ھامىلىدار ئاياللارنىڭ قورساق قىچىشىشىنى كۆپ ھاللاردا ھامىلىدارلىق سىزىقچىلىرى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھامىلىدار بولۇپ 6-7 ئايلىق بولغاندا، بولغۇسى ئانا قۇرساق تېرىسىدا سۆسۈن ياكى سۇس قىزىل رەڭلىك ھامىلىدارلىق سىزىقچىلىرى پەيدا بولىدۇ ھەمدە قىچىشىدۇ. بۇ چاغدا ھەرگىزمۇ تاتلاشقا بولمايدۇ، بولمىسا تېرە قىزىرىپ، ۋاقىت ئۇزارغانچە قېلىنلاپ كېتىدۇ، ھەتتا قىچىشىشنى ئېغىرلاشتۇرۇپ، يىرىڭلىق يۇقۇملىنىشنى پەيدا قىلىدۇ. بۇنداق چاغدا ئەڭ ياخشىسى زەيتۇن مېيى ياكى ھامىلدارلار ئىشلىتىدىغان ئۇۋۇلاش مېيىنى سۈرۈپ قىچىشىشنى بېسىش كېرەك.
خىمىيىۋى تالا توقۇلما ئىچ كىيىملەر تېرە بىلەن سۈركىلىش سەۋەبلىك تېرە قىچىشىشنى ئېغىرلاشتۇرۇپ قويىدۇ، شۇڭا ھامىلدارلار ساپ پاختا ئىچ كىيىم كىيىشى ۋە پات-پات ئالماشتۇرۇپ تۇرىشى كېرەك.
ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە بەك تولا يۇيۇنماسلىق لازىم، يۇيۇنغان سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى بەك يۇقىرى بولۇپ كەتمەسلىكى، ھەمدە ئىشقارلىق سوپۇن ئىشلەتمەسلىك، تېرىنىڭ نەملىكىنى ساقلاشقا دىققەت قىلىش كېرەك.
غىدىقلىغۇچى يېمەكلىكلەردىن قىزىلمۇچ، زەنجىۋىل، سامساقلارنى ئاز يېيىش، ئۇنىڭدىن باشقا دېڭىز مەھسۇلاتلىرى، ئۇسۇڭ، موگۇ تۈرى، سەدەپ قۇلۇلىسى قاتارلىق يەل كېلىدىغان يېمەكلىكلەرنى ئامال بار يىمەسلىك. ماش، ئاغىچە، نەشپۈت قاتارلىق ئىسسىقنى ھەيدەپ، زەھەر قايتۇرىدىغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يىيىش كېرەك.
يەنە بەزى ھامىلىدارلارنىڭ قورساق قىچىشىشى ئەسۋە، تېرە ياللۇغى، ھۆل تەمرەتكە، ھەمدە دورا ئىچىشتىن كېلىپ چىققان سەزگۈرلۈكى ئېشىپ كېتىش خاراكتېرلىك قىچىشىش ، كىلىمات ئۆزگىرىشى سەۋەبلىك قىچىشىش بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا دوختۇرخانىغا بېرىپ دىئاگنوز قويدۇرۇپ داۋالىنىش زۆرۈر.
ھامىلىدار ئاياللارنىڭ قۇرسىقىلا قىچىشىپ قالماستىن، پۈتۈن بەدىنى قىچىشسا جىگەردە ئۆت سۇيۇقلۇقى يىغىلىش كېسىلىدىن ئېھتىيات قىلىش لازىم. بۇ كېسەللىك ھامىلدار بىلەن ھامىلە ئوتتۇرىسىدىكى قان ئايلىنىش ۋە ماددا ئايلىنىشنى توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ھامىلىگە ئوكسىگېن يېتىشمەي، ئۆسۈپ يېتىلىشى ئاستىلاپ كېتىدۇ، ئېغىرراق بولغاندا ئۆلۈپ قالىدۇ. شۇڭا ھامىلدارلار بۇ خىل ئەھۋالغا سەل قارىماي ئۆت كىسلاتاسىنى تەكشۈرتۈپ بېقىشى كېرەك.
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
كاتتا خۇش خەۋەر-شىنجاڭنىڭ تۇغۇت دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشىغا نەزەر مەنبە: دۆڭكۆۋرىك خاتىرلىرى
ياش-ئۆسمۈرلەردىكى يېقىننى كۆرەلمەسلىك كېسىلىگە سەل قارىماڭ ياسىنجان توخنىياز ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئېلىمىزدىكى ياشلار ۋە ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا يېقىننى كۆرەلمەسلىك كې
ئەنگلىيەدە ئائىلە تەربىيەسى قانداق؟ ئەنگلىيەدە ئاتا - ئانىلارنىڭ كۆپ قىسمى بالىلارنى ئەركىلىتىپ چوڭ قىلىش بالىلاردا مۇستەقىل خاراكتېر يېتىلدۈرۈشنىڭ ئەڭ چوڭ توسالغۇسى، بالىلارنى كېيىن جەمئىيەتنىڭ ئېھ
قورساقتىكى ھامىلىنىڭ ھەر ئايدىكى ئۆزگىرىشى | رەسىملىك ھامىلىنىڭ ھەر ئايدا قورساقتا تۇرغان ھالەتلىرى قانداق بولىدۇ؟ بۇ ھەربىر ھامىلىدار ئانىنىڭ قىزىقىدىغان ئىشى. تۆۋەندە، ئەلداۋا كىچىك تەھرىرى بىلەن بىرگە ھامىلىنىڭ ھە
ھامىلدارلىق مەزگىلىدە قورساق قىچىشسا دىققەت قىلىش كېرەك ھامىلىدار ئاياللارنىڭ قورساق قىچىشىشىنى كۆپ ھاللاردا ھامىلىدارلىق سىزىقچىلىرى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھامىلىدار بولۇپ 6-7 ئايلىق بولغاندا، بولغۇسى ئانا قۇرساق تېرىسىدا
