
سىلىق راۋانلاشقۇچى يېمەكلىكلەردىن پەرھىز تۇتۇش كېرەك. سېمىز ئوت كۆكتات، شۇنداقلا ئۆسۈملۈك دورا ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ. ئۇنىڭ بالىياتقۇغا نىسبەتەن كۆرۈنەرلىك قوزغىتىش رولى بولۇپ، بالىياتقۇنىڭ قىسقىراش قېتىم سانىنى كۆپەيتىپ، قىسقىراش كۈچىنى كۈچەيتىپ، ئاسانلا بويىدىن ئاجراپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا ھامىلىدار ئاياللار سېمىز ئوتتىن پەرھىز تۇتۇشى كېرەك.
ئۆرۈك ۋە ئۆرۈك مېغىزىدىن پەرھىز تۇتۇش كېرەك. ئۆرۈكنىڭ تەبىئىتى ئىسسىق بولۇپ، ئۇنىڭ بالا چۈشۈرۈش رولى بار. ئۆرۈك مېغىزىنىڭ تەركىبىدىكى ھىدروسىيانىك كىسلاتاسى زەھەرلىك. بۇ زەھەرلىك ماددا بالا ھەمراھىنىڭ توسۇقىدىن ئۆتۈپ ھامىلىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. شۇڭا ھامىلىدار ئاياللار ئۆرۈك ۋە ئۆرۈك مېغىزىدىن پەرھىز تۇتۇشى كېرەك.
ساڭراۋ قۇلاق (موئېر) دىن پەرھىز تۇتۇش كېرەك. ساڭراۋ قۇلاق دەرەخ قۇلىقى، قېرىنقۇلاق، ياغاچ زەمبۇرۇغى ۋە موئېر، دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش رولى بولغانلىقتىن كىشىلەر ياقتۇرۇپ ئىستېمال قىلىدۇ. ئەمما ئۇ ھامىلىنىڭ مۇقىملىقى ۋە نورمال ئۆسۈشىگە پايدىسىز. شۇڭا ھامىلىدارلار ئىمكانقەدەر ئۇنىڭدىن پەرھىز تۇتۇشى لازىم.
ئوزۇقلۇقنىڭ زىيادە ئېشىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك. ئاياللار ھامىلىدار بولغاندا ئوزۇقلۇق مۇۋاپىق كۆپەيتىلسە، ئانىنىڭ سالامەتلىكىنى ياخشىلاش ۋە ھامىلىنىڭ نورمال ئۆسۈشى ئۈچۈن پايدىلىق، لېكىن ئوزۇقلۇقنى زىيادە كۆپەيتىۋېتىش زىيانلىق. ئەگەر ئوزۇقلۇق زىيادە كۆپەيتىۋېتىلسە، ھامىلىدار ئاياللاردا قان بېسىمى يۇقىرىلاش، ھامىلە زىيادە يوغۇناپ كېتىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈپ، تۇغۇت قىيىنلىشىش، تۇغۇت دەۋرى ئۇزىراپ كېتىش، تۇغۇتتىن كېيىن قان كۆپ كېلىش قاتارلىق ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا بۇنىڭغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك .
پىلتە قۇيماقنى كۆپ يېمەسلىك كېرەك. پىلتە قۇيماقنى تەييارلاشتا خېمىر مەلۇم مىقداردا زەمچە قوشۇپ كۆپتۈرۈلىدۇ. زەمچە تەركىبىدە ئاليۇمىن ئېلېمېنتى بولغان بىر خىل خۇرۇچ. ئۇنى ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن كۆپ قىسمى بەدەندە ساقلىنىپ قېلىپ، چوڭ مېڭە زەخىملىنىش، قان ئازلىق، سۆڭەك شالاڭلىشىش قاتارلىق كېسەللەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بولۇپمۇ ئۇنىڭ كېسەلگە قارشى كۈچى ئاجىز ھامىلىدارلارغا بولغان خەۋپى تېخىمۇ چوڭ بولۇپ، ھامىلىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
- ئالدىنقىسى : ھامىلىدارلاردىكى زۇكامنى دورا ئىشلەتمەي داۋالاش
- كېيىنكىسى : يەتتە خىل ئىرسىيەت كېسەللىكى ئانىدىن بالىغا تارقىلىدىكەن
كاتتا خۇش خەۋەر-شىنجاڭنىڭ تۇغۇت دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشىغا نەزەر مەنبە: دۆڭكۆۋرىك خاتىرلىرى
ياش-ئۆسمۈرلەردىكى يېقىننى كۆرەلمەسلىك كېسىلىگە سەل قارىماڭ ياسىنجان توخنىياز ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئېلىمىزدىكى ياشلار ۋە ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا يېقىننى كۆرەلمەسلىك كې
ئەنگلىيەدە ئائىلە تەربىيەسى قانداق؟ ئەنگلىيەدە ئاتا - ئانىلارنىڭ كۆپ قىسمى بالىلارنى ئەركىلىتىپ چوڭ قىلىش بالىلاردا مۇستەقىل خاراكتېر يېتىلدۈرۈشنىڭ ئەڭ چوڭ توسالغۇسى، بالىلارنى كېيىن جەمئىيەتنىڭ ئېھ
قورساقتىكى ھامىلىنىڭ ھەر ئايدىكى ئۆزگىرىشى | رەسىملىك ھامىلىنىڭ ھەر ئايدا قورساقتا تۇرغان ھالەتلىرى قانداق بولىدۇ؟ بۇ ھەربىر ھامىلىدار ئانىنىڭ قىزىقىدىغان ئىشى. تۆۋەندە، ئەلداۋا كىچىك تەھرىرى بىلەن بىرگە ھامىلىنىڭ ھە
ھامىلدارلىق مەزگىلىدە قورساق قىچىشسا دىققەت قىلىش كېرەك ھامىلىدار ئاياللارنىڭ قورساق قىچىشىشىنى كۆپ ھاللاردا ھامىلىدارلىق سىزىقچىلىرى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھامىلىدار بولۇپ 6-7 ئايلىق بولغاندا، بولغۇسى ئانا قۇرساق تېرىسىدا
