بوۋاقلارغا كالىتسىي تولۇقلاشنىڭ ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك ئۇسۇلى دەل ئانا سۈتى ئارقىلىق تولۇقلاش. يەنى ئانا سۈتى تەركىبىدىكى كالىتسىي مىقدارىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق تولۇقلاش. بۇنىڭدا ئەلۋەتتە ئانا بەدىنىنى ئىلمىي ئوزۇقلاندۇرۇش ئارقىلىق ئانا سۈتى تەركىبىدىكى كالىتسىي مىقدارىنى ئاشۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. ياز كۈنلىرىدە بالىغا ئارتۇقچە كالىتسىي تولۇقلاشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. بالىلار يېتەرلىك ئاپتاپقا سېلىنسا، ئانا ياكى كالا سۈتى بىلەن ئوبدان ئوزۇقلاندۇرۇلسا بولغىنى.
ئەگەر دوختۇرخانىدا تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بالىدا كالىتسىي يېتىشمەسلىك ئەھۋالى بايقىلىپ، ياكى تۆۋەندىكىدەك كالىتسىي كەملىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، كالتسىينى دورىلار بىلەن تولۇقلاشقا بولىدۇ. دورا ئارقىلىق تولۇقلاشتا، چوقۇم دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى ۋە دورىنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشى بويىچە، بالىنىڭ ياش قورامىغا قاراپ تۇرۇپ مىقدارلىق، قەرەللىك تولۇقلاش كېرەك. ھەرگىزمۇ قارىغۇلارچە تەرتىپسىز، مىقدارىنى ئاشۇرۇپ تولۇقلاشقا بولمايدۇ.

بوۋاق بالىلاردىكى كالىتسىي كەملىك ئالامەتلىرى:
1. بالا ئۇخلىغاندا كۆپ تەرلەش
2. كېچىسى قەغىش قىلىش
3. چېچى ئاز-شالاڭ بولۇش
4. باش سۆڭكى زىيادە يۇمشاق بولۇش
5. بېشى پاتاڭ تەرەپنى تولا ياستۇققا سۈرۈش (كەينى تەرەپ چاچ تولا سۈركىلىپمۇ چۈشۈپ كېتىدۇ)
6. چىش كېچىكىپ چىقىش
7. بالىنىڭ يېتىلىشى ئاستا بولۇش قاتارلىقلار.
بالىلارغا كالىتسىينى ئىلمىي تولۇقلاش ئۆلچىمىنى بىلمەكچى بولسىڭىز، نەزىرىڭىز كېيىنكى بەتتە بولسۇن!
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
كاتتا خۇش خەۋەر-شىنجاڭنىڭ تۇغۇت دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشىغا نەزەر
مەنبە: دۆڭكۆۋرىك خاتىرلىرى
ياش-ئۆسمۈرلەردىكى يېقىننى كۆرەلمەسلىك كېسىلىگە سەل قارىماڭ
ياسىنجان توخنىياز ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئېلىمىزدىكى ياشلار ۋە ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا يېقىننى كۆرەلمەسلىك كې
ئەنگلىيەدە ئائىلە تەربىيەسى قانداق؟
ئەنگلىيەدە ئاتا - ئانىلارنىڭ كۆپ قىسمى بالىلارنى ئەركىلىتىپ چوڭ قىلىش بالىلاردا مۇستەقىل خاراكتېر يېتىلدۈرۈشنىڭ ئەڭ چوڭ توسالغۇسى، بالىلارنى كېيىن جەمئىيەتنىڭ ئېھ
قورساقتىكى ھامىلىنىڭ ھەر ئايدىكى ئۆزگىرىشى | رەسىملىك
ھامىلىنىڭ ھەر ئايدا قورساقتا تۇرغان ھالەتلىرى قانداق بولىدۇ؟ بۇ ھەربىر ھامىلىدار ئانىنىڭ قىزىقىدىغان ئىشى. تۆۋەندە، ئەلداۋا كىچىك تەھرىرى بىلەن بىرگە ھامىلىنىڭ ھە
ھامىلدارلىق مەزگىلىدە قورساق قىچىشسا دىققەت قىلىش كېرەك
ھامىلىدار ئاياللارنىڭ قورساق قىچىشىشىنى كۆپ ھاللاردا ھامىلىدارلىق سىزىقچىلىرى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھامىلىدار بولۇپ 6-7 ئايلىق بولغاندا، بولغۇسى ئانا قۇرساق تېرىسىدا