• 2008-06-24

    ياشىغاننىڭ ئەھمىيىتى نەدە؟ - [پىسخىكا]

    Tag:真谛

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/23476716.html

    1.ياشىغاننىڭ ئەھمىيىتى-سۆيۈش ۋە ياد ئېتىشتا.

    2.ياشىغاننىڭ ئەھمىيىتى_مەن باشقا بىرسى ئەمەس پەقەتلا مەن ئۆزۈم.

    3.ياشىغاننىڭ ئەھمىيىتى-ئۆزىنى بېغىشلاشتا،باشقىلارنى خوشاللىققا ئېرىشتۈرۈشتە.

    4.ياشىغاننىڭ ئەھمىيىتى-ھاياتىڭدىكى ئەھمىيەتلىك نەرسىلەرنى ئىزدەشتە.

    5.ياشىغاننىڭ ئەھمىيىتى-"كەچۈرمىش"تە، مەيلى غەلىبە بولسۇن ۋە ياكى مەغلوبىيەت بولسۇن ھەممىسىنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن قوبۇل قىلىش،بۇ دۇنيا بىلەن خوشلىشىدىغان چېغىدا پۇشايمانلىرى،ئۆكۈنۈشلىرى قالماسلىقىدا.

    6.ياشاشنىڭ ئەھمىيىتى-ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق ياشاش ئەھمىيىتى بولىدۇ.ئۆزى ئۈچۈن ياشىغان ئىكەن ئەھمىيىتى ئۆزىنىڭ نىشانى ئۈچۈن تىرىشىشتا.غەلىبىگە ئېرىشىش ئۈچۈن قان-تەر ئاققۇزۇشقا بەدەل تۆلەشكە توغرا كېلىدۇ.غەلىبە ،مەغلوبىيەت، كۈلكە ،ئازاپ ھەر-بىر ھالقىلارنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن قوبۇل قىلىپ چۈشەنچە ھاسىل قىلىش،ئەگەر ئۇنداق بولمايدىكەن ئەگەر بىر ئادەمنىڭ غايىسى بولمىسا نىمىلا ئىش قىلسا تۇرمۇشنىڭ ئاچچىق-چۈچۈكلىرىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ يۈرسە،ياكى خوشاللىققا يۈزلەنمىسە ئۇنداقتا ياشىغاننىڭ نىمە ئەھمىيىتى؟

    7.ياشاشنىڭ ئەھمىيىتى-ھايات بەكمۇ قىسقا بولىدۇ.ئىنسان ھاياتلىقىدا ئالدى بىلەن ئۆزىنى ئاندىن باشقىلارنى ئويلايدۇ،شۇڭلاشقا ئىككىنچى قېتىم قايتا ئېرىشكىلى بولمايدىغان ھاياتىنى قەدىرلەشنى بىلىشى ،ئۆگۈنىشى لازىم ھەم شۇنداقلا ھاياتتىن بەھرلىنىشنى ئۆگۈنىشى لازىم.

    8. ياشاشنىڭ ئەھمىيىتى-كېيىنكى ئەۋلاتلارنىڭ تېخىمۇ ياخشى ياشىشى ئۈچۈن،شۇڭلاشقا ئادەم بولغاندىن كېيىن ئۆگۈنىشى، خىزمەت قىلىشى گۈزەل ئەتىنى يارىتىش ئۈچۈن،كېيىنكى ئەۋلاتلار ئۈچۈن كۈرەش قىلىشى لازىم.

    9. ياشاشنىڭ ئەھمىيىتى-سۆيگۈ-مۇھەببەتتە.سۆيگۈ-مۇھەببەت نىشانى ئادەم بولىشىمۇ مۇمكىن،ماددا بولىشىمۇ مۇمكىن ھەم شۇنداقلا گوڭگا مەۋھۈم نەرسە بولىشىمۇ مۇمكىن قانداقلا بولمىسۇن ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا ئۆزىنىڭ سۆيىلىشى ھەم قەدىرلىنىشى ئۈچۈن ياشايدۇ، ئۇنداق بولمىغاندا ياشاشنىڭ  ئۆلۈم بىلەن پەرقى قالمايدۇ.سۆيگۈ-مۇھەببەتنىڭ نىشانى ئوخشىمىسا ئوخشاش بولمىغان ياشاش يولى ھەم ئوخشاش بولمىغان جاۋاپلارغا ئېرىشىدۇ. يىغىپ ئېيتقاندا بۇ دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ نەرسە يەنىلا سۆيگۈ-مۇھەبەت. پەقەت سۆيگۈ-مۇھەببەت بىلەنلا بۇ دۇنيا گۈزەل بولىدۇ ھەم ياشاشنىڭمۇ ئەھمىيىتى بولىدۇ.

    10. ياشاشنىڭ ئەھمىيىتى-ئازاپ ئوقۇبەت چېكىشتە ،ئادەم كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپ ئوقۇغىلى تۇرسا ئوننەچچە يىل جاپا تارتىپ ئوقۇغان كىچىك ۋاقىتلىرىدا ئىمتىھاندا ياخشى نەتىجە ئالالمىسا چوڭلاردىن دەككىسىنى يەپ تۇرغان،ئالى مەكتەپتە پۇل يېتىشمىسە ئاتا-ئانىسىنى سۈزۈپ جىدەل قىلىپ تۇرغان، ياخشى ئوقۇمىسا دىپلوم ئالالمايۋاتقان، خىزمەتكە چىققاندا جان-پىدالىق بىلەن خىزمەت قىلمىسا باشلىقنىڭ دەككىسىنى يەۋاتقان،كېچىكىپ قالسا مۇئاشنى تۇتىۋاتقان،بىرنەچچە يىلدىن  كېيىن توي قىلمىسا بولمىغان، توي قىلىش ئۈچۈن ئۆي بولمىسا بولمىغان،پۇل بولمىسا تېخى بولمىغان،توي قىلىپ بالىلىق بولغاندىن كېيىن بالا باقمىسا بولمىغان،گاھىدا بالىلارنى يالغۇز تاشلاپ قويۇپ توي-تۆكۈن،نەزىر-چىراقلارغا بارمىسا بولمىغان،بالىنى ياخشى ئوقۇتۇپ تەربىيىلىمىسە بولمىغان،بالىنى ئالى مەكتەپتە ئوقۇتۇش ئۈچۈن پۇل غەملىمىسە بولمىغان ،مەكتەپ پۈتتۈرسە خىزمەت ئۇقۇشۇپ ھەل قىلمىسا بولمىغان،بىر نەچچە يىلدىن كېيىن بالىنى توي قىلمىسا بولمىغان،توي قىلىش ئۈچۈن بالىغا ئايرىم ئۆي ئېلىپ بەرمىسە بولمىغان،بىرنەچچە يىلدىن كېيىن ئۇھ دىگەندە ئۇيەر ئاغرىغان-بۇ يەر ئاغرىغان دوختۇرغا بارمىسا بولمىغان ،بالىلار نەۋرلەرنى ئەكىلىپ قويۇپ قويسا نەۋرلەرنى باقمىسا تېخى بولمىغان،قېرىپ ھاسىغا چۈشۈپ قالغاندا جامائەتكە قوشۇلمىسا بولمىغان،بەش ۋاق نامازنىمۇ تۈزۈك ئوقۇيالمايۋاتقان، ئاخشاملىرى 3سائەت ئۇخلىسىلا ئۇيقۇسى قېنىپ قېلىۋاتقان،ئۇزۇن تۈنلەردە تورۇسقا قاراپ يېتىپ ئۇزۇندىن-ئۇزۇن خىياللارغا چۆكۈپ كېتىۋاتقان،ئۆزىنىڭ ئاخىرەتلىك تەرەددۈتىنى قىلمىسا بولمىغان....شۇڭا دەيمەن ياشاش جاپالىق دەپ بولمىسا نىمە ئۈچۈن بۇ دۇنياغا كۆز ئاچقان ۋاقتىمىزدا كۈلۈپ چۈشمەي ئەكسىچە يىغلاپ چۈشىمىز؟چۈنكى بىز ئانىمىزنىڭ ئاشۇ راھەت ئىللىق قوينىدىن بۇ دۇنيانىڭ مۇشەققەتلىرىنى يەتكۈچە تارتىش ئۈچۈن ئايرىلغان. ئەڭ بىچارە بولغىنى ئاشۇ ئۆلگۈچە ئۆزىنىڭ ناھىيە تەۋەسىدىن چىقىپ باقمىغان ،بىر كۈنمۇ راھەت ،خۇۋلۇق كۆرەلمەي، بىر ئۆمۈر جاپا تارتىدىغان كىشىلەر، ياشاشنى بىلىدىغان كىشىلەر بىر تەرەپتىن ئازاپلانسىمۇ بىر تەرەپتىن تۇرمۇشتىن بەھر ئالالايدۇ،شۇڭا ئۇلار كېتەر ۋاقتىدا تولا بىر ئۆكۈنىشى قالمايدۇ.مانا بۇ ياشاش ئەھمىيىتىنىڭ پەرقى.

    11. ياشاشنىڭ ئەھمىيىتى-ھېچقانداق ئەھمىيىتى بولمىسىمۇ ياشاش كېرەك.ياشاش بىر خىل مەسئولىيەت ،ياشاش بىر خىل ئىنتىلىش.ياشىغاندا پەقەت خوشاللىقنىلا قوغلاشماسلىق كېرەك چۈنكى ئۇ مۇمكىن بولمايدۇ،چۈنكى ھايات دىگەن ھامان ئەگرى-توقاي بولىدۇ.

    12. ياشاشنىڭ ئەھمىيىتى-نۇرغۇن ۋاقىتلاردا سەن ئۆزۈڭ ئۈچۈن ياشىيالماي قالىسەن،باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا سېنىڭ ياشىشىڭ ئەتراپىڭدىكى نۇرغۇن كىشىلەرگە نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم. مانا بۇ ياشاشنىڭ ئەھمىيىتى.ئەگەر پەقەتلا ئۆزۈڭ ئۈچۈن ياشىساڭ ئەتراپىڭدىكىلەرگە سېنىڭ ياشىشىڭنىڭ ھېچقانداق تەسىرى بولمىسا ئۇنداقتا سەن ئۆلگەن بىلەن باراۋەر.

    13. ياشاشنىڭ ئەھمىيىتى-ئەگەر سەن ئەھمىيەتلىك دەپ تونۇساڭ ياشاش ھەقىقەتەن ئەھمىيەتلىك، ئەگەر سەن ئەھمىيەتسىز دەپ تونۇساڭ ياشاش ھەقىقەتەن ئەھمىيەتسىز.

    14.ياشاشنىڭ ئەھمىيىتى-ئۆزىنىڭ تىرىشىشى ئارقىلىق جەمئىيەتنى ئىلگىرى سۈرۈش.

    15. ياشاشنىڭ ئەھمىيىتى-كائىناتقا نىسبەتەن ئىيتقاندا ئادەم پەقەتلا بىر چاڭ-توزان دانچىسىدىنلا ئىبارەت،شۇڭا ئادەم ئۆلەمدۇ تىرىلەمدۇ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق. بىراق ئادەمگە نىسبەتەن ئېيتقاندا بىر ئادەم بىر دۇنيا بەرپا قىلالايدۇ ئۆزىنىڭ سۆيگەن ئادىمى بولىدۇ،ئۆزىنى سۆيگەن ئادىمى بولىدۇ.شۇڭا ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ ھاياتىنىڭ ئەھمىيىتىنى ئۆزى ئىزدىشى كېرەك.

    16. ياشاشنىڭ ئەھمىيىتى-ئاددى بىر ئادەم بولۇش سۈپىتىڭ بىلەن ھەر كۈنى ھەر سائەتتە قىلىشقا تىگىشلىك ئۇششاق ئىشلىرىڭنى قىل،تۇرمۇشقا ئاكتىپ پوزىتسىيەدە بول،تىرىشىپ يوقۇرى ئۆرلە مانا بۇ –ياشاشنىڭ ئەھمىيىتى.

    17. ياشاشنىڭ ئەھمىيىتى-ئەمىلىيەتتىمۇ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق بىراق ئۆزۈڭ قىزىققان نەرسىگە ئىنتىلىش جەريانىدا ئەھمىيەتلىك بولۇپ كېتىدۇ.

    18. ياشاشنىڭ ئەھمىيىتى-ھەربىر كىچىككىنە ئىشلاردىنمۇ قانائەت ھاسىل قىلغىنىڭدا نامرات بولساڭمۇ ياشاش ئەھمىيەتلىك بىلىنىدۇ،مۇبادا ھەممە ئىشلاردا قانائەت ھاسىل قىلالمىساڭ تاغدەك مال-دۇنيارىڭ بولسىمۇ ياشاش ساڭا مەنىسىز بىلىنىدۇ.

    19. ياشاشنىڭ ئەھمىيىتى-ئادەم بولۇشنىڭ يولىنى تېپىش،باشقىلارغا ياردەم بېرىش،ھاياتنىڭ قىممىتىدىن ھوزۇرلىنىش،كەلگۈسى دۇنيا ئۈچۈن كۈرەش قىلىش.

    20. ياشاشنىڭ ئەھمىيىتى- ئاتا-ئاناڭنىڭ سېنى بېقىپ چوڭ قىلىشىدىكى مەقسىدى نىمە؟ باشقىلار سەن ئۈچۈن ياشاپ بېرەلمەيدۇ.ئاتا-ئاناڭنى ياخشى كۆرگىن ،ئەتراپىڭدىكىلەرنى ياخشى كۆرگىن.مانا بۇ –ياشاشنىڭ ئەھىيىتى. 


    收藏到:Del.icio.us




    ئىشلىتىش:
  • 收藏与分享 بۇ يازمىنى ساقلىۋالىمەن