-
2009-03-28
يېڭى ئۇسلۇپ تارقىتىلدى - [ئۇسلۇپ چۈشۈرۈش]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/dunyakara-logs/37147100.html
توپ-توغرا بىر ھەپتە بوپتۇ يازما يوللىمىغىلى، مۇشۇ بىر ھەپتە ئالدىراش بولۇپ كەتكەن ئىدۇق. مانا ئەمدى دەم ئېلىش كۈنلىرىمۇ كەلدى. شۇڭا بۈگۈن ۋاقىت ئاجرىتىپ ئۇشبۇ يازمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن. باشقا دوستلارمۇ دىققەت قىلدىمىكىن يېقىنقى مەزگىلدىن بۇيان blogbusبلوگبۇستىن يېڭى بلوگ ئىلتىماس قىلغان تورداشلار خېلىلا كۆپىيىپ قالدى، بۇ ناھايىتى ياخشى ئەھۋال، چۈنكى بۇ ۋاقىتنى بىھۇدە ئۆتكۈزگەندىن ياخشى تورغا چىققان ئىكەنمىز مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك بىرەر ئىش بىلەن مەشغۇل بولساقمۇ نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگۈنەلەيمىز ھەم نۇرغۇن كىشىلەرگە ياخشى يازمىلىرىمىز ئارقىلىق روھى نەپ يەتكۈزەلەيمىز بۇ قانداقلا بولمىسۇن توردا كېچىلەپ تور ئويۇنى ئوينىغاندىن ، چايخانىلارغا كىرىۋېلىپ ئايىقى چىقمايدىغان پاراڭنى سېلىشىپ، تۈرلۈك ناخشىلارنى ئېيتىشىپ يۈرگەندىن ياخشى.
بلوگگىر دوستلارنىڭ ئىچىدە بۇرۇن ھەرقايسى مۇنبەرلەردە باشقۇرغۇچىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ باققان ياكى ئاكتىپ ئەزالار قاتارىدىن ئورۇن ئالغان دوستلىرىمىزنىڭ بولىشى مۇقەررەر، شۇڭا مۇمكىن بولسا ھەرقايسى مۇنبەرلەردە بلوگ يېزىشنىڭ ياخشى تەرىپىنى كۆپرەك تەشۋىق قىلىپ قويساق، بۇ ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ياشلىرىمىز بلوگ ساھەسىگە قەدەم قويسا دىگەن ئۈمىتتىمەن.
ئۆز گېپىمىزگە كەلسەك، بۈگۈن تارقاتماقچى بولغان بۇ ئۇسلۇپ- كۆك ئۇسلۇپ بولۇپ (ئۇسلۇپ ئاساسى رەڭگى قېنىق كۆك بولغاچقا شۇنداق ئىسىم قويۇپ قويدۇم) ئۇسلۇپ يۈزى بىرقەدەر ئوچۇق رەڭلەر ئارقىلىق تەگلىك، يان ئىستون، يازما ئورنى ۋە خەت رەڭلىرى بىر قەدەر ماسلاشتۇرۇلدى. ئۇسلۇپ جەھەتتىن wordpress ئۇسلۇبىغا ئوخشۇتۇلۇپ ياسالدى. مەزكۇر ئۇسلۇپنى كۆرگەن كىشىگە بىرقەدەر يارقىن تۇيغۇ بېرىدۇ. بۇ ئۇسلۇپ بلوگبۇس ئۇسلۇبى شۇڭا بلوگبۇستىن بلوگ ئالغانلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
تۆۋەندىكى رەسىمدىن مەزكۇر كۆك ئۇسلۇبىنى كۆرۈڭ:
باش بەت كۆرۈنىشى:
پۈتۈن كۆرۈنىشىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ:
ئارقا بەت كۆرۈنىشى:
پۈتۈن كۆرۈنىشىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ:
مەزكۇر ئۇسلۇپنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز چوقۇم ئالدى بىلەن "ئۇسلۇپ تەمىنلەش كېلىشىمى"نى تەپسىلى كۆرۈپ چىقىڭ ھەمدە كېلىشىمگە ئەمەل قىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن، كېلىشىمگە ئەمەل قىلغان بولسىڭىز ئىنكاس قالدۇرۇپ قويسىڭىز ئېۋەتىپ بېرىمەن.
تېخىمۇ كۆپ ئۇسلۇپلارنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ:
收藏到:Del.icio.us
ئىشلىتىش:
بۇ يازمىنى ساقلىۋالىمەن
评论
بۇ ئۇسلوبنى ماڭا ئەۋەتىپ بەرگەن بولسىڭىز.
بىلوگ ئادرىسىم: http://darslik8.blogbus.com
خەت ساندۇقۇم: darslik8@163.com
بۇ ئۇسلۇبنى ماڭا ئەۋەتىپ بەرگەن بولسىڭىز.ئۆتكەندە ئۇسلۇب تەمىنلەش كىلىشىمىگە ئەمەل قىلماپتىمەن،كەچۈرسىز.ئەمدى ئەمەل قىلدىم.
خەت ساندۇقۇم:
tapakkur@gmail.com
سىز بلوگنى يېڭى قۇرغان بولغاچقا سىزگە يەنە بىر قېتىم تەۋسىيە قىلاي: ئۇسلۇپ تەمىنلەش كېلىشىمىنى ئوقۇپ چىقىشىڭىزنى ھەم ئەمەل قىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن،
شۇندىلا مەزكۇر ئۇسلۇپنى ئېۋەتىپ بېرەي بولامدۇ؟
ئۇسلۇپ تەمىنلەش كېلىشىمى بارلىق بلوگگىرلارغا ئورتاق بولغانلىقى ئۈچۈن توغرا چۈشىنىشىڭىزنى ھەم قوللاپ بېرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
مەندە بىر قانچىلىغان ماتېماتىكىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان فىلەش ھۆججەتلىرى بار ئىدى . ئاشۇلارنى مەنمۇ بىلوگىمنىڭ باش بېتىدە ئالمىشىپ تۇردىغان قىلماقچى ئىدىم . ياردەم قىلسىڭىز .
سىز ماڭا ئاشۇ فىلاش ھۆججەتلىرىنى ئېۋەتىپ بەرسىڭىز مەن سىزگە مۇشۇنداق چىقىدىغان قىلىپ كودىنى يوللاپ بېرەي بولامدۇ؟
بارلىق خەنزۇچە خەتنى يوقۇتىۋىتىڭ....
بۇ بلوگ شۇلارنىڭ بلوگى بولغاچقا يۈز پىرسەنت ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشقا سەل ئاجىزلىق قىلىمىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېڭى ئىقتىدارلار توختاۋسىز قوشۇلىۋاتىدۇ ئەمەسمۇ؟
شۇڭا مۇمكىنلا بولسا ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشقا تىرىشىۋاتىمىز، تەكلىپ بەرگەنلىكىڭىزگە تەشەككۈر!
tapakkur@gmail.com