• 2010-08-20

    2010-يىللىق دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى دۆلەتلەر تىزىملىكى - [تەرمىلەر]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/dunyakara-logs/73421378.html

    8-ئاينىڭ 16-كۈنى ئامرىكىنىڭ "دۇنيا ھەپتىلىكى" ئېلان قىلغان بۇ تىزىملىك دۆلەتلەرنىڭ داۋالاش، ئىقتىسادى كۈچى، مائارىپ سەۋىيىسى، سىياسىي مۇھىتى، تۇرمۇش سۈپىتى قاتارلىق 5 چوڭ تەرەپتىن باھالىنىپ چىقىلغان بولۇپ 5 چوڭ تۈرنىڭ ئىچىدە يەنە ئۇششاق تۈرلەرمۇ بار. فىنلاندىيە ئۇنۋېرسال رەت قاتارىنىڭ بېشىدا بولۇپ 1-ئورۇننى ئىگەللىگەن، دۆلىتىمىز جوڭگو بولسا 59-ئورۇندا تۇرغان، تۆۋەن كىرىملىك دۆلەتلەر گۈرۈپپىسىدا جوڭگونىڭ ئىقتىسادى ئۇرغۇپ تۇرغان دىيىلگەن. ئامرىكا 10نىڭ ئىچىگە كىرەلمىگەن بولۇپ 11-ئورۇنغا تىزىلغان.

    تۆۋەندە ئالدىنقى قاتاردىكى 10 دۆلەتنىڭ تىزىملىكى بېرىلدى:

    1.   فىنلاندىيە

    2.   شېۋىتسارىيە

    3.   شېۋىتسىيە

    4.   ئاۋسترالىيە

    5.   ليۇكسېمبورگ

    6.   نورۋېگىيە

    7.   كانادا

    8.   گوللاندىيە

    9.   ياپونىيە

    10.             دانىيە

    ئىنسانلارنىڭ ياشىشىغا ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغان دۆلەتلەرنى تىزىپ چىقىش ھەم ئوڭاي ھەم قىيىن بىر ئىش، چۈنكى ئوڭايلىق دىگەندە يوقارقى 5 تەرەپتىن ئۇنۋېرسال باھالاپ چىققىلى بولىدۇ، قىيىن دىگەندە بەلكىم مۇتلەق بۇنداق بولۇپ كەتكىلىمۇ بولماس، نىمىلا دىگەن بىلەن قاچانلا بولمىسۇن قايسى دۆلەتنىڭ ساغلاملىق ئەھۋالى ئەڭ ياخشى دىگەندە نىمە ئۈچۈن دانىيە، نورۋېگىيە، شېۋىتسىيە، فىنلاندىيە، ئىسلاندىيە قاتارلىق مۇشۇ 5 دۆلەتلا دائىم باشقا تىزىلىدۇ؟ باشقىنى قويۇپ تۇرايلى ئاددىسى ئۆزىمىز ياشاۋاتقان ئوخشاش بىر دۆلەت ئىچىدىكى ناھىيە، شەھەرلەرگىلا قاراپ باقايلى، نىمە ئۈچۈن بەزى ناھىيە شەھەرلەر باي-باياشات؟ نىمە ئۈچۈن بەزى ناھىيە شەھەرلەر نامرات؟ھەممە مەسىلە بايلىق بىلەن نامراتلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ.

    تۆۋەندە بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ باقايلى:(مۇناسىۋەتلىك رەسىملەر)

    ئۇنۋېرسال كۆرسەتكۈچتە ئەڭ ياخشى دۆلەت: فىنلاندىيە(ئەڭ ياخشى كىچىك دۆلەت، كىرىمى ئەڭ يوقۇرى دۆلەت، مائارىپى ئەڭ ياخشى دۆلەت)

    فىنلاندىيەنىڭ ئۇزۇن قىشىنى ھىساپقا ئالمىغاندا ئىنسانلارنىڭ ياشىشىغا ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغان دۆلەت دىيىشكە بولىدۇ. 2006-يىلى خەلقئارا ئوقۇغۇچىلارنى باھالاش پەن-تېخنىكا تۈرىدىمۇ فىنلاندىيە بىرىنچى بولغان بۇنداق باھالاشنىڭ ئاساسىي مەزمونى مەجبورىي مائارىپ ئوقۇش يېشى ئىچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگەنگەن بىلىملىرى ۋە ئىقتىدارلىرى بىلەن كېيىنكى تۇرمۇشىدا تاماملايدىغان ۋەزىپىسى ۋە جەمئىيەتتە ئۆتەشكە تېگىشلىك مەجبورىيىتى ۋە ئۆزلۈكسىز ئوقۇش ئىقتىدارى ئەھۋاللىرى كۆزدە تۇتىلىدۇ. فىنلاندىيە ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئازادە بولغان ئۆگۈنۈش مۇھىتى بولۇپ بارلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەممىسى تۆۋەن دىگەندىمۇ ماگىستېر ئۈنۋانىغا ئىگە، ھەر يىلى 3/1قىسىم ئوقۇغۇچى ئائىلە ئوقۇتقۇچىسىنىڭ يېتەكچىلىك قىلىشىغا ئېرىشەلەيدۇ.

     

     

     

    ئەڭ ياخشى ئوتتۇرا تىپتىكى دۆلەت: ئاۋستىرالىيە

     

    ئاۋىستىرالىيەنىڭ 2009-يىلىدىكى ئىشسىزلىق كۆرسەتكۈچى گەرچە ئېشىپ %5.6گە يەتكەن بولسىمۇ بىراق يەرشارى خاراكتىرلىك ئىقتىسادى داۋالغۇشتىكى ئەڭ ساغلام دۆلەت بولۇپ باھالانغان، ئاۋىستىرالىيەنىڭ سىياسىي مۇھىتى 1-ئورۇنغا تىزىلغان، ساغلاملىق ، داۋالاش ساھەسى ئىسپانىيە بىلەن بىللەن 1-ئورۇنغا تىزىلغان. سۈپەتلىك تۇرمۇش، ياخشى بولغان ئىجتىمائى تېنچ مۇھىت، پارلاپ تۇرغان قۇياش نۇرى ۋە دالا پائالىيىتىنى ياخشى كۆرىدىغان خەلقى بۇلار قوشۇلۇپ ئاۋىستىرالىيەنى يەنە ئوتتۇرا تىپتىكى دۆلەتلەرنىڭ تۇرمۇش سۈپىتى جەھەتتە 1-ئورۇنغا چىقارغان.

     

     

     

    ئەڭ ياخشى چوڭ تىپتىكى دۆلەت: ياپونىيە(داۋالاش ساھەسى ئەڭ ياخشى)

     

    ياپونىيە گىراژدانلىرى ئەڭ ياخشى بولغان داۋالاش مۇھىتىغا ئېرىشەلەيدۇ، ئۇلارنىڭ ئەرلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى 82ياش، ئاياللىرىنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى 86ياش(ياپونىيە ئاياللىرى دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىغان ئاياللار بولۇپ ھىساپلىنىدۇ). بۇلارنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىنى قانداق چۈشەندۈرۈش مۇمكىن؟ بەلكىم ئۇلارنىڭ دورا، يىمەكلىك، ساغلاملىق تەربىيىسى، ياشانغانلارنىڭ يوقۇرى سۈپەتلىك تۇرمۇشى ۋە ھەممە جاينى قاپلاپ كەتكەن داۋالاش ،ساغلاملىق قاتارلىق تەرەپلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىشى مۇمكىن. ئۇندىن باشقا چوڭ تىپتىكى دۆلەتلەر ئىچىدە ياپونىيەنىڭ مائارىپى 1-ئورۇندا، تۇرمۇش سۈپىتى 4-ئورۇندا تۇرغان.

     

    ئەڭ ياخشى تۆۋەن كىرىملىك دۆلەت: ئالبانىيە(مائارىپى ئەڭ ياخشى)

    ئالبانىيە ھەرخىل تاراتقۇلارغا ناھايىتى ئاز چىقىدۇ، ئۇ كۆرۈنۈشتە باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئۈلگىسى بولالمايدىغاندەك تۇرىدۇ ئەمىلىيەتتە بۇ يېڭى قۇرۇلغان دىمۇكىراتىك دۆلەتنىڭ ئىپادىسى باشقا تۆۋەن كىرىملىك دۆلەتلەرنىڭكىدىن ئېشىپ كەتكەن. تۆۋەن كىرىملىك دۆلەتلەرنىڭ ئىچىدە ئالبانىيەنىڭ مائارىپ ، داۋالاش، تۇرمۇش سۈپىتى قاتارلىق تەرەپلەردە ئالدىنقى ئورۇنغا تىزىلغان. %90تىن كۆپرەك ئالبانىيەلىك مائارىپ تەربىيىسى قوبۇل قىلغان، ياۋروپادىكى ئەڭ نامرات دۆلەت بولسىمۇ بىراق ئۇلارنىڭ ئەرلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى 78ياش، ئاياللىرىنىڭ بولسا 81ياش بولۇپ باي بولغان گېرمانىيە بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئالدىدا تۇرغان، گېرمانىيەلىكلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى 79ياش.

     

    ئەڭ ياخشى ئوتتۇرا يوقۇرى كىرىملىك دۆلەت: پولشا

    ئوتتۇرا يوقۇرى كىرىملىك (ئوتتۇراھال سەۋىيەدىن سەل يوقۇرى) دۆلەتلەر ئىچىدە پولشا ھەممىدىن باي، سىياسىي مۇھىتىمۇ ياخشى، ئىقتىساد، مائارىپ، داۋالاش ۋە تۇرمۇش سۈپىتى جەھەتلەردە ئالدىنقى 10نىڭ ئىچىگە كىرگەن.

    مائارىپى ئەڭ ياخشى: ئۇكرائىنا(تۆۋەن كىرىملىك دۆلەتلەر گۇرۇپپىسىدا)، قازاقىستان(ئوتتۇراھال كىرىملىك دۆلەتلەر گۈرۈپپىسىدا)، كورىيە(ئوتتۇرا تىپتىكى دۆلەتلەر گۇرۇپپىسىدا)، ياپونىيە(چوڭ تىپتىكى دۆلەتلەر گۇرۇپپىسىدا)

    تۆۋەن كىرىملىك دۆلەتلەر ئىچىدە ماتېماتىكا ۋە پەن-تېخنىكىدا قازاقىستان ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نومۇرى ئەڭ يوقۇرى. 2007-يىللىق خەلقئارالىق ماتېماتىكا ۋە پەن-تېخنىكا تەتقىقاتىدا ئۇلارنىڭ ماتېماتىكا ساھەسىدىكى ئىپادىسى ئامرىكا ئوقۇغۇچىلىرى ۋە باشقا نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەر ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئالدىدا دەپ خۇلاسە چىقارغان. باي دۆلەتلەرنىڭ ئىچىدە كورىيە ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش ئىپادىسىمۇ ناھايىتى ياخشى، كورىيەدە ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سانى جەھەتتە ئۆزگۇرۇپپىسى ئىچىدە ئەڭ يوقۇرى، گەرچە كورىيە GDPنىڭ %3.5 نى مائارىپقا سېلىنما قىلغان بولسىمۇ ياپونىيە يەنىلا دۇنيادىكى مائارىپ سەۋىيىسى ئەڭ ياخشى دۆلەت. ئوقۇش مۇھىتىنى مۇشۇنداق كەسكىن باھالاش ئېلىپ بېرىش نەتىجىسىدە ياپونىيەدە دەرسلىكلەرگە سەل قاراش خاھىشى كېلىپ چىققانلىقتىن ئۆتكەن نەچچە يىل ئىچىدە ياپونىيە ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەرستىكى ئىپادىسىدە چېكىنىش بولغان.

     

    ئەڭ ياخشى داۋالاش: تۇنىس(تۆۋەن كىرىملىك دۆلەتلەر گۇرۇپپىسى)، چىلى(ئوتتۇراھال كىرىملىك دۆلەتلەر گۇرۇپپىسى)، شېۋىتسارىيە(كىچىك تىپتىكى دۆلەتلەر گۇرۇپپىسى)، ئىسپانىيە(ئوتتۇرا تىپتىكى دۆلەتلەر گۇرۇپپىسى)

    گەرچە تونىسنىڭ مائارىپى ئانچە ياخشى بولمىسىمۇ بىراق داۋالاش ساھەسى ئىنتايىن ياخشى. شېۋىتسارىيەنىڭ داۋالاش ساھەسى كىچىك تىپتىكى دۆلەتلەر ئچىدە 1-ئورۇندا بولۇپ شېۋىتسىيە بىلەن گوللاندىيەنىڭ ئالدىدا.

     

    تۇرمۇش سۈپىتى ئەڭ يوقۇرى دۆلەت: نورۋىگىيە

    گۈزەل مەنزىرىلىرى بىخىرامان ئۆتكۈزىدىغان تۇرمۇش ئۇسۇلى ئۇلارنىڭ تۇرمۇش سۈپىتى ئەڭ يوقۇرى دۆلەت بولىشىغا دەخلى قىلالمىغان. ب د ت نىڭ ئىنسانىيەت تەرەققىيات دوكلاتىدا نورۋىگىيە ئۇدا 5يىل تۇرمۇش سۈپىتى ئەڭ يوقۇرى دۆلەت بولۇپ باھالانغان، ئۇندىن باشقا نورۋىگىيەنىڭ ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائى ئالاقىسى جەھەتتە ئەڭ ئادىل دۆلەت.

    تۇرمۇش سۈپىتى ئەڭ يوقۇرى دۆلەت: ئۇكرائىنا(تۆۋەن كىرىملىك دۆلەتلەر گۇرۇپپىسى)، كۇبا(ئوتتۇراھال كىرىملىك دۆلەتلەر گۇرۇپپىسى)، ئاۋستىرالىيە(ئوتتۇرا تىپتىكى دۆلەتلەر گۇرۇپپىسى)، گېرمانىيە(چوڭ تىپتىكى دۆلەتلەر گۇرۇپپىسى)

    چوڭ تىپتىكى دۆلەتلەر ئىچىدە گېرنامىيەنىڭ تۇرمۇش سۈپىتى ھەممىدىن يوقۇرى بولۇپ يوقۇرى كىرىملىك دۆلەتلەر گۇرۇپپىسىدىمۇ تۇرمۇش سۈپىتى ئالدىنقى 10نىڭ ئىچىدە. مىيونخىن ۋە بېرلىن دائىم ئىنسانىيەتنىڭ ياشىشىغا ئەڭ ماس كېلىدىغان شەھەر بولۇپ باھالىنىدۇ. ئاۋستىرالىيە ئوتتۇرا تىپتىكى دۆلەتلەر گۇرۇپپىسىدا تۇرمۇش سۈپىتى ئەڭ يوقۇرى دۆلەت. ئۇكرائىنا تۆۋەن كىرىملىك دۆلەتلەر گۇرۇپپىسىدا تۇرمۇش سۈپىتى ئەڭ يوقۇرى دۆلەت. كۇبا بولسا ئوتتۇرا يوقۇرى كىرىملىك دۆلەتلەر گۇرۇپپىسى ئىچىدە تۇرمۇش سۈپىتى ئەڭ يوقۇرى دۆلەت.

     

    ئىقتىسادى ياخشى دۆلەت: سىنگاپور

    گەرچە سىنگاپورنىڭ زىمىنى كىچىك، ئاھالىسى نيويورك شەھەر ئاھالىسىنىڭ يېرىمىغىمۇ يەتمىسىمۇ بىراق ئۇلارنىڭ GDP سەۋىيىسى ئىنتايىن يوقۇرى، بۇنداق بولىشىدىكى سەۋەپ ئۇلارنىڭ كەڭ قويۇپ بەرگەن سىياسىتى ۋە تۆۋەن ئۆلچەمدىكى باج سىياسىتى ئۇندىن باشقا ھۆكۈمەت چەتئەللەردىن مەخسۇس ئىقتىساد تەتقىقاتچىلىرىنى ئېلىپ كىرگەنلىك ، ئېچىۋېتىلگەن ئىقتىسادىي مۇھىتى ، چىرىكلىك ھادىسىلىرىنىڭ ئاز بولىشى، يوقۇرى ئۈنۈملۈك ئىقتىسادىي تىجارىتى سىنگاپورنى مۇشۇ نامغا ئېرىشتۈرگەن.

     

    ئەڭ ياخشى ئىقتىسادى ھاياتى كۈچكە ئىگە دۆلەت: جوڭگو(تۆۋەن كىرىملىك دۆلەتلەر گۇرۇپپىسى)، مالايسىيا(ئوتتۇراھال كىرىملىك دۆلەتلەر گۇرۇپپىسى)، كورىيە(ئوتتۇرا تىپتىكى دۆلەتلەر گۇرۇپپىسى)، ئامرىكا(چوڭ تىپتىكى دۆلەتلەر گۇرۇپپىسى)

    چوڭ تىپتىكى دۆلەتلەر گۇرۇپپىسىدا ئامرىكا جوڭگونى يېڭىۋېلىپ ئىقتىسادى ھاياتى كۈچى ئەڭ ياخشى دۆلەت بولغان بولسىمۇ بىراق جوڭگو تۆۋەن كىرىملىك دۆلەتلەر گۇرۇپپىسىدا بۇ نامنى قولغا كەلتۈردى.

    سىياسى مۇھىتى ئەڭ ياخشى دۆلەت: شېۋىتسىيە

    بىتەرەپ دۆلەتلەر رىقابىتىدە شېۋىتسىيە بىلەن شېۋىتسارىيە ئۈستۈنلۈكنى تالاشقان يېقىنقى 2ئەسىر مابەينىدە شېۋىتسىيە يېڭىپ باقمىغان. بۇ ئىككى دۆلەت 1995-يىلى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولغان بولسىمۇ ياۋرونى تاللىمىغان. خەلقئارا تەشكىلات شېۋىتسىيىنى دۇنيادىكى چىرىكلىشىش ھادىسىلىرى ئەڭ تۆۋەن 3 دۆلەتنىڭ ئىچىگە كىرگۈزگەن. شېۋىتسىيىدىكى بارلىق دىنىي سورۇنلارنىڭ ھەممىسى ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىگە ئېرىشەلەيدۇ.

    سىياسىي مۇھىتى ئەڭ ياخشى دۆلەت: گانا(تۆۋەن كىرىملىك دۆلەتلەر گۇرۇپپىسى)، پولشا(ئوتتۇرا كىرىملىك دۆلەتلەر گۇرۇپپىسى)، ئاۋستىرالىيە(ئوتتۇرا تىپتىكى دۆلەتلەر گۇرۇپپىسى)

    گانانىڭ گەرچە كۆزگە چېلىققۇدەك ئىقتىسادى نەتىجىسى بولمىسىمۇ بىراق ئۇنىڭ سىياسىي مۇھىتى تۆۋەن كىرىملىك دۆلەتلەر ئىچىدە ئەڭ ياخشى.

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us

    ئىشلىتىش:
  • 收藏与分享 بۇ يازمىنى ساقلىۋالىمەن

    评论

  • 什么都看不懂,崩溃!
  • 什么都看不懂,崩溃!
  • 什么都看不懂,崩溃!
  • ئۇيغۇر كارخانىچىلار كۇلۇبى (بايلىق تورى )بلوگىنى ئۇلۇنىش قىلۋېلىڭ ،بىلوگ مەنزىلى:http://xjue.blogbus.com http://xjue.blogbus.com/files/12292264650.jpg
  • ياخشى ئەسەر ئىكەن، دۇنيا قارا ئەپەندىم، بولسا نادىر يازمىلىرىڭىزنى يارغول تورىغىمۇ ئەۋەتىپ، كەمىنە ئىنىڭىزنى قوللاپ قويارسىز!
  • بۇ دۆلەتلەر ھەققىدە يامان ئەمەس چۈشەنچىگە ئىگە بولۇش بىلەن بىرگە ، دۆلەتلەرنى مۇنداق ئۇسۇلدىمۇ باھالىسا بولىدىغانلىقىنى بىلىۋالدىم.
    dunyakara回复تۆت تادۇ说:
    بۇ تىزىملىكنىڭ ئىچىدىن كۇبا، گانا، ئوكرائىنا قاتارلىق دۆلەتلەرنى كۆرۈپ مەنمۇ ھەيران قالدىم ، قارىغاندا تەرەققى قىلىۋاتقان بىزنىڭلا دۆلىتىمىز ئەمەسكەن.
    2010-08-24 23:29:42
  • ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى نىمىش قىلىۋاتددىكىن
    dunyakara回复wulkan说:
    ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ياۋروپادىكى دۆلەتلەر بىلەن تەڭلىشىشىگە خېلى ۋاقىت بارمىكىن دەيمەن.
    2010-08-24 23:26:45
  • خېلى ئەتراپلىق باھالاپ چىقىپتىكەن بولمىسا...
    dunyakara回复ئۇيغۇربەگ说:
    باھالاشقا ئەلۋەتتە قىل سىغمايدۇ ئۇيغۇربەگ ئەپەندىم، يەتكەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا!
    2010-08-21 20:38:15
  • ئۇيغۇر ئۈچۈن بۇ مۇقەددەس زېمىندىن ئۆزگە ياشاشقا يەنە خوپ كەلگۈدەك جاي يوق ، دەپ قارايمەن. ئېسىل تېما ئوقۇغانلىقىمىز ئۈچۈن دۇنيا قارا ئەپەندىگە تەشەككۈر!
    dunyakara回复يۈكسەل说:
    بۇ سۇپىغا قەدەملىرىنىڭ يەتكەنلىكىدىن خۇرسەنمىز. چوڭلار "كىشىنىڭ يۇرتىدا سۇلتان بولغۇچە ، ئۆز يۇرتۇڭدا ئۇلتاڭ بول" دەپ بىكار ئېيتمىغاندە، ئۆز يۇرتىغا يېتىدىغان يەنە قەيەر بار دەيسىز؟
    2010-08-21 20:33:57
  • تۈركىيە كىرەلمەپتۇدە بۇنىڭ ئىچىگە .
    dunyakara回复ھونزادە 说:
    تۈركىيە سىز دىگەندەك 10نىڭ ئىچىدە ئەمەس ئىكەن.
    2010-08-21 20:31:02