-
2010-08-12
توردىكى قوڭغۇراقلىق سائەتنى ئىشلىتەمسىز؟ - [لازىملىق تور بەتلەر]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/dunyakara-logs/72655786.html
تۈنۈگۈندىن باشلاپ رامزان كىردى. تورداشلارغا ئەسقىتىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس دىگەن ئۈمىدتە تۆۋەندىكى مەخسۇس ھەقسىز قوڭغۇراقلىق سائەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان توربېكەتلەرنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.
1. E.ggTimer
بۇ ئاساسلىقى ۋاقىتنى تەتۈر ھىساپلاش تور بېكىتى بولۇپ، تەتۈر ھىساپلاش تاماملانغان ھامان ئاگاھلاندۇرۇش سېگنالى ئاڭلىنىدۇ، توربېكەتنى قۇرغۇچىنىڭ كىملىكى ماڭا نامەلۇم بىراق بۇ تور بېكەتتە تەتۈر ھىساپلىنىدىغان ئەڭ ئۈزۈن ۋاقىت چېكى 28يىل ئىكەن.(مەن تەكىتلەپ كېلىۋاتقان يەنە بىر كەسپچانلىق روھى، ئۆگۈنىشىمىزگە ئەرزىيدۇ.)
2. Kukuklok
بۇ بېكەتكە كىرىپ سول تەرەپتىكى ۋاقىتنى توغۇرلاپ بولۇپ ئاستىدىكى SET ALARM دىگەن كۈنۈپكىنى بېسىپ جەزىملەشتۈرسىڭىزلا بولىدۇ، ھە-راست ئوڭ تەرەپتىكى خورازنىڭ رەسىمى بار جاي بولسا قوڭغۇراق ئۈنۈمىنى تاللاش ئورنى بولۇپ جەمئى 5خىل ئۈنۈم بېرىلگەن خالىغاننى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.
3. Alarmcocky
بۇ بېكەتمۇ يوقارقى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش.
بۇ بېكەت قارىماققا سەل مۇرەككەپرەك كۆرىنىدۇ بىراق ئەمىلىي مەشغۇلات ئېلىپ بارىدىغان بولسىڭىز بۇ تېخىمۇ قولايلىق ھەم ئىقتىدارى تولۇق بىلىنىدۇ سىزگە، ئەڭ ئۈستىدىكى بىر قۇردىكى ۋاقت بولسا شۇ يەر ۋاقتىنى كۆرسىتىدۇ، ئاستىدىكى ۋاقىتنى ئۆزىڭىز تەڭشەيسىز تەڭشەشتە پەقەت ئىستىرلكا بەلگىسى بار كۈنۈپكىلار بىلەنلا تەڭشىسىڭىز بولىدۇ، بۇ بېكەتنىڭمۇ 4خىل قوڭغۇراق ئۈنۈمى بېرىلگەن.
بۇ بېكەتتىكى قوڭغۇراقلىق سائەتنىڭ باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان بىر ئالاھىدىلىكى مۇزارت،بېتخوۋىن قاتارلىقلارنىڭ 15خىل مۇزىكىسى قوڭغۇراق ئۈنۈمى قىلىنغاندىن سىرت يەنە كالفورنىيە،ھىندىستان، ئىتالىيە، پولشا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ رادىئوسى توغۇرلانغان بولۇپ سىز تەڭشەپ قويغان ۋاقىتتا رادىئو ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ خىل ئىقتىدارنى سىناپ كۆرسىڭىز بولىدۇ.(كەمچىلىكى رادىئو ئىستانسىلىرى بەك ئاز ئىكەن ئەمەسمۇ)
6. Alarm
بۇ بىر فىلاش ئۈنۈمىدىكى توربېكەت بولۇپ مەشغۇلاتى بىر قەدەر ئاددى.
收藏到:Del.icio.us
ئىشلىتىش:
بۇ يازمىنى ساقلىۋالىمەن
评论