• 2009-06-27

    Blogbusنى ئىشلىتىش قوللانمىسى تارقىتىلدى، چۈشۈرىۋېلىڭ - [blogبىلىملىرى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/dunyakara-logs/41544074.html

    ئالدىنقى تېمىنى يوللاپ بولۇپ ئەتىسىلا سىرتتا خىزمەتتە بولۇپ قالدىم(دالا خىزمىتى) شۇڭا نەچچە كۈندىن بېرى تورداشلارنىڭ قالدۇرغان ئىنكاسلىرىمۇ جاۋاپسىز قاپتۇ، مانا بۈگۈن قايتىپ كېلىپلا بارلىق ئىنكاسلارغا جاۋاپ بېرىش بىلەن بىرگە  مەزكۇر يازمىغا تۇتۇش قىلىپ ئولتۇرۇپتىمەن.

    بوش ۋاقىتلاردىن پايدىلىنىپ ئاخىرى بۇ قوللانمىنىمۇ پۈتتۈرۈپ قويدۇم، ئۇنىڭ ئىسمىنى Blogbus应用手册 دەپ قويۇپ قويدۇم، دوستلارنىڭ توغرا چۈشىنىشلىرىنى ئۈمىد قىلىمەن. مەزكۇر قوللانما جەمئى 6چوڭ تۈر ،27تارماق تۈر،34ئۇششاق تۈر بولۇپ جەمئى 61 مەزموندا Blogbusنى ئىشلىتىش بىلىملىرى سۆزلەندى. كونا-يېڭى بلوگگىرلارغا ئازراق بولسىمۇ پايدىسى بولا دىگەن ئۈمىدتىمەن.

    تۆۋەندىكى رەسىم تارقىتىلغان Blogbus应用手册نىڭ باش بېتى بولۇپ ، بۇ PDF شەكلىدە ئىشلەندى،

    مەزكۇر ئېلكىتاپنى كۆرۈش قورالى يوق تورداشلارغا ئاسان بولسۇن ئۈچۈن مەن ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان ئىلكىتاپ كۆرۈش دېتالىنىمۇ قوشۇپ يوللاپ قويدۇم. ئۆزى كىچىك بولغان بىلەن قوشۇمچە ئىقتىدارلىرى خېلى تولۇق.

     

    Blogbus应用手册نى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ:

    شەكلى: PDFئېلكىتاپ

    سىغىمى:24.9MB

    چۈشۈرۈش ئورنى:

    PDFئېلكىتاپ كۆرۈش دېتالى

    سىغىمى:3.84MB

    چۈشۈرۈش ئورنى:

    يوقارقى ئىككى قورال بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا بوشلۇقىغا يوللانغان بولۇپ، چۈشۈرۈشتە پەقەت ئىككىلا قەدەم باسىسىز، بىرىنچى قەدەمدە يوقارقى قورال تونۇشتۇرلغان "چۈشۈرۈش ئورنى" دىگەن رەسىمنى چەكسىڭىز ئايرىم بەتتە تۆۋەندىكىدەك بوشلۇق بېتى ئېچىلىدۇ:

    رەسىمدىكى قىزىل رامكىدىكى خەت" ئازراق ساقلاڭ..."دىگەن خەت بولۇپ ئازراق ساقلىسىڭىز ئۇ خەتنىڭ ئورنىغا تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك خەت چىقىدۇ:

    سىز مۇشۇ رەسىمدىكى ئاشۇ خەتنى چەكسىڭىزلا كومپىيوتېرىڭىزغا قورالنى چۈشۈرۈشنى باشلايدۇ.(بۇنداق ئۇششاق چۈشەندۈرۈشىمدىكى سەۋەپ : ئالدىنقى يازمىلاردىكى چۈشۈرۈش دېتاللىرىنى نۇرغۇنلىغان تورداشلار چۈشۈرەلمىدۇق، قانداق چۈشىرىدۇ؟ دەپ سورىغان شۇڭا تەپسىلى ئەسكەرتىپ قويۇشۇم)

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us

    ئىشلىتىش:
  • 收藏与分享 بۇ يازمىنى ساقلىۋالىمەن

    评论

  • دىتالنى بوشلۇققا قايتا يوللاپ قويغان بوسىڭىز بوپتىكەن ۋاقتى ئۈتۈپ كەتكەن ئوخشايدۇ پەقەت چۈشۈرەلمىدىم
  • ناھايتى ياخشى كەنتۇق لىكىن مەن چۈشۈرەلمىدىم شۇنداق تىمۇ رەخمەت سىز گە!!!
  • چۈشۈرەي دىسەم ئۆچۈرىۋىتىلدى دەيدۇ،شۇڭا ماڭا يوللاپ بەرگەن بولسىڭىز خەت ساندۇقۇم
    adil0457@sina.com
  • ياخشىمۇسېز؟مەن بىلوگبوسنى ئىشلىتىش قوللانمىسىنى چۇشۇراي دىگەن ئېدىم . بىراق چۇشۇرالمىدىم .ياردەم قىلىپ ئمكانىيەت بولسا ئەۋەتىپ بەرگەن بولسڭىز رەخمەت.[cusFace:1]
  • ئەسىلامۇ ئەلەيكۇم،مەن بىر يىڭى بلوگ ئۈگۈنىپ بىلوگ ياساشقا كىرىشكەن قىزىققۇچى، بۇقۇللانمىنى مۇۋاپىقىيەتلىك پۈتكۇزگەنلىكىڭىزنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن ،قولېڭىزغا دەت كەلمىسۇن.[cusFace:12]
  • مەن بۇ قوللانمىنى چۈشۈرەلمىدىم مۇمكىن بولساخەت ساندۇقۇمغا ئەۋەتىپ بەرگەن بولساڭلارkanaat@sohu.com
  • مەن ئۇسلۇپ قاچىلاي دىسەم تۆۋەكىدەك خاتالىق ئۇچۇرى چىقىۋالدى.
    该博客不存在
  • قوللانمىڭىز نى چۇشۇرۋالدىم ئەجرىڭىزگە تەشەككۇر !
  • رەھمەت
  • سالام ئەپەندى. مېنىڭ بىلوگىمدىن كىچىككىنە مەسىلە چىقتى ياردەم قىلغان بولسىڭىز...
    چچ:540849166


    [cusFace:0][cusFace:0][cusFace:0]
    dunyakara回复ماشىنا0101说:
    سىزگىمۇ سالام. ئەلۋەتتە ياردەم قىلىمەن، مېنڭنە چچ 1344725191
    2010-09-01 01:11:50
  • ئەمسە ئىككىمىز ئۇچراشقاندا ئېۋەتىپ بېرەسىز. مەنمۇ دائىم تورغا چىقىپ تۇرىمەن.
    dunyakara回复QAWANDAZLAR说:
    بۈگۈن تورغا چىقپماپسىز-يا؟
    2010-08-05 21:57:54
  • 377542809 مۇشۇ چ چ غا يوللاپ بەرسىڭىز. سىزنى ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم.
    dunyakara回复QAWANDAZLAR说:
    قوشۇۋالدىم. بىراق تورغا چىقماي ئات چاپتۇرۇپ نەلەرگىمۇ كەتكەنسىز؟
    2010-08-03 23:01:55
  • مەن چۈشۈرسەممۇ چۈشمىدى. ئاۋارە كۆرمەي ماڭىمۇ ئەۋەتىپ بەرگەن بولسىڭىز. uqawandaz@126.com
    dunyakara回复QAWANDAZLAR说:
    يەنە بىر قېتىم سىناپ بېقىڭ، چوقۇم چۈشىدۇ، چۈنكى ھازىرغىچە 650 قېتىم چۈشۈرۈلۈپ بولدى، ئەگەر زادىلا ئەپلەشمىسە چ چ نومۇرىڭىزنى قالدۇرۇڭ ئېۋەتىپ بېرەي. ئېلخەت ساندۇقىغا "پاتمايدۇ"
    2010-08-03 00:14:58
  • قوللانمىنىڭ مۇۋاپەقىيىتىگە تەبرىكلەر بولسۇن! ، مەنمۇ ئالدىرىماي كۆرۇپ چىقىپ پايدىلىنىمەن. ئەقرىڭىزگە تەشەككۇر !
    dunyakara回复ماتېماتىكا说:
    تەبرىكنامىڭىزگە كۆپ رەھمەت.
    2010-07-16 06:29:00
  • بەك ياخشى بوپتۇ ، قوللايمەن.
    dunyakara回复نوكىيافۇن说:
    قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت. بلوگ ئادرىسىڭىزنى قالدۇرۇپ قويغان بولسىڭىز.
    2010-07-16 06:27:16
  • مەن چۈشۈرەي دىسەم ئۇلىنىش بىتى ئىچىلمىدى، خاپا بولماي qqغا ئەۋەتىپ بەرسىڭىز1450664645
    dunyakara回复gulhan815说:
    مەن ھازىر يەنە سىناپ باقتىم، راستىنلا شۇنداق بولۇۋاپتۇ، ئۇلار مۇلازىمىتېرنى ئوڭشاۋاتقان بولىشى مۇمكىن، ئەتە سىناپ بېقىڭ، ئوڭشىلىپ قېلىشى مۇمكىن.
    چ چ غا چىقماپسىز،
    2010-06-10 22:06:33
  • چۈشۈرۈش دىگەن يەرنى قايتا-قايتا باسقان بولساممۇ مۇنداق بەت يوق دەپ چىقىۋالدى. مەندەك بىلوگدىن خەۋىرى يوقلار ئۈچۈن بىباھا كىتاپ ئىكەندۇق ئىسىت.
    dunyakara回复冒顿单于说:
    مەن ھازىر سىناپ باقتىم، راستىنلا شۇنداق بولۇۋاپتۇ، ئۇلار مۇلازىمىتېرنى ئوڭشاۋاتقان بولىشى مۇمكىن، ئەتە سىناپ بېقىڭ، چوقۇم چۈشىدۇ.
    2010-06-10 01:15:37
  • چۈشۈرگىلى بولمىدى،پەقەت كود ھۆججىتىلا بار ئىكەن
    dunyakara回复gulhan815说:
    چۈشۈرگىلى بولىدۇ. سىز يازمىدا كۆرسىتىلگەن بويىچە مەشغۇلات قىلىڭ، چوقۇم چۈشۇرگىلى بولىدۇ.
    2010-06-09 01:58:02
  • بۇ كىتاب ئۇيغۇرچە تۈزۈلدىمۇ ، ئۇنداقتا بەك ياخشى بولدى. جاپا تارتىپسىز.[cusFace:12]
    dunyakara回复پەچەت说:
    شۇنداق بۇ ئېلكىتاپ ئۇيغۇرچە تۈزۈلدى. دوستلارغا ياردىمى تەگكەن بولسىلا ھاردۇقۇم چىقىدۇ.
    2010-06-08 23:52:20
  • [cusFace:0][cusFace:0][cusFace:0]
  • getfile.aspx ھۆججىتى چۈشتى ، ئۇ قوللانمىنى خاپا بولماي 646028674@qq.com مۇنۇ ئاددىرىسغا ئەۋەتىپ بەرگەن بولسىڭىز ، رەخمەت ئاۋارە قىلدىم ...
    dunyakara回复كامالى说:
    چۈشۈرۈش دىگەن رەسىمنى چەكسىڭىز ئوخشاشلا نورمال چۈشىدۇ.قايتا سىناپ كۆرۈپ بېقىڭ.
    2010-05-25 01:29:39
  • ئىلىخەت ئادرىسىنى خاتا يوللاپ ساپتىمەن دىسە.
    tursunjanyakan@163.com[cusFace:1]
    dunyakara回复ئازغۇن说:
    بۇمۇ كېيىنچە لازىم بولۇپ قالا.
    2009-07-01 10:00:09
  • مەن چۈشۈرەلمىدىم دەپ ئىنكاس يازغۇچىلارنىڭ ئۈچىنچىسى بوپ قالدىم. مىنڭكىگىمۇ تىكىسىت ھۆججىتى چۈشىۋالدى. ئەمدى ئىلخىتىمگە يوللاپ بىرىڭ دىيىشتىن باشقا ئامال قالمىغان ئوخشايدۇ.
    ئلىخەت ئادرىسىم:turdunjanyakan@163.com[cusFace:14]
    dunyakara回复ئازغۇن说:
    ئېلخەت ساندۇقى بۇ سىغىمدىكى ھۆججەتنى يوللىيالمايدۇ، سىزگە qqدا ئېرەتىپ بېرەي.
    QQ:472555008
    2009-07-01 09:59:26
  • دۇنيا قارا ئەپەندىم. مەن بلوگىمغا mp3 بىتىدىن بىرنى قۇرغاندىم ئازراق قىيىنچىلىققا ئۇچراپ قالدىم. شۇنىڭ بىلەن يەنە سىزنى ئاۋارە قىلماي بولمىدى.
    مەن بۇ بەتنى قۇر سىتون شەكلىدە ياسىماقچى ئىدىم. مەسىلەن تۆۋەندىكىدەك.
    ناخشا ئىسمى ئاڭلاش چۈشۈرۈش
    ئانا ئېرجى رەسىمى چۈشۈرۈش رەسىمى
    ئازاپ ئېرجى رەسىمى چۈشۈرۈش رەسىمى
    پۈتۈن بەت مۇشۇ خىل شەكىلدە بولسا بولاتتى. لىكىن بۇ بلوگبۇسنىڭ يازما يزىدىغان يىرىدە بۇنداق تەرتىپلىك چىقىرىشقا مۇمكىن بولمىدى. بۇنىڭغا بىر ئامال تىپىپ بەرگەن بولسىڭىز. بەلكىم يىزىق بىر تەرەپ قىلىش سىستىمىلىرىدا يىزىۋىلىپ ئاندىن چاپلىسا بولۇشى مۇمكىن، لىكىن مەن تورخانىدىن تورغا چىققاچقا بۇنداق ئىمكانىيەت يوق. شۇڭا بلوگبۇسنىڭ يازما يازىدىغان يىرىدىلا ئوڭشىغىلى بولىدىغان ئامال تىپىپ بەرسىڭىز.
    (ئەسلى بلوگىمنىڭ mp3بىتىگە جىقراق ناخشا يوللىماقچى ئىدىم. قۇر، سىتون شەكلىدە تىزسام قالايمىقان چىقىۋالغانلىقى ئۈچۈن ئامال يوق بىر ناخشىلا چىقىرىپ قويۇپ قاراپ ئولتۇردۇم)
    dunyakara回复ئازغۇن说:
    ئازغۇن ئەپەندىم، سىز دىگەندەك قۇر، ئىستونلار بويىچە بەت چىقىرىمەن ، ھەم ئۇنىڭ ئۈستىگە تورخانىدا چىققاچقا بلوگبۇسنىڭ ئۆزىدىنلا مۇشۇنداق ئۈنۈمگە ئېرىشىمەن دىسىڭىز بۇ سىزگە مۈشەققەتلىك بىر ئىش بولۇپ قالغۇدەك، سىزگە تەۋسىيەم شۇكى يەنىلا ئۆزىڭىزنىڭ ئىجادىيەتلىرى بىلەن بلوگىڭىزنى ئاۋۇندۇرسىڭىز،mp3توربەتلىرى بىزگە يېتىپ ئاشقۇچە بارغۇ؟ ئەڭ ياخشىسى زېھنىڭىزنى ئىخادىيەتلىرىڭىزگە سەرپ قىلسىڭىز ئۆزىڭىزمۇ تەرەققى قىلىش بىلەن بىرگە بلوگىڭىزمۇ تەڭ تەرەققى قىلالايدۇ.
    بۇ پەقەت پېقىرنىڭ شەخسى كۆز قارىشى، كۆڭلىڭىزگە ئېغىر كەتمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمەن.
    2009-07-01 00:03:42
  • كەچۈرۈڭ ئەپەندىم :
    بۈگۈن يەنە بىر قانچە قېتىم سىناپ باقتىم ، لىكىن يەنىلا ئوخشاش ، ئىلگىرىكىدەك بىر GetFile.aspx ھۆججىتى چۈشىۋاتىدۇ ، بولسا qq دا ئەۋەتىپ بەرگەن بولسىڭىز ، سىزدىن بەكلا مىننەتدار بولغان بۇلاتتىم ! كۆپ رەھمەت !
    dunyakara回复ئەلقۇت说:
    بۈگۈنگىچە 88 ئادەم قېتىم چۈشۈرۈلدى، سىز چۈشۈرەلمىگەن بولسىڭىز مېنىڭ qq:472555008 بىلەن ئالاقىلىشىڭ، شۇ يەردە ئېۋەتىپ بېرەي.
    2009-06-30 23:55:25
  • مەنمۇ چۈشۈرۈپ كۆرۈپ چىقتىم ،ھەقىقەتەن ئەتراپلىق تەييارلىنىپتۇ ، اللا ئىشلىرىڭىزىزغا تېخىمۇ بەركەت ۋە ئاسانلىق ئاتا قىلغاي !
    يەنە بىرى بىلوگ*سپوت ھەقىقى تۈردە ئېچىلغىچە كۆزنەك بىلوگىدىكى بىلوگ ئادىرسىنى ۋە RSSنى dolkun731.co.ccغا تەڭشەپ قۇيغان بولسىڭىز !
    ئالدىنقى قېتىملىق ماقالىنى قۇيۇپ قويسىڭىز دىگەندىن ۋاز كەچتىم ،ئۇنى يەنە بىر قېتىم تۈزىتىپ قۇياي ئاندىن لايىق تاپسىڭىز بىلوگىڭىزدا تەۋسىيە قىلپ قويسىڭىز !
    dunyakara回复دولقۇن731说:
    دولقۇن ئەپەندىمنىڭ تەبرىكنامىسىگە تەشەككۈر.كۆزنەكتىكى ئادرىسنى مەن ئالماشتۇرۇپ قوياي.
    2009-06-30 00:32:33
  • باشقىلار چۈشۈرگەن ئوخشايدۇ ، لىكىن مەن چۈشۈرسەم بىر GetFile.aspx ھۆججەت چۈشۈپ تۇرىۋالدىغۇ !؟ بۇ قانداق ئىش !؟
    dunyakara回复ئەلقۇت说:
    ھازىرغىچە 72ئادەم قېتىم چۈشۈرۈلدى، سىز چۈشۈرگىلى بولمىدى دەپ ئىنكاس قالدۇرغۇچىلارنىڭ ئىككىنچىسى، قايتا سىناپ بېقىڭ بولمىسا qqدا ئېۋەتىپ بېرەي.
    2009-06-30 00:31:10
  • بۇنى ناھايتى ياخشى تەييارلاپسىز ...[cusFace:8] بۇ يىڭى بلوگگىلار يەنە بىزگە ئوخشاش بلوگ ياساشنى ئۆگىنىۋاتقانلارغا نىسبەتەن تىپىلماس بىباھا گۆھەر بوپ قالغۇسى ...[cusFace:11] ئاللاھ ئىگەم ئەجرىڭىزنى بەرسۇن !
    dunyakara回复بىلىملىكلەر说:
    بىلىملىكلەر بلوگىنىڭ يۈكسەك باھا بەرگەنلىكىگە كۆپ رەھمەت! ئاللاھ ھەممىمىزنىڭ ئەجرىنى يەردە قويمىغاي.
    2009-06-28 18:19:50
  • قوللانمىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك تامالىغانلىقىڭىزنى ۋە تارقاتقانلىڭىزنى تەبرىكلەيمەن. بىزدەك يېڭى بىلوگېرلارغا كۆپ ئەجر قىلىۋاتىسىز، كۆپتىن كۆپ رەھمەت!
    dunyakara回复Arghu说:
    ئارغۇ ئەپەندىمنىڭ تەبرىكنەمىسىگە كۆپ رەھمەت!يېڭى بلوگگىرلارغا پايدىسى بولسىلا مېنىڭ ھاردۇقۇممۇ چىقىدۇ ئەلۋەتتە.
    2009-06-28 18:18:18
  • ئالدى بىلەن دۇنيا قارا ئەپەندىنىڭ ئەھمىيەتلىك خىزمەتنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغانلىقىنى چىن كۆڭلۈمدىن تەبرىكلەيمەن . ھەم دۇنيا قارا بىلوگىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ روناق تېپىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن . ئاللاھ ئىگەم قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن !
    _________________________________________________________
    سىز دېگەن ئۇسۇل بىلەن چۈشۈرگەن ئىدىم . 28 كىلوبايتلىق بىر تېكىست ھوججىتى چۈشتى .ئۇنىڭدا كودلا بار ئىكەن . كىتاب چۈشمىدى چۈشۈرەلمىدىم .
    شۇڭا چۇپەنگە يوللىسىڭىز بوپتىكەن .
    dunyakara回复ئلىم-پېن说:
    ئىلىم-پەن بلوگىنىڭ تەبرىكنامىسىگە كۆپ رەھمەت! ئاللاھ ھەممىمىزگە دەرت بەرمىسۇن!
    مەزكۇر قوللانما ھازىرغىچە 48ئادەم قېتىم چۈشۈرۈلدى، مېنىڭچە يازمىدا كۆرسىتىلگەندەك مەشغۇلات قىلسىڭىز چوقۇم چۈشىدۇ، يەنە بىر قېتىم سىناپ باقامسىز-يە؟....
    2009-06-28 18:16:16
评论分页:共2页 1 2 下一页 最后一页