• 2008-06-27

    دىمۇكىراتىك“ ئىراق-ئۆسمۈر پاھىشىلەر ۋە ئىچكى ئەزا تەمىنلىنىدىغان دۆلەت! - [تەرمىلەر]

    Tag:图片 战争

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/23663649.html

    ئۇنۋېرسال چەتئەل تېلىگراممىسىنىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا،ئامرىكا ئارمىيىسى ئىراقنىڭ ۋەزىيىتىنى خېلى ياخشى تېنچلاندۇردۇق دىگەن بولسىمۇ بىراق ئۇزۇن مەزگىللىك سەرسانلىق بۇ دۆلەتكە ئېغىر ئاپەتلەرنى ئېلىپ كەلدى، بولۇپمۇ قورامىغا يەتمىگەن بالىلارغا تېخىمۇ شۇنداق بولدى.

     بۈگۈنكى خەۋەردە دىيىلىشىچە ئىراقتا ئادەم سېتىش قىلمىشلىرى بەكمۇ ئەۋج ئېلىپ كەتكەن بولۇپ ،نۇرغۇن ئىراقلىقلار تۇرمۇشنىڭ قىستىشى بىلەن بالىلىرىنى سېتىۋاتماقتا.

    يېشى كىچىكرەك بوۋاقلارنى 30مىڭ دوللارغا ساتقىلى بولىدۇ.

    ئىراقنىڭ يەرلىك ئەمەلدارى ۋە خەلقئارا قۇتقۇزۇش ئەزاسىنىڭ دىيىشىچە ئىراق چېگرىسى ئىچىدە ئۆسمۈر بالىلارنىڭ يوقاپ كېتىش دېلولىرى كىشىنى چۆچۈتكۈدەك دەرىجىدە ئېشىپ بارماقتا.ئىراق ئائىلە ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۆمەر گالىف مۇنداق دەيدۇ:ھەر ھەپتىدە ئاز دىگەندە ئىككى ئۆسمۈر ئاتا-ئانىسى تەرىپىدىن سېتىۋېتىلىدۇ، ۋە ئۇندىن باشقا ئۆسمۈرلەر يوقاپ كېتىش دېلوسىدىن 4ى يۈز بېرىدۇ.ئىراق ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ خىزمەتچىسى ھاساننىڭ دىيىشىچە يوقاپ كەتكەن ئۆسمۈرلەرنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلماق ئىنتايىن تەس بولسىمۇ بىراق ھۆكۈمەت ئۆتكەن 9 ئايدا 15 نەپەر ئادەم بىدىكلىرى گۇرۇھىنى تارمار قىلدۇق. بۇ ئادەم بىدىكلىرىنىڭ تاپشۇرىشىچە ئۆسمۈرلەر ئادەتتە 3000دوللارغا سېتىلىدىكەن،يېشى كىچىكرەك بوۋاقلار 30مىڭ دوللارغا سېتىلىدىكەن.

    تەكشۈرۈشكە ئاسالانغاندا ئىراقلىق ئۆسمۈر بالىلارنىڭ كۆپىنچىسى سۇدان،لىۋىيە،سۈرىيە ھەم گوللاندىيە ۋە شىۋىتسىيە قاتارلىق ياۋروپا دۆلەتلىرىگە سېتىلىدىكەن. ئۆمەرنىڭ دىيىشىچە "نۇرغۇن قىيىنچىلىقتا قالغان ئائىلىلەرگە چەتئەللىكلەر بىر تۇتام پۇلنى بېرىپ بىر ئايلىقتىن 5 ئايلىققىچە بولغان بوۋاقلارنى ئېلىپ كېتىدىكەن" ئۇ ئۆسمۈر بالىلارنىڭ سېتىلىپ بارغان يېرىدە جىنسى خورلۇققا ئۇچرىشى ياكى قاراڭغۇ بازاردىكى ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش ئاقىۋىتىگە قېلىشىدىن ئەنسىرەيدىكەن.

    "قىزىنى سېتىۋېتىپ باشقا بالىلىرىنى بېقىش"

    باغدادتا ئولتۇرۇشلۇق ئەبۇ مۇھەممەد ئۆزىنىڭ قىزىدىن ئايرىلىپ قېلىشنى خالىمىغان بولسىمۇ بىراق قىزىنى سېتىش ئارقىلىقلا ئەتىنى ئۆتكۈزگىلى بولىدىغانلىقىنى،پەقەت قىزىنى سېتىۋېتىش ئارقىلىقلا ئاندىن باشقا بالىلىرىنى باقالايدىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ ئايال مۇساپىرلار لاگىرىدا تۇرىدىغان بولۇپ بالىلىرىنىڭ سالامەتلىكى ئىنتايىن ناچار،يېشى ئەڭ كىچىك قىزى فاتىمەنىڭ قان ئازلىق كېسىلى بار كېيىن شىۋېتسىيىلىك بىر جۈپ ئەر خوتۇن بۇ ئايالغا 10مىڭ دوللار بېرىپ ئەمدىلا ئىككى ياشقا كىرگەن فاتىمەنى ئېلىپ كەتكەن. بالىنى ئېلىپ كەتكەندىن كېيىن بۇ ئانىنىڭ ۋىژدانى قاتتىق ئازاپلانغان كېيىن ئۇ پەقەت قىزى فاتىمە ياخشىراق كۈن كۆرسىلا ئۆزىنىڭمۇ بىرقەدەر خاتىرجەم بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

    خالىد زەبورى بولسا 7 بالىنىڭ دادىسى ئۇنىڭ قىزىنى سۇدانلىق بىر ئائىلە بېقىۋالدى،مۇشۇ ئىشتىن كېيىن ئۇ قاتتىق ئازاپلاندى. ئۇ-"قىزىمنى ئېلىپ كېتىپ بىر يىلدىن كېيىن توققانلىرىمدىن 7ياشقا كىرگەن قىزىمنىڭ بېقىۋالغۇچىلار ئۆيىدە مالايلارغا ئوخشاش ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى،دائىم ئۇرۇش،تىل-ھاقارەتكە ئۇچرايدىغانلىقىنى كۆرگەنلىكىنى ئاڭلىدىم"دىگەن.قىزى ئەينى ۋاقىتتا 20مىڭ دوللارغا سېتىلغان. ئۇ غەيرى ھۆكۈمەت تەشكىلىنىڭ ياردەم قىلىپ قىزىنى قايتىدىن "سېتىپ"ئەكىلىپ بېرىشىنى ئۈمىت قىلغان بىراق قىزى ئىراق چېگرىسىدىن چىقىپ كەتكەنلا بولسا غەيرى ھۆكۈمەت تەشكىلىنىڭمۇ ئامالىنىڭ يوقلىقىنى بىلگەن

    ...............

    .تەخمىنەن75مىڭ ئۆسمۈر مۇساپىرلار لاگىرىغا كىرىپ قالغان

     ئىراق ئىچكى ئىشلار

     مىنىستىرلىكى ھەرقايسى ئورۇنلارنىڭ تەكشۈرىشىنى ھەم چېگرا تەكشۈرىشىنى كۈچەيتكەن .ھاساننىڭ دىيىشىچە ئادەم بىدىكلىرى بالىلارنى ئىراق چېگرىسىدىن ئېلىپ چىققۇچە ئۇلارغا تېنچلاندۇرۇش دورىسىنى ئىچۈرۈپ ئۇخلۇتۇپ قويۇپ چاسىغا كەلگەندە "بالىلىرىمىز ئۇخلاپ قالدى" دەيدىكەن،ھازىر ساقچىلىرىمىز بالىلارنى ئويغۇتۇپ گەپ سوراپ ئىشنىڭ راست-يالغانلىقىنى سۈرۈستۈرىدىغان بولدى دىگەن.

    ئىراق ئەمگەك ۋە ئىجتىمائى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باشلىقى مۇھەممەد سەيدنىڭ دىيىشىچە ئىراقتىكى نامراتلىق ۋە ئىشسىزلىق ئاتا-ئانىلارنى مۇشۇنداق قېلىپتىن چىققان ئىشلارنى قىلىشقا مەجبورلىغان دىگەن.بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار فوندى جەمئىيىتى ئىراق مەسلىسى ئالاھىدە ۋەكىلى روج خۇەيتنىڭ دىيىشىچە ئىراق ئۇرۇشى سەۋەپلىك ئىراقلىق بالىلار ئەڭ زور بەدەل تۆلىگۈچىلەر بولۇپ قالغان. بۇ جەمئىيەتنىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە ھازىر 2مىليونغا يېقىن ئىراقلىق ئۆسمۈرلەرنى ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك،كېسەللىك ئاپەتلىرى چىرمىۋالغان،ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن ھەر ئايدا 25مىڭ ئۆسمۈر خورلىنىش ھەركەتلىرى سەۋەپلىك ەركەتلىرى توسالغۇغا ئۇچراۋاتىدۇ.ئۆتكەن يىلى يەنى 2007-يىلى 75مىڭ ئۆسمۈر مۇساپىرلار لاگىرىغا كىرگەن،نەچچە يۈز ئۆسمۈر خورلىنىش سەۋەپلىك ھاياتىدىن ئايرىلغان ياكى يارىلانغان.

     

    مەنبە: http://junshi.daqi.com/bbs/30/2031367.html  图片 战争


    收藏到:Del.icio.us




    ئىشلىتىش:
  • 收藏与分享 بۇ يازمىنى ساقلىۋالىمەن