-
2009-02-22
ئۇسلۇپ تەمىنلەش كېلىشىمى - [تۈرى يوق]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/dunyakara-logs/35555378.html
مەزكۇر بلوگدا بۇندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان بلوگبۇس ئۇسلۇپلىرى بىردەك بوشلۇققا يوللانمايدۇ، لازىم بولغانلارغا تۆۋەندىكىدەك شەرتلەرنى ھازىرلىغاندىلا ئاندىن ئېۋەتىپ بېرىلىدۇ:
ئۇسلۇپ ئېۋەتىپ بېرىش شەرتلىرى:
1.بلوگ ئادرىسىڭىزنى تولدۇرىشىڭىز شەرت.(بلوگى يوقلار ئالدى بىلەن بلوگ ئىلتىماس قىلىپ،يازما يوللاپ ، ئۇسلۇپنى قاچىلاش ۋە بلوگبۇس ئۇسلۇپ يۈزىنىڭ ئىقتىدارلىرى بىلەن بىر قۇر تونۇشۇپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن تەرتىپ بويىچە بۇ ئۇسلۇپنى ئىشلىتىش ئۈچۈن ئىنكاس يېزىشى كېرەك. يازما يازمىغان قۇرۇق بلوگىڭىزغا ئۇسلۇپ ئىلتىماس قىلماڭ،)
2.يوللىنىدىغان بىرنەچچە ئۇسلۇپلار ئىچىدىن، سىزگە ياقىدىغان ئۇسلۇپنىڭ نامى، ئېلخەت ئادرىسىڭىزنى تولۇق قالدۇرىشىڭىز شەرت،ئىنكاسىڭىزنىڭ ئىملاسى توغرا بولىشى شەرت(بىر قېتىمدا ئىككىدىن ئارتۇق ئۇسلۇپنى ئېۋەتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا بولمايدۇ، ھەممىنى ئېۋەتىپ بېرىڭ، ياكى خاتىرە ئۈچۈن ساقلاپ قوياي دىگەندەك سۆزلەرنى قالدۇرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ)
3.ئىلتىماس قىلغان بلوگلار چوقۇم ئالدى بىلەن Dunyakara بلوگنى، كۆزنەك بلوگلار ئۇلىنىشىنى دوستانە ئۇلىنىشقا قوشقان بولىشى شەرت.(بۇ تەلىپىم ئېشىپ كەتمىگەندۇ دەپ ئويلايمەن، كۆپچىلىككە مەلۇم پېقىر تا ھازىرغىچە دوستانە ئۇلىنىش ئالماشتۇرۇش توغرىسىدا ھېچقانداق شەرت قويۇپ باقمىغان ئىدىم، كۆزنەك بلوگلار ئائىلىسىنى ياساپ بولغاندىن كېيىن ئۇلىنىش تورىنى بلوگىمنىڭ باش بېتىدىن كۆزنەككە يۈتكەپ قويسام، ئۇلار توغرا چۈشەنمەي بلوگىمنى چىقىرىۋېتىپتىكەن، بلوگىمنىڭ باش بېتىگە قايتىدىن قويۇپ ئىلتىماس قىلسام قايتىدىن قوشۇپ قويدى. بۇنىڭدىن مۇشۇنداق شەرت قويۇشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ھېس قىلغاندەك بولدۇم.)
4.ئۇسلۇپنى تاپشۇرۇپ ئالغانلار پېقىرنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا ئۆز بلوگلىرىدا خالىغانچە تارقاتماسلىقى شەرت.( تەكلىماكان بلوگىدا ئېلان قىلىنغانغا ئوخشاش يازما ئۇچۇر يوللاشقا بولىدۇ. ئۇسلۇپ ياساپ باققانلار بىلىدۇ. بىرخىل ئۇسلۇپنى ساق بىر كۈن ھەتتا بىر نەچچە كۈن ھەپىلىشىپ نۇرغۇن ۋاقىت ۋە زېھنى قۇۋۋەت بەدىلىگە ياسايدىغان گەپ. شۇڭا سىزدىن سورىغۇچىلارغا پېقىرنىڭ بلوگىنى ئۇلانما قىلىپ كۆرسىتىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىدۇ.)
5.ئۇسلۇپنى تاپشۇرۇپ ئالغانلار ئۇسلۇپتىن خالىغانچە پايدىلىنىپ ئىشلەتسە يەنى يارىمىغان جايلىرى بولسا ئۆزگەرتىپ ئىشلەتسە بولىدۇ(ئۆزگەرتىپ بۇزۇپ قويسىڭىز مەن بىلەن ئالاقىسىز، مېنى ئىزدىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.)
بۇندىن كېيىن ئېلان قىلىنىدىغان ئۇسلۇپلار بىردەك يوقارقى شەكىل بويىچە ئېلان قىلىنىدۇ. ئۇسلۇپ تەمىنلىگۈچىلەرگىمۇ ھەم يوقارقىدەك شەرتلەر ئورتاق قوللىنىلىدۇ. شەرتنى ئورۇندىمىسىڭىز ئۇنداقتا بىرلا ئېغىز سۆز - كەچۈرۈڭ! ئۇسلۇپ ئېۋەتىپ بېرىلمەيدۇ.
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:قايسى ئۇسلۇپ لازىم بولسا شۇ ئۇسلۇپ بار يازمىنىڭ ئاستىغا ئىنكاس يېزىڭ.
تۆۋەندىكى بلوگلارنى بلوگىڭىزغا ئۇلىنىش قىلىشىڭىز شەرت:
Dunyakaraبلوگى
كۆزنەك بلوگلار ئائىلىسى
http://koznak.blogbus.com/files/12340466050.jpg
ئۇسلۇپ تەمىنلەش كېلىشىمىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىش سەۋەبى:ھەرقايسى بلوگگىر دوستلارغا مەن "دۇنيا ئانا تىلى" كۈنىنى خاتىرلەش يۈزىسىدىن ئىككى خىل ئۇسلۇپنى تەمىنلىگەن ئىدىم. ئۇسلۇپ تەمىنلەش ئۈچۈن پەقەت بىرنەچچە تۈرلۈك تەۋسىيەنى ئوتتۇرىغا قويغان، بۇنداق قىلىشىمدىكى مەقسىدىمنى دوستلارغا بايان قىلىپ ئۆتۈشنى زۆرۈر تاپتىم:
1.ھازىر ئۇيغۇر تورچىلىقىدا مەيلى توربەت مەيلى مۇنبەر ۋە مەيلى ئۇيغۇرچە بلوگلار بولسۇن، تېما يوللىغاندا ياكى ئىنكاس يازغاندا ئىملاغا دىققەت قىلمايدىغان مەسىلە مەۋجۇد بولۇپ تۇرماقتا. نۇرغۇنلىغان مۇنبەرلەر بۇ ھەقتە يەنى باشقۇرغۇچىلارغا ئىملا خاتالىقىنى تۈزۈتۈپ بولۇپ ئاندىن يوللاش دىگەندەك تەدبىرلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق كۆپ تىرىشچانلىقلارنى كۆرسۈتۈپ كەلگەن ھەم كۆرسۈتۈپ كېلىۋاتىدۇ، ئۇيغۇر تىلىدا ئىملاسى توغرا بولغان، ئىشلىتىلگەن سۆزلىرى سىلىق،راۋان بولغان يېزىلمىلار (مەيلى قانداق ئەسەر بولىشىدىن قەتئىنەزەر)كىشىگە بىرخىل مەنىۋى ئوزۇق. كۆڭۈلگە ھوزۇر بېغىشلايدۇ. ھەممىمىز كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز ھازىر ئايرىم بلوگلاردا بۇنداق ئىملا خاتالىقىنى بىز ئۇچرىتىپ تۇرىمىز(پېقىرنىڭ بۇرۇنقى يازمىلىرىدىمۇ بەلكىم ئىملا خاتالىقلىرى بولىشى مۇمكىن، پېقىرمۇ بۇندىن كېيىن ئىملا خاتالىقى سادىر قىلىشتىن ساقلىنىدۇ) شۇڭا پېقىر مۇشۇ ئالاھىدە كۈندىن باشلاپ ئۆزۈمنى ھەم باشقا بارلىق قېرىنداشلارنى ئىملا خاتالىقلىرىدىن مۇستەسنا بولۇپ ئۆزىمىزنىڭ يېزىقىمىزنى ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ قەدىرلىشىمىزنى، قوغدىشىمىزنى چاقىرىق قىلماقچى.
2.پېقىر بلوگىدا بۇرۇن يوللىغان ئۇسلۇپلاردا كۆپىنچە تۆۋەندىكىدەك مەسىلىلەر مەۋجۇد بولغان مەسىلەن، قانداق چۈشۈرىدۇ؟چۈشۈرەلمىدىم، ئېلخەت ساندۇقۇمغا يوللاپ بەرگەن بولسىڭىز؟ ئۇسلۇپنى قاچىلىسام ئوڭۇشلۇق بولمىدى....دىگەندەك بىر قاتار ئىنكاسلارنى قالدۇرغاچقا پېقىر يەنىلا سەۋرىچانلىق بىلەن دوستلارنىڭ ئېلخەت ساندۇقىغا يوللاپ بېرىپ كەلگەن ئىدىم.
收藏到:Del.icio.us
ئىشلىتىش:
بۇ يازمىنى ساقلىۋالىمەن
ئۇسلۇپلارغا جەڭ ئېلان قىلىش: 3 خىل ئۇسلۇپ ئېلان قىلىندى
Blog:Dunyakara2010-07-23 02:01:03ياشلارغا ئىككى خىل ئۇسلۇپ ئېلان قىلىندى
Blog:Dunyakara2010-07-10 12:14:29يېڭىدىن توغراق ئۇسلۇبى تارقىتىلدى
Blog:Dunyakara2010-06-03 11:52:25قارا رەڭ ئاساس قىلىنغان ئىككى خىل ئۇسلۇپ
Blog:Dunyakara2009-06-21 03:44:00يېڭىدىن ئۇسلۇپ تارقىتىلدى
Blog:Dunyakara2009-06-06 02:12:41بايراملىق يېڭى ئۇسلۇپ تارقىتىلدى
Blog:Dunyakara2009-05-01 12:07:08يېڭىدىن 3 خىل ئۇسلۇپ تارقىتىلدى
Blog:Dunyakara2009-04-16 23:51:49يېڭىدىن 3 خىل ئۇسلۇپ تارقىتىلدى
Blog:dunyakara622009-04-16 23:49:19يېڭى ئۇسلۇپ - تاش كۆزنەك تارقىتىلدى
Blog:Dunyakara2009-04-06 23:48:50كىنو _فىلىم ئۇسلۇبى تارقىتىلدى
Blog:Dunyakara2009-04-01 12:19:37يېڭى ئۇسلۇپ تارقىتىلدى
Blog:Dunyakara2009-03-28 02:36:38نورۇز بايرىمىلىق يېڭى ئۇسلۇپ تارقىتىلدى
Blog:Dunyakara2009-03-21 03:28:05خانىم-قىزلار بايرىمىلىق سوۋغا-قىزىل گۈل ئۇسلۇبى تارقىتىلدى
Blog:Dunyakara2009-03-07 10:39:12يېڭى ئۇسلۇپ - يالقۇن
Blog:Dunyakara2009-03-02 12:41:52
评论
http://mihnatim.blogbus.com/
بىلوگ http://mihnatim.blogbus.com
خەت ساندۇقىم 1563574734@qq.com
ئىلخەت ئادىرسىم (arkammamtjan@163.com)
ئادېرىس:tawseya.blogbus.com/
ئىلخەت:awzar@sina.com
ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم ..
يەنە بىر ئىش سىزنىڭ ئۇلانما ئادىرسىڭىزنى بىلۇگ پۈتكەندە ئۇلىسام بولامدۇ.
رەخمەت
مەن سىز ياسىغان توغراق ئۇسلۇبىنى تۇلىمۇ ياقتۇرۇپ قالدىم ،خالىسىڭىز ماڭا ئەۋەتىپ بەرگەن بولسىڭىز ،تۈۋەنچىلىك بىلەن سۇرايمەن، ئىلخەت :er007@126.com
مەن خەت نۇسقىسنى پەقەت ئوڭلىيالمىدىم، ياردەم قىلسىڭىز!!
ئادرىس hakikat_islam@163.com
ئادرىسىم :mazlum@163.com
ئىلخەت:hakikat_islam@163.com