-
2010-07-10
نەزىرىمدىكى ئەڭ ياخشى ئۇيغۇرچە ئۇلنىش تورى - [لازىملىق تور بەتلەر]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/dunyakara-logs/68761429.html
مېنىڭ تەكشۈرۈشۈمچە 2010-يىلى تور ئەسلىگە كەلگەندىن بۇيان دىيارىمىزدىكى مەخسۇس ئۇيغۇرچە ئۇلىنىش توربېكەتلىرى 20دىن ئاشمايدۇ.ھازىرقى ھالەتتە بىر قىسىم ئۇلىنىش توربېكەتلىرى ئەسلىدە بار بولغان بلوگلار سەھىپىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان، بىرقىسىم ئۇلىنىش توربېكەتلىرىدە بولسا بلوگلار ئۇلىنىش سەھىپىسىدىكى ئېچىلمايدىغان ياكى تاقالغان بلوگلارنىڭ تىزىملىكى رەتلەنمىگەن.بىرقىسىم ئۇلىنىش بېكەتلىرىدە بولسا ئۇلىنىش ئىلتىماسى قايتا-قايتا ئىلتىماس قىلىنسىمۇ ،شەرتلەر تولۇق ئورۇنلانغان بولسىمۇ بىراق تەستىقلانمايدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت.بۇ توغرىسىدا شەخسەن مەن ئۆزۈم خېلى قىيىنچىلىقلارنى كۆردۈم،قايسى خىل ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى بولسا شۇ خىل ئۇسۇل بىلەن ئالاقە ئۇچۇرى ئېۋەتتىم ئارىسىدا پەقەت http://www.ulnix.com/ توربېكىتىنىڭ قۇرغۇچىسىلا جاۋاپ ئۇچۇر قايتۇردى ھەم ۋاقتىدا ئۇچۇر قايتۇرالمىغانلىقى توغرىسىدا ئۆزرە ئېيتىش بىلەن بىرۋاقىتتا ئىلتىماسىمنى تەستىقلاپ بلوگىمنى تور بېكىتىنىڭ بلوگلار سەھىپىسىگە قوشۇپ قويدى. مەن بۇ http://www.ulnix.com/ توربېكىتىنىڭ قۇرغۇچىسىنى تونۇمايمەن بىراق بۇ ئەپەندىمنىڭ ئەستايىدىللىقى، مەسئۇلىيەتچانلىقى مېنى قايىل قىلدى. چۈنكى بىز ھەپىلىشىپ كېلىۋاتقان بلوگلار چوڭ-چوڭ تور بېكەتلەرنىڭ قولىغا سۇمۇ قويۇپ بېرەلمەيدۇ، بىراق كۈندىن-كۈنگە كۆلىمى زورىيىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر بلوگچىلىقىغىمۇ سەل قارىغىلى بولمايدۇ ئەلۋەتتە.
http://www.ulnix.com/ توربېكىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئۆزىنىڭ تور بېكىتىدە مەخسۇس بلوگ سەھىپىسى ئاچقانلىقىنى ئۇلىنىش ئىلتىماس قىلىدىغان بلوگلارنىڭ قانونلۇق،ساغلام مەزموندىكى بلوگ بولسىلا ئۇلىنىش ئالماشتۇرۇش شەرتىنى ئورۇندىسا ئۇلىنىشقا قوشىدىغانلىقىنى، بلوگلار ئۇلىنىشى مەلۇم كۆلەمگە يەتسە توربېكىتىنىڭ بېشىغا مەخسۇس بلوگ سەھىپىسى ئېچىپ بېرىدىغانلىقىنى ، ھەم شۇنداقلا ئەڭ ياخشى 10 بلوگنى شەرەپ تاختىسىغا چىقىرىپ بېرىدىغانلىقىنىمۇ بىلدۈردى، بۇ بىز بلوگگىرلار ئۈچۈن كاتتا خوشاللىق.
قېنى بلوگگىر دوستلار بىز ئۈچۈن سورۇن ھازىرلاپ بېرىدىغان http://www.ulnix.com/ تور بېكتىنى قوللايلى، بلوگىمىزغا قوشىۋالايلى ھەم بىرگە بلوگىمىزنىڭ تەشۋىقات ئىشلىرى ئۈچۈن ئۇلىنىشقا ئىلتىماس قىلايلى(ئىلتىماس قىلىش ئۇسۇلى ھازىرچە پەقەت QQبىلەنلا چەكلىنىدۇ، ئىلتىماس قىلماقچى بولسىڭىز بۇ توربېكتىنىڭ قۇرغۇچىسىنىڭ QQنومۇرى1317773441)
ئىلتىماس قىلىشتىن ئاۋال http://www.ulnix.com/ ئۇلنىش توربېكىتىنىڭ تۆۋەندىكى تۇغ رەسىملىرىدىن خالىغان بىرىنى بلوگىڭىزغا ئۇلىنىش قىلىۋېلىپ ئاندىن ئىلتىماس قىلىڭ:
收藏到:Del.icio.us
ئىشلىتىش:
بۇ يازمىنى ساقلىۋالىمەن
评论
پېقىر يوليارنىڭ قۇرغۇچىسى بولىمەن. يۇقارقى سەزگۈر بالا يوليارنىڭ قۇرغۇچىسى ئەمەس، بەلكىم قوللىغۇچىسى بولىشى مۇمكىن.
100 بلوگنى ئۇلىنىش قىلغان، ئىسمى توغرا توربەتلەرمۇ باركەن.
100بلوگنى ئۇلىنىش قىلغان يوليار ئۇلىنىش توربېتى مېنىڭ قەلبىمدە چوڭقۇر ئورۇن ئالغان، چۈنكى يېڭى قۇرۇلغان چاغدىلا پېقىرنىڭ بلوگى قوشۇلغان ئىدى، يۈكسەل بلوگلار ئۇلىنىش توپلىمى ئېلان قىلىنغاندىمۇ يۈكسەل ئەپەندى پېقىرنىڭ بۇ ئەرزىمەس بلوگىغا ئالاھىدە ئورۇن بەرگەن شۇڭىمۇ يوليار ئۇلىنىش تورى ۋە يۈكسەل بلوگلار ئۇلىنىش توپلىمىنىڭ توغى ھەممىنىڭ بېشىدا لەپىلدەپ تۇرماقتا، يۈكسەل بلوگىمۇ ئالاھىدە قوشۇلدى.شەخسەن مەن ئۆزۈم يوليار ئۇلىنىشلىرى بىلەن يۈكسەل بلوگلار توپلىمىنىڭ تۆھپىسىنى ئالاھىدە دەپ بىلىمەن. يوليار ئۇلىنىشلىرىنىڭ تۆھپىسىنى بلوگلىرى قوشۇلغان 100بلوگگىرمۇ ھەم چوقۇم بىلىدۇ دەپ ئىشىنىمەن.
مەسىلەن ئالايلۇق بىر قېرىندىشىمىز يىرتىق تۇماقنى كەيگەن ھالدا ئۆيگە كىرىپ كەلگەن بولسا، بىرى ئۇنى تۆرىگە باشلىسا، باشقىلار قوپۇپ "ئۇنىڭ بېشىدىكى يىرتىق تۇماق تۇرسا نىمە دەپ تۆرگە باشلايسەن؟ پەگادا ئولتۇرىشى كېرەك" دىسە توغرا بولارمۇ؟ بىز بىر ئادەمنىڭ قالپىقىغا قاراپ ياكى بېشىغا كەيگەن تۇمىقىغا قاراپ باھا بېرىمىزمۇ ؟ يەنە مەسىلەن ئالايلۇق بىر كىشىنىڭ ئەرزان توۋلاپ قويغان ئىسمى "سۈپۈرگە"ئاخۇن بولسا ئۇنى "ئىسمىڭ سۈپۈرگە ئىكەن تۆرىگە چىقىشىڭغا بولمايدۇ" دىسەك توغرا بولارمۇ؟
ئەمدىلەتىن تېخى 10بلوگنى قوشۇپسەن، ئىسمىڭمۇ پەلىپەتىش ئىكەن دەپ قوللىمىساق توغرا بولامدۇ؟
ئەي قېرىنداشلار. بىزدىكى مېھرى-مۇھەببەت قېنى؟ تەمتىلەپ ماڭغاننى يېتىلەش، يېقىلغاننى يۆلەش، باش كۆتۈرگەننى قوللاپ-قۇۋۋەتلەش بىزنىڭ قېنىمىزدا بار ئەمەسمىدى؟ئەجەبا يېڭىدىن باش كۆتۈرگەننىلا بولسا بىر ئاماللارنى قىلىپ جايىدا تۇنجۇقتۇرىۋېتىش بىزگە ئۇدۇم قالمىغاندۇ؟
مېنىڭ QQنومۇرۇم:1344725191