-
2009-03-21
نورۇز بايرىمىلىق يېڭى ئۇسلۇپ تارقىتىلدى - [ئۇسلۇپ چۈشۈرۈش]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/dunyakara-logs/36814887.html
بۈگۈن 3-ئاينىڭ 21-كۈنى يەنى ئۆزىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى باھار بايرىمىمىز-نورۇز شادلىقى كۈنى. بىزگە نورۇز بايرىمىنى ئۆتكۈزىۋاتقىلى 2000يىلدىن ئاشقان، بۇرۇن ئەجدادلىرىمىز نورۇز كۈنىدە ھەرخىل پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزەتتىكەندۇق، مەسىلەن: شېئىرى ئەسەرلەرنى يېزىش، رەسىم سىزىش....قاتارلىق ئىجادىيەتلەر بىلەن شوغۇللىنىپ بۇ قۇتلۇق كۈننى ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزەر ئىكەندۇق، يەنە تېخى چوڭ-كىچىك قەغەزلەرگە ھەرخىل نەزمىلەرنى، شېئىرلارنى يېزىپ بۇلاقلارغا تاشلاپ ئېقىتار ئىكەندۇق، بۇ ئارقىلىق بىر تەرەپتىن باھارنى قۇتلۇقلىسا يەنە بىر تەرەپتىن ئىجادىيەتلىرىنىڭ بۇلاققا ئوخشاش قايناپ تۇرىشىنى ئۈمىد قىلىشار ئىكەندۇق.....
بارلىق قېرىنداشلارنىڭ نورۇز بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن!
بۈگۈنكىدەك ئۇلۇغ كۈندە پېقىرمۇ "سورۇن"غا قۇرۇق كەلگىنى يوق، بۇ ئۇلۇغ كۈننى يېڭى بلوگبۇس ئۇسلۇبىنى تارقىتىش ئارقىلىق قۇتلۇقلىماقچى.
ئۇسلۇپ نامى: نورۇز ئۇسلۇبى
ئۇسلۇپ ئالاھىدىلىكى: كەڭ بەتلىك، ئۇسلۇپ كۆرۈنىشى بىر پارچە ئاق ۋاراققا ئوخشاش بولۇپ ئىجادى يازمىلىرىڭىزنى خۇددى نورۇز كۈنىدە ئالاھىدە ۋاراققا يېزىۋاتقاندەك بولىسىز.
ئۇسلۇپ رەسىمىنى تۆۋەندىن كۆرۈڭ:
يوقارقى نورۇز ئۇسلۇبىنى لازىم قىلغۇچىلار بولسا ئوخشاشلا ئالدى بىلەن "ئۇسلۇپ تەمىنلەش كېلىشىمى"گە ئەمەل قىلغان بولىشى كېرەك، ئاندىن ئىنكاس قالدۇرۇپ قويسا ئېۋەتىپ بېرىلىدۇ.
تېخىمۇ كۆپ ئۇسلۇپلارنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ:
收藏到:Del.icio.us
ئىشلىتىش:
بۇ يازمىنى ساقلىۋالىمەن
评论
ئېلخەت :oghuz.biz@gmail.com
بىر لىكتە قول تۇتۇشۇپ ئۇيغۇر تورچىلىقنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرەيلى !
ياشا دۇنيا قارا......
ماۋۇ ئۇسلۇپ نى بەرگەنلىگىڭىزگە كۆپ رەھمەت
ئەجرىڭىزگە بارىكالا ...[cusFace:12]
ئاللادىن سىزگە ئامانلىق ، ئىشلىرڭىزغا تىخىمۇ كۆپ ئۇتۇق تىلەيمەن .
ئارقا كۆرۈنۈش كۇنۇپكىسىنى چىقىرىش كودىنى يوللاپ قويدۇم ، تاپشۇرۇپ ئالارسىز.
بلوگىڭىزدىكى يازمىنى ئايرىم بەتتە كۆرسىتىش كودىنى head بۆلىكىنىڭ ئىچىگە چاپلاڭ.
ھازىر كۆرسەم باشبەت رەسىمىنىڭ ئۈستىگە چىقىۋاپتۇ.
ئەسكەرتمە : مەن بلوگىمىنى يىڭىدىن قۇرغان بولغاچقا نۇرغۇن دۇستلار بىلىپ كەتمەيدۇ ، شۇڭا دۇنيا قارا ئەپەندىمنىڭ بىلوگىغا ئىنكاس شەكىلدە چاپلاپ قۇيدۇم . دۇنيا قارا ئەپەندىمنىڭ كەچۈرشىنى ئۈمىد قىلىمەن .
http://tugraq.blogbus.com
ئەمىلىيەتتە ئېلخەت يېزىش ئورنىغا ياكى بلوگبۇسنىڭ يازما يېزىش كۆزنىكىگە ئالدى بىلەن wordتا يازماقچى بولغان مەزموننى ئۇيغۇرچە يېزىۋېلىپ چاپلىسىڭىزمۇ نورمال كۆرىنىدىغۇ دەيمەن.
نورۇز بايرىمىڭىز قۇتلۇق بولسۇن !
ماۋۇ "نورۇز" ئۇسلۇبىڭىز تولىمۇ يېقىشلىق ، كۆركەم چىقىپتۇ .
بۇ ئۇسلۇپنىڭ سىزگە ياققانلىقىدىن خۇش بولدۇم، رەھمەت.