، سېۋىللا، ۋالېنسىيە ۋە ۋىللارىيال قاتارلىق كۈچلۈك كوماندىلار بىلەن ئوينىغاندا بىرمۇ توپ ئۇرالمىدى. يېشىنىڭ چوڭىيىشى ۋە ئىپادىسىنىڭ چېكىنىشىگە ئەگىشىپ يېقىندىن بۇيان كىرىستىيانو رونالدونىڭ خانلىق مادرىد كۇلۇبىدىن ئايرىلىش خەۋىرى توختىماي چىقىۋاتىدۇ. بىر نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا ئۇ ئېنىق قىلىپ مۇنداق دېدى: «كۇلۇب بىلەن تۈزگەن توختامىمىغا ئەمەل قىلىمەن، مېنىڭ توختامىم 2018-يىلى ئاخىرلىشىدۇ، شۇ ۋاقىتتا كېيىنكى ئىشلارنى ئويلىشىمەن».
تەنتەربىيە 26-چىسلا نەق مەيداندا شىنجاڭ ئەزىمەتلىرىگە مەدەت بىرىڭ!
تەنتەربىيە شىرئەلىجان تۇغۇلغان كۈنىدە تورت ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى
تەنتەربىيە خان مادرىت دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك كوماندىمۇ؟ ياق، مادرىت رېقابەت 0:4 خان مادرىت
ئەگەر قارچۇق ئەينىكى تاقايدىغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا، زۇكام دو
سولياۋ خالتىلارنىڭ زەھەرسىزلىكىنى ئاددىي ئۇسۇلدا پەرقلەندۈرۈش
تور بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ ئەلدىيار مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتىگە مەنسۇپ
© 2014 ELDIYAR.COM 备案/许可证编号:新ICP备15003605号 组织机构代码证:328862907 公安备案号:6501201406006
邮箱:global@eldiyar.com 广告部:18999993541 新闻部:13899903541 监督举报:13325555422 QQ \ Wechat :2663600
تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ
本站的所有内容,视频,音频,图片,文字均从互联网上收集而来,作品版权归作者所有。如发现版权问题请及时联系站长