-
2010-06-26
بلوگ ئۆگەنگۈچىلەر ئۈچۈن ئۇيغۇرچە css تەھرىرلىگۈچ ئېلان قىلىندى - [blogبىلىملىرى]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/dunyakara-logs/67199377.html
مەيلى بلوگبۇستا بولسۇن ۋە ياكى باشقا بلوگ ياكى بېكەتلەردە بولسۇن html, css, jsp, js, asp,phpقاتارلىق تور تىللىرىدىن ئازراق بولسىمۇ ئۆگىنىپ قويمىسىڭىز توربەت قۇرۇشتا قىينىلىپ قالىسىز، توردا تەييار بەت ئۇسلۇپلىرى ساماندەك، بىراق ئۆزىڭىزگە ماس كېلىشى ئۈچۈن ھامان بىرەر جايلىرىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولىسىز.
بلوگبۇستىكى دوستلارغا ئاساسەن cssنى تولۇق ئىگەللەپ بولسىلا مۇشۇنىڭ ئۆزى كۇپايە، بىراق cssنىڭمۇ نەشرى توختىماي يېڭىلىنىۋاتىدۇ، شۇڭا توختىماي ئۆگىنىشكە توغرا كېلىدۇ. تۆۋەندىكى ئۇيغۇرچە cssتەھرىرلەش بېتى (ياكى قورال دەپ چۈشەنسىڭىزمۇ بولىدۇ) سىزگە cssنىڭ رامكا قۇرۇلمىسى ۋە ئاساسىي بىلىملىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقىش پۇرسىتىنى يارىتىپ بېرەلەيدۇ.
بلوگبۇس ئۇسلۇپلىرىنى ياساش ۋە ئۆزگەرتىشكە قىزىقىۋاتقان تورداشلار خېلى بار، كۆپىنچە دوستلار بلوگبۇسنىڭ ئارقا سەھنىسىدە cssنى ئۆزگەرتىپ بلوگبۇسقا تاپشۇرۇپ ئالدىغا ئۆتۈپ ساقلاپ تۇرۇپ ئۈنۈمىنى كۆرۈشتەك تەكرار خىزمەت دەۋرىلىكىنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈشكە مەخبۇر بولماقتا،
ئەمدى بۇ ئۇيغۇرچە css تەھرىرلەش بېتىگە كىرىپلا سىز ئۆزگەرتمەكچى بولغان جاينى ئۆزگەرتىش بىلەن بىرگە cssتىكى كودىنى كۆرەلەيسىز ھەم ئۈنۈمىنى بىۋاستە چىقىرالايسىز، بۇ مەشغۇلاتنى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق cssتىكى كود ئاتالغۇلىرىنىڭ ئەمەلىي ئىشلىتىش ئورنى ۋە رولىنى ئۆگۈنۈپ ئالالايسىز، بۇلارنى پىششىق ئىگەللەپ بولغاندىن كېيىن بلوگبۇس ئۇسلۇبىنى ياساش ياكى ئۆزگەرتىشتە قىينالمايسىز.
تۆۋەندىكى رەسىمنى چەكسىڭىز ئۇيغۇرچە css تەھرىرلەش بېتىگە كىرەلەيسىز.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ئۇيغۇرچە cssتەھرىرلەش بېتىنى پېقىر webmasterhome نىڭ قورال بېتىدىن پايدىلىنىپ پەقەتلا تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ ياساپ قويدۇم. پېقىرنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىش ئۈچۈن خالىغانچە ئۆزگەرتمەسلىكىڭىز كېرەك.
收藏到:Del.icio.us
ئىشلىتىش:
بۇ يازمىنى ساقلىۋالىمەن
《بلوگ ئۆگەنگۈچىلەر ئۈچۈن ئۇيغۇرچە css تەھرىرلىگۈچ ئېلان قىلىندى》的转发
Blog:ئەسلىمە بلوگى2010-06-30 02:23:34
评论
[cusFace:0]
ie6 دىكى نورمال بەتلەرنى ie8 نورمال كۆرسىتىدىغانغا بىر ئامال تاپساق بولاتتى ..
[cusFace:2]
.postHeader h2 {color: #333;}
.postHeader h2 a {color: #333;}
بىرىنچى قۇردىكىسى يازما ماۋزوسىنىڭ رەڭگى، ئىككىنچى قۇردىكىسى مائوسنى ماۋزوغا ئاپارغاندىكى ئۆزگىرىدىغان رەڭ كودى
ياكى بولمىسا مېنى باشقۇرغۇچىلىققا تەكلىپ قىلىڭ مەن سىز دىگەن رەڭدگە ئالماشتۇرۇپ بېرەي.
ئۇيغۇربەگ ئەپەندىنىڭ دەرسلىرىنىمۇ بىللە ئاڭلايلى.