• 2010-06-24

    توردا ھەرخىل ھۆججەتلەرنى ھەقسىز ئايلاندۇرۇش - [لازىملىق تور بەتلەر]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/dunyakara-logs/66949957.html

    ھازىر تور دۇنياسىدا ھۆججەتلەر رەڭگا-رەڭ بولۇپ كەتتى، كىم بىر خىل دېتال ئېلان قىلغان بولسا شۇ خىل دېتاللا تونۇيدىغان بىر خىل ھۆججەت ئوتتۇرىغا چىقىپ تۇردى، بۇنىڭدىن مەقسەت ھەممىسى ئۆزىنىڭ دېتالىنىڭ بازىرىنى چىقىرىش ئىدى، ئاددىسىنى ئالايلۇق word2003نۇسخىسى بىلەن word2007نۇسخىسىنىڭ ھۆججەت شەكلى ئوخشىمايدۇ، ئايرىم دېتال قاچىلاپ ئىشلەتمىگەندە word2003تە word2007نىڭ ھۆججىتىنى بىۋاستە كۆرگىلى بولمايدۇ، ئۆز-ئارا قوللايدىغان قىلىش ئۈچۈن چوقۇم 20نەچچە مېگابايتلىق دېتالنى قاچىلىشىڭىز كېرەك، ئۇندىن باشقا يەنە توردىن ناخشا چۈشۈرسەك دائىم wma شەكلىدە چۈشىدۇ، بۇنى كۆپىنچە تېلىفونلار قوللىمايدۇ، ئۇنى مۇناسىۋەتلىك دېتالنى قاچىلاپ mp3شەكلىگە ئايلاندۇرغاندىلا ئاندىن يانفونلارغا قاچىلاپ ئىشلىتىمىز......بۇنىڭدەك مىساللار يەنە نۇرغۇن ئەلۋەتتە بۇ يەردە ئارتۇقچە سۆزلەپ ئولتۇرۇشنىڭ ئورنى يوق، ھەممە مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن چوقۇم نۇرغۇنلىغان ئايلاندۇرۇش دېتاللىرىنى كومپىيوتېرىڭىزغا قاچىلاپ تەق قىلىپ قويىشىڭىز كېرەك، بىراق بۈگۈن مەن تونۇشتۇرغان بۇ توربەتكە تايانسىڭىز مەخسۇس ئايلاندۇرۇش دېتاللىرىنى قاچىلىمايمۇ بىۋاستە مۇشۇ توردىن پايدىلىنىپ ئەپچىللىك بىلەن مەقسىدىڭىزگە يېتەلەيسىز.

    مەن تونۇشتۇرماقچى بولغان توربەتنىڭ ئادرىسى: http://www.convertfiles.com/

     

    ئالدى بىلەن بۇ توربەتنىڭ يۈزى ھەم ئىقتىدارى بىلەن تونۇشۇپ چىقىڭ:

    رەسىمنى چەكسىڭىز ئايرىم بەتتە چوڭ ھالەتتە ئېچىلىدۇ.

     

    ئىقتىدارلار بىلەن تونۇشۇپ چىققاندىن كېيىن كومپىيوتىرىڭىزدىكى ياكى توردىكى مەلۇم بىر ھۆججەتنى مۇناسىپ ئورۇنغا كۆرسىتىپ بەرگەندىن كېيىن كۆرسىتىلگەن ھۆججەتنىڭ شەكلى(فورماتى)نى كۆرسىتىپ بېرىپ ئاندىن يەنە ئايلاندۇرماقچى بولغان شەكلىنىمۇ كۆرسىتىپ بېرىسىز ئارقىدىن ئايلاندۇرۇش كۈنۈپكىسىنى باسسىڭىز تۆۋەندىكىدەك بەت چىقىدۇ.

    ئەمدى ئىش پۈتكەندۇ؟ ئايلاندۇرغان ھۆججەتنى تېخى ئېلخەت ئارقىلىق دوستىڭىزغا يوللاپ بەرگىلىمۇ بولىدىكەن.تۆۋەندىكى رەسىمدە بۇ توربەتنىڭ ئايلاندۇرۇشنى قوللايدىغان ھۆججەت شەكىللىرى بېرىلدى. ئۇندىن باشقا يەنە تۈرلۈك يانفونلار قوللايدىغان ئۈن-سىن ھۆججەتلىرىنىڭ شەكىللىرىمۇ بار(يانفون قىسمىنى ئۆزۈڭلار كۆرۈڭلار)

     

    بۇ توربەتنىڭ ھەرخىل ئۆلچەمدىكى تۇغ رەسىملىرى:

     

     

     

     

     

     

    قالغان تۇغ رەسىملەرنى مۇنۇ بەتتىن كۆرىۋېلىڭلار.

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us

    ئىشلىتىش:
  • 收藏与分享 بۇ يازمىنى ساقلىۋالىمەن

    评论

  • ياخشى بىكەتكەن رەخمەت ئۇڭۇشلۇق ئايلاندۇردۇم
    dunyakara回复پادىشاھ 说:
    ئەرزىمەيدۇ.
    2010-07-05 11:17:28