-
2010-08-02
يېقىندا تورغا چىقالماسلىقىمنىڭ سەۋەبى - [تۈرى يوق]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/dunyakara-logs/71451075.html
تورداشلارغا مەلۇم بولغىنىدەك 7-ئاينىڭ 23-كۈنى(جۈمە) يەنى "ئۇسلۇپلارغا جەڭ ئېلان قىلىش:3خىل ئۇسلۇپ ئېلان قىلىندى" تېمىسىدىكى يازمىنى يوللاپ قويغان كۈنى كەچ سائەت 8:30دا 63ياشقا كىرگەن قېيىنئانىمىز كېسەللىك سەۋەبىدىن تۇيۇقسىز قازا قىلدى(ياتقان جايى جەننەتتە بولغاي). بۇ ئىش بەك تۇيۇقسىز بولغاچ ئۇرۇق-تۇغقان ھەممىمىزگە ئېغىر كەلدى. شۇ مۇسىبەت ئىشلىرى بىلەن مانا 10كۈننىڭ قانداق ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنىمۇ تۇيماي قاپتۇق، خىزمەتمۇ تاشلىنىپ قالدى. بۈگۈن تۇنجى كۈنى مانا خىزمەتكە باردىم، ئىشلارمۇ يىغىلىپ قاپتىكەن بىر كۈنلۈك خىزمەتنى تۈگۈتۈپ بولۇپ ئەمدىلەتىن بلوگنى ئاچقانتىم تورداشلاردىن ئازكەم 50دانە ئىنكاس چۈشۈپتۇ بىراق جاۋاپسىز قاپتۇ،شۇڭا بەزى تورداشلاردىن رەنجىپ قالغانلىرىمۇ بار ئىكەن. بۇ يەردە ئىسسىق قوللىرى بىلەن ئىنكاس قالدۇرغان ئوت يۈرەك تورداشلارغا رەھمەت ئېيتىش بىلەن بىرگە ۋاقتىدا جاۋاپ ئالالمىغانلىقى ئۈچۈن ئالاھىدە كۈچۈرۈم سورايمەن، كەچۈرىۋەتكەيسىلەر! بۇ ئىشنى بىلگەندىن كېيىن پېقىردىن رەنجىپ قالغان تورداشلارنىڭمۇ مەرھەممەت قىلىپ كەچۈرۋېتىشلىرىنى ھەم كۆڭلىدىكى خاپىغان بۇلۇتلىرىنىڭ ۋاقتىدا تارقاپ كېتىشلىرىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئەمدى تورداشلار رۇخسەت قىلسا ئىنكاسلارغا بىردىن-بىردىن جاۋاپ بېرىپ ئۆتەي....
收藏到:Del.icio.us
ئىشلىتىش:
بۇ يازمىنى ساقلىۋالىمەن
评论
ئىننا لىللاھى ۋەئىننالىللاھى راجئۇن.
ھەممىمىز ئەڭ ئاخىرىدا ئامەنتى ئىگىسىگە قايتۇرىمىز.سەۋىر قىلىڭ! مەرھۇمنىڭ ياتقان يىرى جەننەتتە بولسۇن!