2400 ئايالغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈشتىن بايقىلىشىچە، كىلىماكتېرىيە دەۋرى يىغىندى كېسەل ئالامىتىگە گىرىپتار بولغان ئاياللار ئىچىدە، ئاز دېگەندىمۇ يېرىمى ئېرسىيەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ھۆل ئىسسىق، كېچىدە قارا تەرلەش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىدىمۇ ئېرسىيەت خۇسۇسىيىتى ئىپادىلەنگەن.
ئانىدىكى بۇ 9 خىل كېسەل قىزىغا ئېرسىيەت قېلىشى مۇمكىن

1. سۈت بېزى راكى ۋە تۇخۇمدان راكى
ئەگەر ئانىدىكى سۈت بېزى راكى ھەيز كېسىلىشتىن بۇرۇن كۆرۈلگەن بولسا، ئۇنداقتا قىزىنىڭ سۈت بېزى راكى ياكى تۇخۇمدان راكىغا گىرىپتار بولۇشى ئېھتىماللىقى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدىكەن. ئالدىنئالا تەدبىر قوللىنىش ئۈچۈن، 40 ياشتىن كېيىن ئاياللار چوقۇم يىلدا بىر قېتىم سۈت بېزىنى X نۇرىدا تەكشۈرتۈشى ھەمدە يىلدا بىر قېتىم بالىياتقۇ بوينىنى تەكشۈرتۈشى لازىم ئىكەن.
2. باشنىڭ يېرىمى ئاغرىش (شەقىقە)
ئەگەر ئانىدا باشنىڭ يېرىمى ئاغرىش كېسىلى بولسا، ئۇنداقتا قىزىدا بۇ خىل كېسەل پەيدا بولۇش نىسبىتى باشقا كىشىلەرگە قارىغاندا 2-3 ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن. ئەگەر ئانىدا بۇ كېسەلنىڭ قوزغالغان ۋاقتى 17 ياشتىن بۇرۇن بولغان بولسا ياكى ئالامەتلىرى ئېغىر بولغان بولسا، ئۇنداقتا قىزىنىڭ بۇ خىل كېسەل بولۇش خەۋپى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدىكەن. كېسەل بولۇش خەۋپى يۇقىرى كىشىلەر كېسەل پەيدا قىلغۇچى ھەر خىل سەۋەبلەر، مەسىلەن: ھەر ئايدىكى ھورمۇن سەۋىيەسىنىڭ ئۆزگىرىشى، ھاۋارايىنىڭ تۇراقسىزلىقى، ئۇيقۇ سۈپىتى ۋە يېمەك ئىچمەك (كوفېئىن، ئىسپىرت) قاتارلىقلارغا دىققەت قىلىشى لازىم ئىكەن ۋە ياكى دوختۇرغا كۆرۈنۈپ ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرىدىكى دورىلارنى ئىستېمال قىلىشى كېرەك ئىكەن.
3. سۆڭەك ماددىسى شالاڭلىشىش
ئەگەر ئانىدا سۆڭەكنىڭ زىچلىقى نىسبەتەن تۆۋەن بولسا، قىزىنىڭ سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى ھەسسىلەپ ئېشىپ كېتىدىكەن. كېسەل بولۇش خەۋپى يۇقىرى كىشىلەر ھەر كۈنى 1000 مىللىگىرامدىن 1500 مىللىگىرامغىچە كالتسىي ۋە ئاز دېگەندىمۇ 1000 خەلقئارا بىرلىكتىكى ۋىتامىن D ئىستېمال قىلىشتىن باشقا، يەنە مېۋە ۋە كۆكتاتلارنى كۆپرەك يەپ بېرىشى كېرەك ئىكەن. ھەپتىسىگە ئىككى ئۈچ قېتىم كۈچ مەشىقى ۋە ئوكسىگېنلىق ھەرىكەت ئىشلەپ بەرسە سۆڭەك زىچلىقىنى ئاشۇرغىلى بولىدىكەن.
4. بوغۇم ياللۇغى
ئامېرىكا ۋاشىنگتون رېماتىزم كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسى ۋاتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ساختا رېماتىزم خاراكتېرلىك بوغۇم ياللۇغى ناھايىتى كۈچلۈك ئېرسىيەتچانلىققا ئىگە بولۇپ، تاماكا چېكىش كېسەل بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدىكەن. قول ئالىقان سۆڭەكلىرىنىڭ بوغۇم ياللۇغىمۇ ئادەتتە ئېرسىيەت سەۋەبىدىن بولۇپ، تىز بوغۇم ياللۇغى كۆپىنچە بەدەن ئېغىرلىقى ۋە ھەرىكەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.
5. چىش قۇرتلاش ۋە چىش مىلىكى كېسەللىكلىرى
ئېرسىيەت ئامىلىنىڭ چىش قۇرتلاش خەۋپىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %45تىن يۇقىرى بولۇپ، بىر قىسىم چىش قۇرتلاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان باكتېرىيەلەر ھەتتا جەمەت ئىچىدە تارقىلىدىكەن. چىش مىلىكى مەسىلىسىنىڭ %39ى ئېرسىيەت خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولۇپ، جەمەتىدە ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكى تارىخى بارلار ئاز دېگەندىمۇ ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم چىش دوختۇرىغا كۆرۈنۈشى، كۈندە ئىككى قېتىم چىش چوتكىلاشتا چىڭ تۇرۇشى ھەمدە ئېغىز چايقاش سۇيۇقلۇقى بىلەن ئېغىزىنى چايقاپ بېرىشى كېرەك ئىكەن.
6. ئەسەبىيلىشىش كېسىلى
«ئادەتتىكى روھىي كېسەللىكلەر ئىلمىي ھۆججەتلىرى»نىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئەسەبىيلىشىش كېسىلىنىڭ ئېرسىيەت قېلىش نىسبىتى %40 ئىكەن. چوڭقۇر خىيال سۈرۈش، چوڭقۇر ئويلىنىش، كۈندىلىك خاتىرە يېزىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇپ، ئوكسىگېنلىق ھەرىكەتنى كۆپرەك ئىشلەپ، ئومېگا-3 ياغ كىسلاتاسىنى كۆپرەك قوبۇل قىلىپ بەرگەندە، ئەسەبىيلىشىش كەيپىياتىنى يوقاتقىلى بولىدىكەن.
7. يۈرەك كېسىلى
ئەگەر ئانا 65 ياشتىن بۇرۇن يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولسا، قىزىنىڭ يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشى خەۋپى %25تىن %30كىچە يۇقىرى بولىدىكەن. ئەلۋەتتە، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ پەقەت يېرىم ئامىلى ئېرسىيەتتىن كېلىدىغان بولۇپ، قالغىنى بەدەن ئېغىرلىقى، يېمەك-ئىچمەك، چېنىقىش قاتارلىق كونترول قىلغىلى بولىدىغان ئامىللار ئىكەن.
8. كىلىماكتېرىيە دەۋرى يىغىندى كېسەل ئالامىتى
2400 ئايالغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈشتىن بايقىلىشىچە، كىلىماكتېرىيە دەۋرى يىغىندى كېسەل ئالامىتىگە گىرىپتار بولغان ئاياللار ئىچىدە، ئاز دېگەندىمۇ يېرىمى ئېرسىيەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ھۆل ئىسسىق، كېچىدە قارا تەرلەش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىدىمۇ ئېرسىيەت خۇسۇسىيىتى ئىپادىلەنگەن.
9. ھاراقكەشلىك
ئامېرىكا ۋىرگىنىيە ئىشتاتلىق خۇمارلىقنى تۈگىتىش مۇتەخەسسىسى مايكولنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تەتقىقاتلاردىن ئايان بولۇشىچە، ھاراقكەش ئاياللارنىڭ قىزىنىڭ ھاراقكەش بولۇشى نىسبىتى باشقا كىشىلەرگە قارىغاندا 3 ھەسسىدىن 4 ھەسسىگىچە يۇقىرى بولىدىكەن.
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
قورساقتىكى ھامىلىنىڭ ھەر ئايدىكى ئۆزگىرىشى | رەسىملىك ھامىلىنىڭ ھەر ئايدا قورساقتا تۇرغان ھالەتلىرى قانداق بولىدۇ؟ بۇ ھەربىر ھامىلىدار ئانىنىڭ قىزىقىدىغان ئىشى. تۆۋەندە، ئەلداۋا كىچىك تەھرىرى بىلەن بىرگە ھامىلىنىڭ ھە
ھامىلدارلىق مەزگىلىدە قورساق قىچىشسا دىققەت قىلىش كېرەك ھامىلىدار ئاياللارنىڭ قورساق قىچىشىشىنى كۆپ ھاللاردا ھامىلىدارلىق سىزىقچىلىرى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھامىلىدار بولۇپ 6-7 ئايلىق بولغاندا، بولغۇسى ئانا قۇرساق تېرىسىدا
كىندىككە قاراپ قورساقتىكى بالىنىڭ قىز-ئوغۇللىقىنى پەملەش گەرچە ھازىرقى نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار قورساقتىكى بالىنىڭ قىز ياكى ئوغۇللىقى مۇھىم ئەمەس دېگەن بىلەن يەنىلا بوۋاقنىڭ جىنسىغا قىزىقىدۇ، بىز ھەممىمىز ھامىلىنىڭ بالدۇرلا
ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە يانفون ئوينىغاننىڭ ئاقىۋىتى، تېز كۆرۈڭ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بىر كەڭ كۆلەملىك خەلقئارالىق تەتقىقاتتىن بايقىلىشىچە، ئانا ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە دائىم يانفون ئ
ئانىدىن قىزغا ئېرسىيەت قالىدىغان 9 خىل كېسەللىك 2400 ئايالغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈشتىن بايقىلىشىچە، كىلىماكتېرىيە دەۋرى يىغىندى كېسەل ئالامىتىگ
