ياش-ئۆسمۈرلەردىكى يېقىننى كۆرەلمەسلىك كېسىلىگە سەل قارىماڭ

سەھىپە: ئانا-بالىلار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/07/18 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

 ياسىنجان توخنىياز

ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئېلىمىزدىكى ياشلار ۋە ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا يېقىننى كۆرەلمەسلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى دۇنيا بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن. باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يېقىننى كۆرەلمەسلىك نىسبىتى %21 تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يېقىننى كۆرەلمەسلىك نىسبىتى %48 تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يېقىننى كۆرەلمەسلىك نىسبىتى %72 بولۇپ، يېقىننى كۆرەلمەسلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇۋاتقانلار بارغانسېرى ياشلىشىشقا قاراپ يۈزلەنمەكتە، كۆزەينەكنىڭ گىرادۇسى بارغانسېرى يۇقىرىلىماقتا.

يېقىننى كۆرەلمەسلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشنىڭ سەۋەبلىرى: %90 ياشلار ۋە ئۆسمۈرلەردىكى يېقىننى كۆرەلمەسلىك كېسىلىنى مۇھىت كەلتۈرۈپ چىقارغان. ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ئوقۇش يۈكىنىڭ ئېغىر بولۇشى، كىتاب كۆرگەندىكى ھالىتىنىڭ توغرا بولماسلىقى كۆز ئالمىسىنى چارچىتىپ، كىرپىكسىمان مۇسكۇل ئېلاستىكىلىقىنى يوقىتىپ، كۆرۈش تەسۋىرىنىڭ كۆرۈش تور پەردىسىگە توغرا چۈشمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ يېقىننى كۆرەلمەسلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشنىڭ تاشقى ئامىلى ھېسابلىنىدۇ.

 ياشلار، ئۆسمۈرلەردىكى ئوزۇقلۇق قوبۇل قىلىش مۇۋاپىق بولمىسىمۇ، كۆرۈش گۇرۇپپىسىدىكى مېتابولىزم (ماددا ئالماشتۇرۇش) نورمالسىزلىشىپ، كۆزدە پەيدا بولغان كېرەكسىز ماددىلار سىرتقا چىقىرىۋېتىلمەي، ئوزۇقلۇق ۋاقتىدا تولۇقلىنالمايدۇ – دە، كۆرۈش گۇرۇپپىسىدا ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ يېقىننى كۆرەلمەسلىك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئىچكى ئامىل ھېسابلىنىدۇ.

 يېقىننى كۆرەلمەسلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار ئىچىدە كۆزگە ئاق چۈشۈش، تىراخوما قاتارلىق كېسەللەرنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى نورمال ئادەملەرنىڭكىدىن كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولىدۇ. يۇقىرى گىرادۇسلۇق يېقىننى كۆرەلمەسلىك ئاسانلا كۆزگە ئەينەكسىمان دۇغ چۈشۈش، كۆرۈش تور پەردىسىدىن قان چىقىش ۋە كۆرۈش تور پەردىسى چۈشۈپ كېتىش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

 يېقىننى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن:

بىرىنچى، كۆرۈش، يېزىشتىكى قىياپەتكە دىققەت قىلىش كېرەك. كۆزگە چۈشىدىغان نۇر بەك كۈچلۈك ياكى بەك ئاجىز بولماسلىق، كۆزنى بىر سائەتتە بەش – ئون مىنۇت ئارام ئالدۇرۇش، كۆز گىمناستىكىسىنى ئەستايىدىل ئىشلەپ بېرىش، يېتەرلىك ئۇخلاش، تەنتەربىيە ۋە دالا پائالىيىتىگە كۆپرەك قاتنىشىپ بېرىش كېرەك.

ئىككىنچى، ئوزۇقلۇققا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. بۇنىڭدا ئاقسىل، ۋىتامىن قاتارلىقلارنى تولۇقلىغاندىن سىرت يەنە كالتسىي، سىنك، خىروم قاتارلىق ئېلېمېنتلارنىمۇ تولۇقلاپ بېرىش كېرەك. كالا سۈتى، بېلىق، تۇخۇم سېرىقى، ھايۋانات جىگىرى قاتارلىقلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ بەرسىمۇ كۆرۈش قۇۋۋىتىگە پايدىلىق. قىزىلمۇچ قاتارلىق غىدىقلىغۇچى خاراكتېرگە ئىگە كۆكتاتلارنى ئازراق ئىستېمال قىلىش كېرەك.

ئۈچىنچى، كۆز تازىلىقىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. كۆزنى قول بىلەن ئۇۋۇلىماسلىق، كۆزگە قالايمىقان دورا ئىشلەتمەسلىك، قالايمىقان كۆزەينەك تاقىماسلىق، دوختۇرخانىغا كۆرۈنۈپ، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە دورا ئىشلىتىش ياكى كۆزەينەك سېتىۋېلىش كېرەك.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر