ھامىلىدار ئاياللار زۇكام تېگىپ قالسا، ھامىلىگە تەسىر يېتىشتىن ئەنسىرەپ، دورا يېيىشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ. ئەمما قورساق كۆتۈرگەن دەسلەپكى مەزگىلدە زۇكام تەسىرىدە قىزىپ قالسا، ھامىلە مېڭە ھۈجەيرىسىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر يېتىدۇ. شۇڭا، ھامىلىدار ئاياللار زۇكام بولۇپ قالغاندا، بىر تەرەپتىن دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە دورا ئىشلىتىپ، يەنە بىر تەرەپتىن زۇكامنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنى قوللانسىمۇ، زۇكامنى داۋالىغىلى بولىدۇ:
1) زۇكامنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە كېكىردەك قىچىشىپ ھەم ئاغرىسا، دەرھال تۇز سۈيى بىلەن ئېغىز ۋە گالنى 10 مىنۇتتا 1 قېتىمدىن 10 قېتىم ئەتراپىدا چايقىسا، شىپا قىلىدۇ.
2) توخۇ شورپىسى ئىچسە، زۇكام بىلەن بىللە پەيدا بولغان بۇرۇن پۈتۈپ قېلىش، بۇرۇندىن سۇ ئېقىش قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ ھەمدە نەپەس يولىدىكى ۋىرۇسلارنى يوقىتىدۇ. شورپىغا ئازراق زەنجىۋىل سېلىۋەتسە ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
3) كۈندە 3 قېتىم ئىستاكانغا 42 سېتلسي گرادۇس ئەتراپىدىكى ئىسسىق سۇنى قۇيۇپ، ئىسسىق ھورنى سۈمۈرسە، شىپا قىلىدۇ.
4) يۆتىلىپ قالغاندا، 1 دانە تۇخۇمنى چېقىپ، ئازراق ئاق شېكەر ۋە زەنجىۋىلنىڭ سۈيىنى ئارىلاشتۇرۇپ، يېرىم ئىستاكان قايناقسۇغا قوشۇپ، 2 - 3 قېتىم ئىچسە، شىپا قىلىدۇ.
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
- ئالدىنقىسى : ھامىلىدارلار بىخەتەرلىك تاسمىسى كەشىپ قىلىندى
- كېيىنكىسى : ھامىلىدار ئاياللار پەرھىز تۇتىدىغان يېمەك – ئىچمەكلەر
كاتتا خۇش خەۋەر-شىنجاڭنىڭ تۇغۇت دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشىغا نەزەر مەنبە: دۆڭكۆۋرىك خاتىرلىرى
ياش-ئۆسمۈرلەردىكى يېقىننى كۆرەلمەسلىك كېسىلىگە سەل قارىماڭ ياسىنجان توخنىياز ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئېلىمىزدىكى ياشلار ۋە ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا يېقىننى كۆرەلمەسلىك كې
ئەنگلىيەدە ئائىلە تەربىيەسى قانداق؟ ئەنگلىيەدە ئاتا - ئانىلارنىڭ كۆپ قىسمى بالىلارنى ئەركىلىتىپ چوڭ قىلىش بالىلاردا مۇستەقىل خاراكتېر يېتىلدۈرۈشنىڭ ئەڭ چوڭ توسالغۇسى، بالىلارنى كېيىن جەمئىيەتنىڭ ئېھ
قورساقتىكى ھامىلىنىڭ ھەر ئايدىكى ئۆزگىرىشى | رەسىملىك ھامىلىنىڭ ھەر ئايدا قورساقتا تۇرغان ھالەتلىرى قانداق بولىدۇ؟ بۇ ھەربىر ھامىلىدار ئانىنىڭ قىزىقىدىغان ئىشى. تۆۋەندە، ئەلداۋا كىچىك تەھرىرى بىلەن بىرگە ھامىلىنىڭ ھە
ھامىلدارلىق مەزگىلىدە قورساق قىچىشسا دىققەت قىلىش كېرەك ھامىلىدار ئاياللارنىڭ قورساق قىچىشىشىنى كۆپ ھاللاردا ھامىلىدارلىق سىزىقچىلىرى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھامىلىدار بولۇپ 6-7 ئايلىق بولغاندا، بولغۇسى ئانا قۇرساق تېرىسىدا
