ئەنگلىيەدە ئاتا - ئانىلارنىڭ كۆپ قىسمى بالىلارنى ئەركىلىتىپ چوڭ قىلىش بالىلاردا مۇستەقىل خاراكتېر يېتىلدۈرۈشنىڭ ئەڭ چوڭ توسالغۇسى، بالىلارنى كېيىن جەمئىيەتنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشالايدىغان، خىزمەت قىلىپ مۇستەقىل ياشىيالايدىغان قىلىش ئۈچۈن، ئۇلاردا مۇستەقىل ياشاش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش، شۇنداقلا ئۇلارغا باشقىلارنى ھۆرمەتلەش ۋە ئۆز - ئۆزىنى باشقۇرۇشنى ئۆگىتىش، ئۆز ھەرىكىتىگە مەسئۇل بولۇشنى بىلدۈرۈش كېرەك، دەپ قارايدۇ.

بالىلار ئاق قەغەز ئەمەس
كىچىكىمىزدە: «بالىلار بىر ۋاراق ئاق قەغەز، ئۇنىڭغا ئەڭ يېڭى ھەم گۈزەل يازمىلارنى يېزىشقا، رەسىملەرنى سىزىشقا بولىدۇ» دېگەن سۆزلەرنى ئاڭلاپ تۇراتتۇق، ئەمەلىيەتتە بۇ بالىلار چوڭلار قانداق يېتەكلىسە، چوڭ بولغاندا شۇنداق بولىدۇ، دېگەنلىك ئىدى. ئەنگلىيەدىمۇ ئىلگىرى «ئاق قەغەز» نەزەرىيەسى بار ئىدى، بالىلارنى «tabularasa» (قۇپقۇرۇق) قارايتتى، ئەمما ھازىر ئالىملار بالىلارنىڭ دۇنياغا كەلگەندىلا ئاللىقاچان ئاتا - ئانىسىنىڭ بەزى مىجەز - خاراكتېرىگە ۋارىسلىق قىلىدىغانلىقىنى، شۇڭا «ئاق قەغەز» نەزەرىيەسىنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلىدى.
بالىلارغا تەن جازاسى بېرىش
ئائىلە ـــ بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش بۆشۈكى، ئاتا - ئانا ۋە باشقا ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئىدىيە ۋە ھەرىكىتى بالىلاردا ئەخلاق ئېڭىنىڭ يېتىلىشىگە ھەل قىلغۇچ تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەنگلىيە ئائىلىلىرىدە بالىلار خاتالىق ئۆتكۈزسە، چوقۇم جازالىنىدۇ. ئاتا - ئانىلار بالىلارنىڭ مۇستەقىللىق خاراكتېرىگە ھۆرمەت قىلىش شەرتى ئاستىدا ئۇلارنى قاتتىق باشقۇرىدۇ، ئۇلارغا ھەرقانداق قىلمىشنىڭ چەكلىمىسىز بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئەنگلىيە قانۇنىدا ئاتا - ئانىلارنىڭ بالىلىرىغا تەن جازاسى بېرىشىگە يول قويۇلغان، ھازىرمۇ نۇرغۇن مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلارغا تەن جازاسى بېرىش قائىدىسى بار.
ئادەتتىكى ئائىلىلەردە بەش ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ چوڭلار بىلەن بىر ئۈستەلدە ئولتۇرۇپ تاماق يېيىشىگە، تاللاپ يېيىشى ۋە تاللاپ كىيىشىگە يول قويۇلمايدۇ، قايسى ئىشنى قىلىدىغان ۋاقىت كەلسە، چوقۇم شۇ ئىشنى قىلىشى كېرەك، قەستەن خاتالىق ئۆتكۈزگەن ۋە ئۆزىدىن كىچىك بالىلارنى بوزەك قىلغانلار قاتتىق جازالىنىدۇ. بالىلاردىن ھەرقانداق ئادەمگە چوقۇم ئەدەپلىك مۇئامىلە قىلىش، ئېھتىرام بىلەن گەپ قىلىش، ئاتا - ئانا، ئۇرۇق - تۇغقان، ئاكا - ئۇكا ۋە ئاچا - سىڭىلغىمۇ شۇنداق قىلىش، گەپ - سۆز ئۆلچەملىك بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. ئەگەر بالىلار قائىدىگە ئەمەل قىلمىسا ئاتا - ئانىلارنىڭ تەنبىھىگە، ھەتتا تەن جازاسىغا ئۇچرايدۇ.
دوستانىلىق
ئەنگلىيەلىكلەر باشقىلارغا باھا بەرگەندە بىروۋنىڭ كەسپى، جىنسى، كىرىمى، تەربىيەلىنىشى ۋە شەخسىي تۇرمۇشىنىڭ قانداقلىقىغا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ دوستانە ياكى ئەمەسلىكىنى مۇھىم ئورۇنغا قويىدۇ؛ ئاتا - ئانىلار بالىلىرىغا ئەتراپىدىكى بارلىق جانلىققا ياخشى مۇئامىلە قىلىشنى ئۆگىتىدۇ، بالىلىرىنى دېھقانچىلىق مەيدانلىرىغا ئېلىپ بېرىپ تەبىئەت بىلەن ئۇچراشتۇرىدۇ. يازدا ئاشخانىسىنى چۈمۈلە بېسىپ كەتسىمۇ، ئانا چۈمۈلىلەرنى قورۇغاچ، بالىلىرىغا چۈمۈلىلەرنى قىيناپ ئوينىماسلىق ياكى ئۆلتۈرمەسلىكنى، يېنىك ئۇرۇپ قويسىلا چۈمۈلىلەرنىڭ كېتىپ قالىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ، يەنە چۈمۈلىلەرنى بوتۇلكىغا قاچىلاپ گۈللۈككە قويۇپ بېرىشنى ئۆگىتىدۇ.
ئەڭ مۇھىم پەزىلەت
ئەنگلىيەدە ئاتا - ئانىلار بالىلىرىنى دائىم دالىغا ئېلىپ چىقىدۇ، تەبىئەتكە ئىچكىرىلەپ كىرىپ، خەتەرلىك ھەم ناچار مۇھىتتا ياشاشنى ئۆگىتىدۇ. مەقسەت ئىنتايىن ئېنىق، يەنى بالىلارنىڭ ئىرادىسى ۋە باتۇرلۇقىنى تاۋلاپ، ئۇلارنى كېيىنكى ھايات مۇساپىسىنى ياخشى مىجەز - خاراكتېر تاماملاش، جاسارەت بىلەن ياشاشنى مۇھىم پەزىلەت دەپ بىلىشكە يېتەكلەش.
- ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىن
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
كاتتا خۇش خەۋەر-شىنجاڭنىڭ تۇغۇت دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشىغا نەزەر مەنبە: دۆڭكۆۋرىك خاتىرلىرى
ياش-ئۆسمۈرلەردىكى يېقىننى كۆرەلمەسلىك كېسىلىگە سەل قارىماڭ ياسىنجان توخنىياز ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئېلىمىزدىكى ياشلار ۋە ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا يېقىننى كۆرەلمەسلىك كې
ئەنگلىيەدە ئائىلە تەربىيەسى قانداق؟ ئەنگلىيەدە ئاتا - ئانىلارنىڭ كۆپ قىسمى بالىلارنى ئەركىلىتىپ چوڭ قىلىش بالىلاردا مۇستەقىل خاراكتېر يېتىلدۈرۈشنىڭ ئەڭ چوڭ توسالغۇسى، بالىلارنى كېيىن جەمئىيەتنىڭ ئېھ
قورساقتىكى ھامىلىنىڭ ھەر ئايدىكى ئۆزگىرىشى | رەسىملىك ھامىلىنىڭ ھەر ئايدا قورساقتا تۇرغان ھالەتلىرى قانداق بولىدۇ؟ بۇ ھەربىر ھامىلىدار ئانىنىڭ قىزىقىدىغان ئىشى. تۆۋەندە، ئەلداۋا كىچىك تەھرىرى بىلەن بىرگە ھامىلىنىڭ ھە
ھامىلدارلىق مەزگىلىدە قورساق قىچىشسا دىققەت قىلىش كېرەك ھامىلىدار ئاياللارنىڭ قورساق قىچىشىشىنى كۆپ ھاللاردا ھامىلىدارلىق سىزىقچىلىرى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھامىلىدار بولۇپ 6-7 ئايلىق بولغاندا، بولغۇسى ئانا قۇرساق تېرىسىدا
