
ھەكىم سۇلتان ئەلىنىڭ دەستۇرۇلئىلاج ناملىق كىتابىدىن ئىلىندى. يەركەن سەئىدىيە خانلىق زامانىسىدا ياشاپ ئۆتكەن مەشھۇر ئۇيغۇر ھۆكۈما (تېۋىپ) سۇلتان ئەلى ھەزىرەت تەرىپىدىن 1520-1533 -يىللىرى سۇلتان سەئىد باھادىرخاننىڭ پەرمانىغا ئاساسەن يېزىلغان <<دەستۇرىل ئىلاج>> ناملىق كىتاپ دەسلىپىدە شۇ زامانلاردىكى ئەدەبىي تىل پارىس تىلىدا يېزىلغان، كىيىن يەنە مەزكۇر كىتابنىڭ ئەمەلىي پايدىلىنىش قىممىتىنى ئاشۇرۇش مەقسىتىدە سۇلتان سەئىدخاننىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن چاغاتاي ئۇيغۇرچىسىدا يېزىلغان.
بويىدا قالغانلىقنىڭ ئالامىتى: جىنسىي ئەزا قۇرۇق بولىدۇ ھەم كىچىك بولىدۇ.جنىسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەندىن كىيىن سوغۇقتا توڭغاندەك ھېس قىلىدۇ. جنىسىي ئىشلار مەيلى ئاز بولسۇن ئادەت كۆرۈش توختايدۇ، ئەمچەكنىڭ ئۇچى قارا، كۆزنىڭ ئېقى كۆكۈش بولىدۇ.كۆڭلى ئاچچىق -چۈچۈك نەرسىلەرگە تارتىدىغان بولىدۇ.
بالا ئوغۇل ئىكەنلكنىڭ ئالامىتى: ئايال كىشىنىڭ رەڭگى چىرايلىق، ئوبدان بولۇشى بىلەن كۆكرىكى قىزىل بولىدۇ. بالنىڭ ھەرىكىتى ئوڭ تەرەپتە سىېزىلىدۇ. كۆكرىكنىڭ ئوڭ تەرىپى سول تەرىپىدىن چوڭ بولىدۇ. بالىنىڭ ھەرىكىتى قاتتىق سۈيدۈكى رەڭلىك بولىدۇ. قورسىقى كۆپىنچە ئېگىز بولىدۇ. ئايال ئىشتھالىق بولىدۇ.
بالا قىز ئىكەنلكنىڭ ئالامىتى: ئايالنىڭ رەڭگى ئۆچەك بولىدۇ. بالا كىچىكىپ ھەرىكەت قىلىدۇ. بالىنىڭ ھەرىكىتى سول تەرەپتە سېزىلىدۇ، كۆكرىكى قارا بولىدۇ. سول تەرىپى چوڭ بولىدۇ. سۈيدىكى ئاق، قورىسقى پەستىرەك بولىدۇ. لاي، كۆمۈر، توپا،گەجدەك نەرسىلەرگە ھەۋەس قىلدىغان بولىدۇ. بەك ئىشتىھالىق بولىدۇ. بۇ ئەھۋال بالنىڭ قىز ئىكەنلىكنى كۆرسىتىدۇ، بۇقرات ھەكىم ئايال كىشىنىڭ بويىدا بارلىقى گۇمان بولسا، 20گرام ھەسەلنى سوغۇق سۇدا ئېزىپ، ياتار چاغدا بەرسە كىندىكى تولغاپ ئاغرىسا بويىدا بار، دەپ قارايمىز. يەنە بىر كۈن تاماق يىدۈرمەي ئۇدقا ئوخشاش خۇشپۇراق نەرسىلەرنى پۇرىتمىز، پۇرىمىسا بويىدا بار، دەپ قارايمىز.
يەنە بالىنىڭ ئوغۇل قىزلىقنى مەلۇم قىلدىغان بەلگىلەردىن زىراۋەننى سوقۇپ، ھەسەل بىلەن خىمىر قىلىپ، يۇڭ بىلەن جىنسىي ئەزاسىغا قويىمىز. ۋاقىت توشقىچە ھىچ نەرسە يىمەيدۇ. ئەگەر ئاغزىدا تاتلىق مىزە تەم بولسا بالا ئوغۇل، ئەگەر ئۇنداق بولمىسا قىز دۇر. ئەگەر ئاغزىدا ھىچقانداق تەم بولمىسا ھامىلدار ئەمەستۇر.
ئۇندىن باشقا ھامىلدار ئاياللارنىڭ سۈيدۈكى سۈزۈك بولىدۇ، ئۈستىدە دانچىلار بولىدۇ. كۆپىنچە نۇقۇت سۈيىدەك ياكى باپىچى سۈيىدەك بولىدۇ. ئۇنىڭ سېرىقلىقى قىزغۇچ قوڭۇر رەڭگە مايىل كىلىدۇ.چۆكمە بولىدۇ. ھامىلدارلىقنىڭ دەسلىپىدە سۈيدۈكتە قىزغۇچ قوڭۇر رەڭ كۆرۈلۈپ، ئاخىرىدا قىزىلغا ئۆزگىرىدۇ، داۋالغۇتسا، دۇغلىشىدۇ. ئەگەر سۈيدۈكنىڭ ئۈستىدە ئاق، نىپىز پەردە بولۇپ پۈتۈن سۈيدۈكنىڭ يۈزىنى ياپسا، قورساقتىى بالا ئوغۇل بولىدۇ. ئەگەر سۈيدۈكنىڭ بىر قىسمى يېپىلسا، بالا قىزدۇر. ئاق پەردىدە ئازراق دانىچە كۆرۈلسە، قورساقتا بالا يوقلۇقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ، يەلنىڭ بەلگىسىدۇر.2~3 بولغان ھامىلدار ئايالنىڭ سۈيدۈكى سۇيۇق، سۈزۈك بولىدۇ.
ئايلىق بولغاندا سۈيدۈك قىزلىغا مايىل، لېكىن بىر ئاز دۇغراق كېلىدۇ. ئەگەر دۇغلۇقى كۆپەيسە، ھامىلنىڭ چۈشۈپ كېتىدىغانلىقنى كۆرسىتىدۇ؛ ئەگەر دۇغ ئاز بولۇپ، بوتۇلكىنىڭ 4ئوتتۇرىسىغا يەتسە، ھامىلىنىڭ سالامەتلىكنى كۆرسىتىدۇ؛ ئەگەر دۇغ بوتۇلكىنىڭ ئۈستىدە بولسا، بۇ يەلنىڭ ئالامىتى بولۇپ، ھامىلنىڭ ئۆلۈپ كىتىشىگە سەۋەب بولۇشى مۇمكىن.
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
- ئالدىنقىسى : يەتتە خىل ئىرسىيەت كېسەللىكى ئانىدىن بالىغا تارقىلىدىكەن
- كېيىنكىسى : ھامىلىگە زىيانلىق خىزمەتلەر
كاتتا خۇش خەۋەر-شىنجاڭنىڭ تۇغۇت دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشىغا نەزەر مەنبە: دۆڭكۆۋرىك خاتىرلىرى
ياش-ئۆسمۈرلەردىكى يېقىننى كۆرەلمەسلىك كېسىلىگە سەل قارىماڭ ياسىنجان توخنىياز ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئېلىمىزدىكى ياشلار ۋە ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا يېقىننى كۆرەلمەسلىك كې
ئەنگلىيەدە ئائىلە تەربىيەسى قانداق؟ ئەنگلىيەدە ئاتا - ئانىلارنىڭ كۆپ قىسمى بالىلارنى ئەركىلىتىپ چوڭ قىلىش بالىلاردا مۇستەقىل خاراكتېر يېتىلدۈرۈشنىڭ ئەڭ چوڭ توسالغۇسى، بالىلارنى كېيىن جەمئىيەتنىڭ ئېھ
قورساقتىكى ھامىلىنىڭ ھەر ئايدىكى ئۆزگىرىشى | رەسىملىك ھامىلىنىڭ ھەر ئايدا قورساقتا تۇرغان ھالەتلىرى قانداق بولىدۇ؟ بۇ ھەربىر ھامىلىدار ئانىنىڭ قىزىقىدىغان ئىشى. تۆۋەندە، ئەلداۋا كىچىك تەھرىرى بىلەن بىرگە ھامىلىنىڭ ھە
ھامىلدارلىق مەزگىلىدە قورساق قىچىشسا دىققەت قىلىش كېرەك ھامىلىدار ئاياللارنىڭ قورساق قىچىشىشىنى كۆپ ھاللاردا ھامىلىدارلىق سىزىقچىلىرى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھامىلىدار بولۇپ 6-7 ئايلىق بولغاندا، بولغۇسى ئانا قۇرساق تېرىسىدا
