• 2008-07-10

    59 خىل تىلنى بىلىدىغان ئادەم - [تەرمىلەر]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/24474093.html

    زىيارەت قىلغۇچى: ئەنگىلىيە "پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى"

    سۆزلەپ بەرگۈچى:

    Ziad Fazah  دەيدىغان بىر كىشى مۇخبىرنىڭ سورىغان سوئاللىرىغا  ئۆزىنىڭ ئۆتمۇشىنى قوشۇپ سۆزلەپ بەرگەن ئۇ ياش ۋاقىتلىرىدىلا بىر نەچچە دۆلەتلەردە ئولتۇراقلشقان بىراق نۇرغۇن تىلنى بىلگەنلىكتىن شۇ دۆلەتنىڭ ئاخبارات مەركەزلىرى ھەم دۆلەت خەۋپسىزلىك ساقچىلىرى ئۇنى بىر نەچچە قېتىم تۇتۇپ سوراق قىلغان (ئۇنى جاسوسمىكىن دەپ گۇمان قىلغان) ھەم ئۇنىڭ ئىزىغا چۈشۈپ نازارەتمۇ قىلغان ئەمىلىيەتتە بۇ كىشى پەقەت كۆپ خىل تىلنى ئىگەللەش ئالاھىدىلىكىگىلا ئىگە بولۇپ باشقا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ھېچقانداق ئىشلارغا ئارلاشمىغان.

    ئەمدى ئۇنىڭ تىل ئۆگۈنۈش جەھەتتىكى بايانىغا قۇلاق سېلىپ باقايلى:

    ئۆزۈمنىڭ تىل تالانتىم بارلىقىنى بىلگەن ۋاقتىم 11 ياش ۋاقتىم بولۇپ ئۇ 1964- يىلى ئىدى دادام بىلەن لىۋىيەدىن بېيرۇتقا كۆچۈپ باردۇق. شۇنىڭ بىلەن مەكتەپتە ئېنگىلىسچە ئۆگۈنۈشكە باشلىدىم.

    3 ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئېنگىلىس تىلىنى پۈتۈنلەي ئىگەللەپ بولدۇم. يەنە باشقا بىر خىل تىلنى ئىختىيارسىز ئۆگەنگۈم كەلدى، ئۆيدە مەن باشقىلاردىن بالدۇر ئورنۇمدىن تۇرىمەن كەچتە بولسا ھەممىنىڭ ئاخىرىدا ئۇخلايمەن. 6 ئاي جەريانىدا مەن يەنە فىرانسۇز تىلى، نېمىس تىلى ۋە يامىنىكا تىلىنى ئۆگۈنۈپ بولدۇم. مەكتەپ پۈتتۈرۈشتىن بۇرۇن مەن بارلىق سىكاندىناۋىئان تىلىنى ئۆگۈنۈپ بولدۇم.

    ئەينى ۋاقىتتا بېيرۇتتىكى بىر كىتاپخانىدىن دۇنيادىكى بارلىق تىللارنىڭ ئۆگۈنۈش قوللانمىلىرىنى ۋە ئۈنئالغۇ لېنتىلىرىنى سېتىۋالغىلى بولاتتى. مەن پۇلۇم بولۇپ قالسىلا بىر خىل تىلنىڭ كىتاۋىنى سېتىۋالاتتىم.شۇنداق قىلىپ  تىل ئۆگۈنۈش ئۆزۈمنىڭ ئۆگۈنۈش ئادىتىمگە ئايلىنىپ قالدى.

    3 ئاي ئىچىدە مەن بىر خىل يېڭى تىلنى ئوقۇش، سۆزلەش، يېزىش، ئاڭلاش قاتارلىق ئۆتكەللىرىنى ئۆگۈنۈپ بولالايمەن. ھەم شۇنداقلا مەن 3 خىل تىلنى بىرلا ۋاقىتتا قوشۇپ ئۆگۈنەلەيمەن.

    ئۆسمۇر چاغلىرىمدا مېنىڭ داڭقىم ناھىيەگە پۇر كەتكەن ئىدى. جوڭگو ئەلچىخانىسىنىڭ باشلىقى مېنىڭ بىلەن جوڭگو تىلىنى ئۆگۈنۈش توغرىسىدا بەسلەشمەكچى بولدى. ئۇ ھېچقانداق بىر ئادەم خەنزۇ تىلىنى 3 ئايدا ئۆگۈنۈپ بولالمايدۇ دىگەن ئىدى.

    3 ئاي ئۆتكەندىن كېيىن مەن ئۇنىڭغا تېلىفون بېرىپ خەنزۇچە گەپ قىلدىم، ئۇ مېنىڭ تېلىفون بەرگەنلىكىمگە ھەم مېنىڭ سۆزلەۋاتقانلىقىمغا ئىشىنەلمەيلا قالدى. ئۇ ھاياجىنىنى باسالماي مېنى تاماققا تەكلىپ قىلدى، تاماق ۋاقتىدا بىز خەنزۇچە سۆزلەشتۇق، ئۇ مېنىڭ خەنزۇچىنى راۋان سۆزلەۋاتقانلىقىمنى كۆرۈپ تامىقىنىمۇ يىمەي ماڭا قاراپلا قالدى.

    چوڭ بولغاندىن كېيىن نۇرغۇن ئاپاراتلار مېنى خىزمەت قىلىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدى، ھەم نۇرغۇن ئاپاراتلار مېنىڭدىن گۇمانلىنىپ مېنى تەكشۈردى....شۇنىڭ بىلەن مەن بىرازىلىيەگە بېرىپ يېڭى تۇرمۇشۇمنى باشلىدىم.....

    مەن ھازىر بىر تىل ئوقۇتقۇچىسى بۇ يەردە ئولتۇرىۋاتقىلىمۇ 30يىل بولۇپ قالدى. ئەمدى مەقسدىم تېنچ ئوكيان ئاراللىرىدىكى يەرلىك تىللارنى ئۆگۈنۈشنى ئويلىشىۋاتىمەن. بىراق ھازىرچە ئىگەللەپ بولغان 59 خىل تىلنى ئەستىن چىقارماي پىششىقلاپ مېڭىش ئۈچۈن نۇرغۇن ۋاقتىم كېتىپ بارىدۇ.

     

    ئەسلى مەنبە: http://www.ftchinese.com/sc/story.jsp?id=001020381#ContinueReading


    收藏到:Del.icio.us




    ئىشلىتىش:
  • 收藏与分享 بۇ يازمىنى ساقلىۋالىمەن