-
2010-07-23
ئۇسلۇپلارغا جەڭ ئېلان قىلىش: 3 خىل ئۇسلۇپ ئېلان قىلىندى - [ئۇسلۇپ چۈشۈرۈش]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/dunyakara-logs/70114495.html
نەچچە كۈندىن بېرى كوماندىروپكىغا چىقىپ كېتىپ تورداشلارنىڭ قالدۇرغان ئىنكاسلىرىغىمۇ ۋاقتىدا جاۋاپ يازالمىدىم. كەچۈرگەيسىلەر.
ئۆز گېپىمىزگە كەلسەك، ئۇسلۇپلارغا جەڭ ئېلان قىلىش دەپ بۇنداق تېما قويۇشۇمدىكى مەقسەت تۆۋەندىكى ئالاھىدە ياسالغان ئۇسلۇپلارنى ھەتتا بلوگبۇس سۇپىسىدىكىلەرمۇ ياساپ ئېلان قىلىپ باقمىغان، ھەتتا خەنزۇ تىلىدىكى بلوگ ياسايدىغان ئۇستىلارمۇ ياساپ ئېلان قىلىپ باقمىغان، شۇڭا مەن دادىللىق بىلەن مۇشۇنداق تېمىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم، چۈنكى بۇ خىل ئۇسلۇپلار بىرقەدەر ئۆزگىچە، دۇنيادا دەۋر سۈرىۋاتقان WORDPRESS ئۇسلۇپلىرىنىڭ ئىلھامى ئاستىدا بۇ ئۇسلۇپلار ياسالدى.
بەلكىم مۇشۇ خىل ئۇسلۇپلارنى خەنزۇچە بلوگلارغا سەل لايىقلاشتۇرۇپ ئۇلارغا ئېلان قىلغان بولسام ئىدىم چوقۇمكى "بازار تاپاتتى" ھەتتا بلوگبۇس سۇپىسىدىكىلەرنى ئەيىپلىگۈچىلەرمۇ چىقاتتى(بۇنىسى مۇقەررەر) لېكىن مېنىڭ ئۇنداق قىلىش خىيالىم يوق. يەنىلا قېرىنداشلارنىڭ ئىشلىتىپ بېقىشىغا سۇندۇم،چۈنكى سۇپا خەقنىڭ بولغان بىلەن گىلەمنىڭ نوچىسىنى سېلىپ ئولتۇرساق ئازادە ئولتۇرىمىز ئەمەسمۇ؟
ئەمدى تۆۋەندىكى ئۇسلۇپلار توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتەي:
بىرىنچى خىل ئۇسلۇپ:
ئۇسلۇپ نامى: ئاق بۇلۇت ئۇسلۇبى
ئۇسلۇپ ئالاھىدىلىكى: بۇ بىر قەدەر ئاددى قىلىپ ياسالغان ئۇسلۇپ بولۇپ مەزكۇر ئۇسلۇپنىڭ قېشىغا ئاپپاق بۇلۇت ۋە كۆپ-كۆك تەگلىك ئېلىندى، ئاستىغا بولسا قار-مۇز بىلەن قاپلانغان تەڭرى تاغلىرىنىڭ رەسىمى ئېلىنىپ كۆرگەن كىشىگە كۆپ-كۆك ئاسمان ۋە ئاپپاق بۇلۇتلارنى ئەسلىتىدۇ ھەم ئەركىن-ئازادىلىك تۇيغۇسى بېرىدۇ.
باش بەت رەسىمى:
تولۇق كۆرۈنىشىنى تۆۋەندىكى كۈنۈپكىنى بېسىپ كۆرۈپ بېقىڭ
ئارقا بەت رەسىمى:
تولۇق كۆرۈنىشىنى تۆۋەندىكى كۈنۈپكىنى بېسىپ كۆرۈپ بېقىڭ
ئىككىنچى خىل ئۇسلۇپ:
ئۇسلۇپ نامى: كەچ كۈز ئۇسلۇبى
ئۇسلۇپ ئالاھىدىلىكى:مەزكۇر ئۇسلۇپ تەبىئەت ئالتۇن رەڭگە كىرگەن كەچ كۈزنىڭ سىماسىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ ئىشلەندى،دەريا ۋە كۆللەرنىڭ رەسىملىرى ئۇسلۇپقا قوشۇلۇپ تونۇرنىڭ تەپتىدەك مۇشۇنداق قىزىۋاتقان كۈنلەرنىڭ تېزراق ئۆتۈپ كېتىشىنى ئىختىيارسىز ئېسىمىزگە سېلىپ كىشىگە بىر خىل سالقىنلىق ئاتا قىلىدۇ.
باش بەت رەسىمى:
تولۇق كۆرۈنىشىنى تۆۋەندىكى كۈنۈپكىنى بېسىپ كۆرۈپ بېقىڭ
ئارقا بەت رەسىمى:
تولۇق كۆرۈنىشىنى تۆۋەندىكى كۈنۈپكىنى بېسىپ كۆرۈپ بېقىڭ
ئۈچىنچى خىل ئۇسلۇپ:
ئۇسلۇپ نامى: تەكلىماكان ئۇسلۇبى
ئۇسلۇپ ئالاھىدىلىكى: مەزكۇر ئۇسلۇپ تەكلىماكاننىڭ ئىلھامى ئاستىدا ئىشلەندى، شەخسەن ئۆزۈمنىڭ تەكلىماكانغا ئوتتەك قىزغىنلىقىم بار، بۇ دۇنياغا داڭلىق سىرلىق ماكاننى توغرىسىغا كېزىپ ئۆتۈپ باققۇم كېلىدۇ، تارىخىي سىرلىرىنى ئاچقۇم كېلىدۇ،نەچچە-نەچچە كېچىلەرنى قوينىدا گۈلخان يېقىپ ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزگۈم كېلىدۇ...ئالدىنقى قېتىم ساياھەتكە بارغىنىمدا تەكلىماكاننىڭ قۇمىدىن بىر شېشە قاچىلاپ ئەكىلىۋالغان ئىدىم، ھازىرمۇ شۇ "تۇتىيا" قۇمنى كۆرسەم چەكسىز خىياللارغا غەرق بولىمەن...
مەزكۇر ئۇسلۇپنىڭ بەت قېشىدا تەكلىماكاننى چۆرىدىگەن 9 پارچە رەسىم توختىماي كىنو لېنتىسىدەك ئالمىشىپ تۇرىدۇ، (GIF ھالەت) مۇشۇ 9 پارچە رەسىممۇ سىزنى سۆزسىز تەكلىماكانغا "باشلاپ بارالايدۇ". ئۇنىڭ ئۈستىگە بەت يۈزى ئورۇنلاشتۇرىلىشىمۇ سىتىرولۇق ئۈنۈمگە ئىگە.مەزكۇر ئۇسلۇپ پۈتۈنلەي ئۆزۈمنىڭ شەخسىي ھىسسىياتىم بىلەن ياسالدى، تارىخىي ئىشلار بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق!
باش بەت رەسىمى:
تولۇق كۆرۈنىشىنى تۆۋەندىكى كۈنۈپكىنى بېسىپ كۆرۈپ بېقىڭ
ئارقا بەت رەسىمى:
تولۇق كۆرۈنىشىنى تۆۋەندىكى كۈنۈپكىنى بېسىپ كۆرۈپ بېقىڭ
يوقارقى 3 خىل ئۇسلۇپ پەقەت بلوگبۇس Blogbus سۇپىسىدىلا ئىشلىنىدۇ، ھەرقانداق مەزموندىكى بلوگلارنى يېزىشقا باپ كېلىدۇ.
گەرچە ئارانلا 3خىل ئۇسلۇپ بولسىمۇ ئارىسىدىن ئەڭ ياخشى دەپ قارىغىنىڭىزنى ئۇسلۇپ تەمىنلەش كېلىشىمىگە ئەمەل قىلغان ئاساستا ئىلتىماس قىلسىڭىز ئېۋەتىپ بېرىلىدۇ.
ئۇسلۇپ تەمىنلەش كېلىشىمىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ:
تېخىمۇ كۆپ ئۇسلۇپلارنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ:
پېقىر تەمىنلىگەن ئۇسلۇپلارنىڭ ھېچقايسىسى يارىماي، ئۆزىڭىزنىڭ ئۇسلۇپ توغرىسىدىكى ياخشى ئوي-پىكرىڭىز بولۇپ قالسا ئىنكاس قالدۇرسىڭىز بولىدۇ، ئىنكاس قالدۇرغاندا چوقۇم قانداق قۇرۇلمىدىكى، قانداق ئالاھىدىلىكى بار ئۇسلۇپ ئىكەنلىكى توغرىسىدا كونكىرىت مەلۇمات بەرسىڭىز پېقىرنىڭ ۋاقتى چىققاندا ھەقسىز ياساپ بەرسەم بولىدۇ.
收藏到:Del.icio.us
ئىشلىتىش:
بۇ يازمىنى ساقلىۋالىمەن
يېقىندا تورغا چىقالماسلىقىمنىڭ سەۋەبى
Blog:Dunyakara2010-08-02 23:23:46
评论
qq;155362886
email: kaqkuzbiz@yahoo.cn
qq;155362886
email: kaqkuzbiz@yahoo.cn
qq;155362886
email: kaqkuzbiz@yahoo.cn
1498671187@qq.com
ئىلخەت ئادرىسىم:muallim@live.cn
sapramijaz@163.com
ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم . [cusFace:6]
بىلوگ ئادىرسىم : http://ijadiyat.blogbus.com/
ئاللا نىسىپ قىلسا مەڭغىمۇ ئەۋەتىپ بەرسىڭىز!
بلوگ ئادىرسىم: xjtanha.blogbus.com
ئىلخەت ئادىرسىم؛872282910@qq.com