• 2010-07-16

    بلوگ قۇرۇشتا دائىم كۆرۈلىدىغان خاتالىقلار - [blogبىلىملىرى]

    Tag:博客 技巧

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/dunyakara-logs/69452063.html

    بىر ئېنگىلىسچە توربەتتىن "توربەت لاھىيەلەشتىكى دائىم كۆرۈلىدىغان 43تۈرلۈك خاتالىق" دىگەن مەزموندىكى يازمىنى مەن ئۆزىمىزنىڭ ئۇيغۇر بلوگچىلىقىدىكى تەرەققىياتىمىزغا مۇناسىۋەتلىك دەپ ھېس قىلغان قىسىملىرىغا ماسلاشتۇرۇپ يوللاپ قويدۇم، "بلوگ قۇرۇشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار" دەپ تېما قوياي دەپمۇ ئويلىغان بىراق بۇنداق تېمىدىكى يازمىلارنى بلوگ بىلىملىرى سەھىپىسىدە خېلى كۆپ يوللاپ كەتتىم، شۇڭا مۇشۇنداق تۇپ-تۈزلا تەرجىمە قىلىپ تېما قويۇپ قويدۇم.

    1.بلوگىڭىزنىڭ ئېچىلىش سۈرئىتى تېز بولۇش كېرەك. ئىنتېرنېت تورى كىتاپقا ئوخشىمايدۇ، شۇڭا بلوگ كۆرگەن ئادەم ئامال بار ئەڭ تېز سۈرئەتتە يازمىلىرىڭىزنى كۆرۈپ چۈشىنىشنى، نەپ ئېلىشنى ئويلايدۇ، چۈنكى ھازىر ھەممە ئادەم ئالدىراش مۇھىتتا.

    2.بلوگىڭىزنىڭ خەت نۇسخىسى ئورتاق خەت نۇسخىسى بولىشى، خەت چوڭلۇقى بەكمۇ كىچىك بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك. ئورتاق خەت نۇسخىسى دىگەندە ھازىرقى بلوگگىرلىرىمىز كۆپىنچە "ئۇيغۇر كومپىيوتېر ئىلمىي جەمئىيىتى"نىڭ بىرلىككە كەلتۈرگەن يۇنىكودلۇق خەت نۇسخىسىنى ئىشلىتىۋاتىمىز، خەت چوڭلۇقىدا بولسا مۇۋاپىق بولغىنى ياخشى تولىمۇ كىچىك ياكى تولىمۇ چوڭ بولۇپ كەتمەسلىكى شەخسەن يازما خەت چوڭلۇقىنى 14پېكسىلدىن 16پىېسىلغىچە بولسا مۇۋاپىق دەپ ئويلايمەن.

    3.بلوگىڭىزغا خالىغانچە تىزىملىتىپ كىرىش ياكى تىزىملىتىپ ئاندىن ئىنكاس يېزىش ئىقتىدارىنى قوشۇۋالماڭ. گەپنىڭ نېگىزىنى دىگەندە زىيارەتچىلەر بىرەر ئۇچۇرغا ئېرىشەرمەنمىكىن، بىرەر ياخشى يازمىنى كۆرۈپ بىلىم ئالارمەنمىكىن دەپ تورغا كىرىدۇ، شۇڭا ئۇلارنى تىزىملىتىپ كىرىشكە ، ئېلخەت ئادرىسىنى قالدۇرۇپ قويۇشقا زورلىماڭ، بۇنداق قىلسىڭىز بلوگىڭىزنىڭ زىيارەت ئېقىمى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، ھەم ئىنكاس قالدۇرغۇچىلارمۇ تىزىملىتىش ئۆتكىلىدىن قېچىپ بولسىمۇ دىگۈسى كەلگەن گەپلەرنى ئىچىگە يۇتىۋېتىپ چىقىپ كېتىدۇ. (سىز تەمىنلىمەكچى بولغان ھەقلىق ياكى ھەقسىز ئۇچۇرلار بەك مۇھىم ۋە قىممەتلىك بولسا بۇ باشقا گەپ). مۇنبەر بىلەن شەخسى بلوگنىڭ پەرقىمۇ مۇشۇ يەردە،

    4.بلوگىڭىزغا ئامال بار فىلاش قىستۇرماڭ. ئۇنداق قىلسىڭىز بلوگىڭىزنىڭ ئېچىلىش سۈرئىتىگە تەسىر يېتىپلا قالماي بەلكى زىيارەتچىنىڭ دىققىتى بۇرۇلۇپ كېتىدۇ-دە شۇنىڭ بىلەن بلوگىڭىزنىڭ جەلپكارلىقى تۆۋەنلەيدۇ، ناۋادا بلوگىڭىزنىڭ ئۇسلۇبى بلوگىڭىزنىڭ يۈزلىنىشىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلمىگەن بولسا ئۇنىڭ يولى باشقا.

    5.بلوگىڭىزغا ناخشا قويغۇچ قىستۇرماڭ. بۇ نەچچە يىل بۇرۇنقى ناخشا قويغۇچ قويغانلارنىڭ ئورتاق ساداسى، چۈنكى بۇرۇن ئۇلار مۇشۇ سەۋەپلىك نۇرغۇن زىيان تارتقان، ئېسىڭىزدە بولسۇنكى ھەرگىز ناخشا قىستۇرۇپ قويماڭ، ئەگەر بەك بولمايدۇ دىسىڭىز بلوگىڭىز ئېچىلىشى بىلەن تەڭلا ناخشا ئاپتۇماتىك قويۇلىدىغان قىلىپ قويماي زىيارەتچىلەر ئۆزلىرى قوزغۇتۇپ ئاڭلايدىغان ھالەتتە چىقىرىپ قويۇڭ.

    6.بلوگىڭىزغا قالايمىغان رەسىملەرنى قىستۇرماڭ، بولۇپمۇ يان ئىستونغا. چۈنكى باش سۆرىتىڭىزدىن بىر پارچە، بلوگىڭىزنىڭ ماركا سۆرىتىدىن بىر پارچە ۋە يەنە قانداقتۇر باشقا ئۈنۈم سۆرەت ياكى فىلاشلاردىن بىر پارچە قىستۇرۇپ قويسىڭىز بۇلارنىڭ ھەممىسى يىغىلىپ بلوگىڭىزنى قالايمىغان رەتسىز قىلىپ قويىشى ، ھەم بلوگىڭىزنىڭ ئومومى يۈزلىنىش كۆرۈنىشىگە تەسىر يېتىشى مۇمكىن.

    7.بىر پارچە يازمىنى ئوقۇپ چىقىش ئۈچۈن بىرنەچچە يەرنى چېكىپ ئاندىن ئوقۇپ بولىدىغان قىلىپ قويماڭ، مۇناسىۋەتسىز ئۇلانمىلارنى ئامال بار ئاز قىستۇرۇڭ.

    8.بلوگىڭىزدا ئالاقىلىشىش ئادرىسىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ. ئەڭ بولمىغاندا ئېلخەت ئادرىسىڭىزنى بولسىمۇ قالدۇرۇپ قويسىڭىز شەخسەن ئايرىم پىكىر بەرگۈچىلەرگە ۋە ياكى دوستلۇق ئۈچۈن ئۇچۇر يوللىغۇچىلارغا قولايلىق بولىدۇ.

    9.بلوگىڭىزنىڭ يازما تېمىسى ياكى باشقا ئۇلانمىلىرىغا پارقىرايدىغان ، چاقنايدىغان ئۈنۈمنى قوشۇپ قويماڭ. چۈنكى بۇ خىل كەيپىيات 1996-يىلىدىن كېيىنلا "مودىدىن قالغان".

    10.خەتكۈچنىڭ قۇرۇلمىسىغا دىققەت قىلىڭ. خەتكۈچنى قىسقا ئىخچام سۆزلەر بىلەن ئىشلىتىشكە ئادەتلىنىڭ چۈنكى خەتكۈچ بولسا سىزنىڭ بلوگىڭىزنىڭ ئومومى يۈزلىنىشىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ، ھەم شۇنداقلا ئىزدەش ماتورلىرىنىڭ ئىزدىشى ھەم قوشۇۋېلىشى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك.

    11.بلوگىڭىزنىڭ ئىزدەش ماتورىغا سەل قارىماڭ.بلوگىڭىزغا قويغان ئىزدەش ماتورى ئىقتىدارى بلوگىڭىزدىكى بارلىق ئۇچۇرلارنى ئەڭ تېز ، ئەڭ ئۈنۈملۈك ئىزدەپ تېىپىپ بېرەلەيدىغان بولسۇن. چۈنكى ئىزدەش ماتورىنىڭ بارلىققا كېلىشى ئىنتېرنېتنىڭ ئىنقىلاپ خاراكتىرلىك بۆسىشىنى كەلتۇرۇپ چىقارغان ، ئىنتېرنېتتىن ئۇچۇر ئىزدەش ئىنتايىن قولايلىقلاشقان، شۇڭا سىزنىڭ بلوگىڭىز بۇ خىل ئېقىم يۈنۈلىشىگە يەنى بۇ خىل ساداغا "تەتۈر مۇقام توۋلاپ قالمىسۇن".

    12.بلوگىڭىزنىڭ سەھىپە تۈرلىرى ئوچۇق ھەم ئىخچام بولىشى كېرەك. تۈرلەر ئوچۇق دىگەندە سەھىپە تۈرلىرىدىن بلوگىڭىزنىڭ ئومومى يۈزلىنىشىنى بىلگىلى بولىدىغان بولسۇن، تىل-ئەدەبىياتتىن تارتىپ ماتىماتىكىغىچە ، بلوگ ياساشتىن تارتىپ ئېلان قويۇپ پۇل تېپىشقىچە ھەممە سەھىپىنى ئېچىۋالماڭ بۇنداق قىلىپ قويسىڭىز ئەكسىچە ئۈنۈم بېرىدۇ.

    13.يازمىلىرىڭىزنىڭ ئارىسىغا تور يۈزىدە ئوقۇلىدىغان ئىلكىتاپلارنىڭ ئۇلىنىشىنى ئامال بار قىستۇرۇپ قويماڭ. چۈنكى بۇنداق قىلسىڭىز تور كۆرگۈچنىڭ ئالدى بىلەن ئىلكىتاپ ئوقۇغۇچنى قوزغىتىشى ئاندىن سىز كۆرسەتكەن ئېلكىتاپ ئادرىسىنى تېپىپ ئېچىشى ئۈچۈن خېلى كۆپ ۋاقىت كېتىدۇ، شۇڭا قىستۇرۇپ قويغان بولسىڭىز ئۇلانمىنىڭ ئالدىغا ئالاھىدە ئەسكەرتىش يېزىپ قويۇڭ ياكى بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادرىسىنى تەمىنلەپ قويسىڭىزمۇ بولىدۇ.

    14.يازما ئارىسىغا ئېلان قىستۇرۇشتىن ھېزى بولۇڭ. بۇ خىل ئۇسۇل گوگۇلنىڭ ئادسېنسې ئېلانلىرىغا نىسبەتەن قىسقا مەزگىللىك ئېلان كىرىمىنى كۆپەيتىپ بېرىشى مۇمكىن بىراق ئۇزۇن مەزگىللىك تەرەققىياتنى ئويلاشقاندا پەقەت زىيارەتچىڭىزنى ئازلىتىپ قويىسىز.

    15.بلوگىڭىز ھەممە تور كۆرگۈچلەردە نورمال كۆرۈنىدىغان بولىشى كېرەك. بۇ تەرىپى ئىنتايىن مۇھىم. چۈنكى ھەرخىل كىشىلەر ئوخشىمىغان تور كۆرگۈچلەر ئارقىلىق توربەتلەرنى كۆرىدۇ. ھازىرمۇ ئاددىسى بىزنىڭ بەزى بلوگلىرىمىز بار ، ئوخشىمىغان تور كۆرگۈچتە ئاچسىڭىز ئوخشىمىغان كۆرۈنۈشتە ئېچىلىدۇ، ھەتتا يازما بېتىنىڭ تەگلىك رەسىملىرى يوقاپلا كېتىدۇ.

    16.يازمىلاردا ئۇلانمىلارنى قستۇرۇش توغرا كەلسە ئادەتتە بىر سۆزلۈك ئۇلانمىلارنى كۆپرەك ئىشلىتىمىز، شۇنداق چاغلاردا ئۇلىنىش قىلىنىدىغان سۆزلۈكنى ئىشلىتىشتە دىققەت قىلىش كېرەك. ئەڭ ياخشىسى ئۇلانمىنىڭ مەزمونىنى سۆزلۈك قىلىپ ئىشلىتىش شۇنداق قىلغاندا مەزكۇر ئۇلانمىنى چەككۈچى چېكىپ كىرىدىغان ياكى ئېچىلىدىغان مەزموننىڭ نېمىلىكىنى ئالدىن بىلەلەيدۇ. ئەكسىچە " بۇ يەرنى چېكىڭ"، "بۇ يەردىن كىرىڭ" دىگەندەك تومتاق سۆزلەرنى ئىشلىتىشتىن ساقلىنىڭ. ھېچبولمىغاندا ئايرىم چۈشەندۇرۇش بېرىپ ئارقىدىن" مەرھەممەت" دىگەندەك تەكەللۈپ سۆزلىرىنى ئىشلەتسىڭىز ئۈنۈمى بىرقەدەر ياخشى بولىدۇ.

    17.يازمىڭىزدىكى ئۇلانمىلار ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىدىغان بولىشى كېرەك. يازمىڭىزنى ئوقۇغان كىشىدە بىر قاراپلا قايسىلارنىڭ ئۇلانما(ئۇلىنىش قىستۇرۇلغان) سۆز ، قايسىلارنىڭ ئۇلانما قىستۇرۇلمىغان سۆز ئىكەنلىكىنى پەرق ئېتەلەيدىغان بولىشى كېرەك. ئادەتتە ئۆلچەملىك بولغان ئۇلانمىلار كۆك رەڭلىك بولىدۇ، سىز ئۇنىڭغا قوشۇپ ئاستىغا سىزىقچە ئۈنۈمىنى چىقىرىپ قويسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. بۇنىڭغا قوشۇپ ئوخشاشلا ئادەتتىكى يازمىنىڭ ئىچىدىكى ئۇلانما قىلىنمىغان سۆزلەرنىڭ رەڭگىنى ھەرخىل قىلىشتىن ياكى ئاستىغا سىزىقچە چىقىرىۋېلىشتىن ساقلىنىڭ.

    18.بلوگىڭىزغا ئالاھىدە ئېھتىياج بولمىسىلا ئارتۇقچە گىف سۆرەتلىرىنى قوشۇپ قويماڭ.بلوگىڭىزنىڭ تەگلىك رەڭگىنى ياكى يازمىنىڭ خەت رەڭگىنى كىشىدە ئاسان چارچاش ھېس قىلدۇرۇپ قويىدىغان رەڭلەرنى ئىشلىتىشتىن ساقلىنىڭ. بۇ يەردە ئالاھىدە ئەسكەرتىلىدىغىنى قىزىل رەڭ. چۈنكى قىزىل رەڭنىڭ كۆزنىڭ كۆرۈش ئىقتىدارىغا بولغان زىيىنى ئەڭ چوڭ.

    19.بلوگىڭىزدا سەكرەتمە ھالەتتە ئېچىلىدىغان كۆزنەك ئۈنۈملىرىنى ئامال بار قويماڭ. مەسىلەن بەزى ئېلان ئۈنۈملىرىدە مەلۇم ئۇلانمىغا مائوسنى ئاپىرىپ قويسىڭىزلار كىچىك كۆزنەك ئاپتوماتىك ئېچىلىۋالىدۇ، ياكى بەزى ئۇلانمىلارنى چەكسىڭىزمۇ مۇشۇنداق ئۈنۈم چىقىدۇ بۇنداق بولۇپ قالسا زىيارەتچىدە بىزارلىق كەيپىياتى شەكىللىنىپ قالىدۇ.

    20.يازما مەزمونىنىڭ بەك ئۇزۇن بولۇپ كېتىشىدىن يازمىڭىزدىكى خەتلەرنىڭ ئىملا خاتالىقى بولۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىڭ.ئەگەر يازمىڭىز ئۇزۇن بولۇپ كەتسە بۆلۈپ يوللىسىڭىز ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ، ئەگەر يازمىڭىزدا ھە دىگەندىلا ئىملا خاتالىقى ، گىرامماتىكا خاتالىقى بولسا باشقىلارنى "بۇنداق يازمىنى ئوقۇغاندىن ئوقۇمىغان ياخشى" دىگەن ئۇقۇمغا كەلتۈرۈپ قويىسىز ھەم ئۆزىڭىزنىڭ ئىناۋىتىگىمۇ بىۋاستە تەسىر يېتىدۇ.

     

    ئەسلى مەنبە:

    http://www.dailyblogtips.com/43-web-design-mistakes-you-should-avoid/

    ئەسلى يازمىغا ھازىرغىچە 400دىن ئارتۇق ئىنكاس چۈشۈپتۇ.

     

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us

    ئىشلىتىش:
  • 收藏与分享 بۇ يازمىنى ساقلىۋالىمەن

    评论

  • [cusFace:8][cusFace:12][cusFace:11]
  • [cusFace:8][cusFace:12][cusFace:11]
  • ياخشى تېمىكەن
  • ناھايتى ياخشى تىما يوللايسىز دە ، رەھمەت سىزگە .
  • بولسا مىنىڭ بلوگىمنىڭ لوگو ئۇلىنىشنى ئۇلىنىش قىلىپ قويغان بولسىڭىز.
    بىكەت ئاددىرىسى : http:abral.blogbus.com
    بىكەت لوگوسى: http://filer.blogbus.com/4243058/4243058_1278387891n.jpg
    dunyakara回复ئاۋرال说:
    بلوگىڭىز كۆزنەككە قوشۇلدى.
    2010-08-25 17:48:50
  • ھەقىقەتەن پايدىلىنىش قىممىتى بار ماقالىكەن. خىلى جىق نەرسىلەرنى ئۈگىنىۋالدىم، رەخمەت سىزگە!
    dunyakara回复ئاۋرال说:
    ئابرال ئەپەندىنىڭ قەدەم ئىزىنى كۆرۈپ بەك خۇش بولدۇم.
    2010-08-25 17:42:29
  • ئەجرىڭىزگە تەشەككۇر بىز تەرەپلەرگە كىلىپ پىكىر بىرىپ تۇرارسىز سەۋىيەم توۋەن بولغاچقا بىلوگقا تىخىغىچە ماتىريال يوللىيالمىدىم
    dunyakara回复ئەل ئىخرام说:
    يېڭى قۇرغان بلوگىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن! بىزدە مۇشۇنداق كەسپىي بلوگلار ئاز بولىۋاتىدۇ، شۇڭا بلوگىڭىزنىڭ يېڭى تەرەققىياتلارغا ئېرىشىشىگە تىلەكداشمەن.
    2010-08-05 21:53:15
  • [cusFace:8][cusFace:12]
  • ھەقىقەتەن ياخشى تىمىكەن ياخشى يوللاپسىز ياخشى تىمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن
    dunyakara回复بايلىق说:
    بايلىق ئەپەندىمنىڭ بەرگەن ياخشى باھاسىغا تەشەككۈر!
    2010-08-03 00:28:37
  • بىلوگ ئېچىش بىلەك گەپ ، بىلوگ نى يڭىلاپ تۇرۇش باشقا گەپكەن ..
    ئېچىپ بوپ ھىس قىلدىم ...

    ۋاقىت ھەجەپ قىسكەن منىڭى ...
    dunyakara回复Uyghur Kino说:
    توغرا دەيسىز! ھەرقانداق ئىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرماق بەسى مۈشكۈل كىشىنىڭ ئىرادىسى مۇشۇنداق جايلاردا ئاندىن سىنىلىدۇ.
    2010-08-03 00:10:04
  • مەن ئويلىغاندەكلا چىقىپتۇ دەپ قۇيۇپچۇ~~~~~~[cusFace:7][cusFace:5]
    dunyakara回复ئۇيغۇربەگ说:
    ئۇيغۇربەگ ئەپەندىمنىڭ قالدۇرغان ئىزىغا رەھمەت!
    2010-08-02 23:28:27
  • بۇ بەك پايدىلىق گەپلەركەن ، ئېيتقىنىڭىز بويىچە بلوگىمنى خېلى سەرەمجانلاشتۇرۇۋالدىم . ئۈستىدىكى بويىچە يەنە بىر قۇر قاراپ چىقسام بولغىدەك.
    ئەمدىكى مەسىلە ئىنكاس كۆزنىكى چىقمايدىغان بولۇپ قاپتۇ .
    dunyakara回复jazira说:
    يازمىدىن پايدىلانغان بولسىڭىز بەك ياخشى بولۇپتۇ. ئىنكاس كۆزنىكى راست چىقماپتۇ، بەلكىم ئىنكاس يېزىشنى چەكلەپ قويغان بولىشىڭىز مۇمكىن ئارقا سەھنىگە ئۆتۈپ قاراپ باققايسىز.
    2010-07-23 00:01:01
  • داڭلىق تورلاردىن بىزگە لازىملىق ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىپ قويغانلىقىڭىزغا رەخمەت ، ھەققىقەتەن ياخشى تىمىكەن [cusFace:8]
    dunyakara回复uyghurlar说:
    ماختىغىنىڭىزغا رەھمەت.
    2010-07-18 16:20:28
  • مەن بۇ يازما ئارقىلىق بىلوگىمنىڭ ئىككى يېرىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش كېرەكلىكىنى ھېس قىلدىم. يازمىڭىزغا رەھمەت.
    dunyakara回复QAWANDAZLAR说:
    ئەرزىمەيدۇ.
    2010-07-18 16:16:32
  • ھە راست مېنىڭ بۇرۇن قىلغان ئۇلىنىشلىرىمدا خاتالىق كۆرۈلۈپ ھەممىنى ېلىۋەتكەن ئىدىم ، مۈمكىن بولسا قايتا ئۆزئارا ئۇلىنىش قىلىۋالايلى دېگەن ئۈمۈتتە بۇ ئىنكاسنى يازدىم .
    dunyakara回复ئەتتىرگۈل说:
    بلوگىڭىز كۆزنەككە قوشۇلدى.
    2010-07-18 16:16:10
  • ئەسسالام ئەلەيكۇم ! پايدىلنىش قىممىتى ناھايتى يوقۇرى بولغان قىممەتلىق ماتىيال بىلەن تەمىن ئېتىپسىز ھەممىسى مۇھىم مەزمۇنلار ئىكەن.
    dunyakara回复ئەتتىرگۈل说:
    ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. كەلگەن قەدىمىڭىز گۈل بولسۇن.
    2010-07-18 16:15:43
  • مەن 3-تۈردە ئېيتىلغاندەك تىزىملىتىپ ئىنكاس يېزىش ۋە كۆرۈش ئىشلىرىغا بەك ئۆچ.
    15-تۈرگە كەلسەك بۇ سەل قىيىنغا توختايدىغان ئىش دە.
    dunyakara回复پرىستان说:
    شۇنداق، بلوگدا كۆرۈلگەن ئاجىزلىقلارنى توختىماي ھەل قىلىپ ماڭغاندىلا ئاندىن تەرەققىيات تېز بولىدىكەن.
    2010-07-18 16:08:39