• 2009-01-30

    Blogbusنىڭ config بۆلىكى ھەققىدە چۈشەنچە - [blogبىلىملىرى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/dunyakara-logs/34438121.html

    يېقىندا بلوگبۇس باشقۇرۇش سۇپىسى ئۇسلۇپ بۆلەكلىرىگە يېڭىدىن config دەيدىغان بىر بۆلەكنى قوشۇپ قويدى، شۇنىڭ بىلەن بۇ بۆلەكنىڭ قانداق ئىقتىدارغا ئىگە ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئوچۇق دىيىلمىگەنلىكى ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان بلوگگىرلار بۇ بۆلەككە ئانچە پەرۋامۇ قىلىپ كەتمىدى. چۈنكى ئىختىيارى ئۇسلۇپلارنىڭ كۆپىنچىسىدە بۇ بۆلەك ئاق ھالەتتە قۇرۇق تۇراتتى.

    ئەمىلىيەتتە بۇ بۆلەكنىڭ ئىقتىدارى ئۇسلۇپ ياسىغۇچىلارغا نىسبەتەن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.

    ئەمدى نەق گەپنىڭ ئۆزىنى قىلىپ بۇ بۆلەكنىڭ قانداق ئىقتىدارى بارلىقى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتىمەن. بلوگگىر دوستلارنىڭ بۇ بۆلەكنىڭ مۇشۇنداق ئىقتىدارى بارلىقى ھەققىدە چۈشەنچىگە ئىگە بولۇپ قالسا يېتەرلىك، مۇبادا ئۇسلۇپ ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى ياكى ئۇسلۇپ ياسىغۇچى بلوگگىرلار بولسا بۇ بۆلەكنىڭ ئىقتىدارى توغرىسىدا تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ مۇلاھىزە قىلىپ كۆرسە بولىدۇ.

    Config بۆلىكىنىڭ ئىقتىدارى:- بلوگبۇس ئۇسلۇبىنىڭ بەت يۈزىدە (يەنى زىيارەتچىنىڭ كۆزنىكىدە ئەمىلى كۆرىنىدىغان بەت يۈزى) ئورۇنلاشتۇرۇلىشى ھەم ئەسلى بۆلەكلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىشى(بەت يۈزىدىكى جايلىشىش ئەھۋالى) قاتارلىق پارامىتىرلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

    بلوگبۇس ئۇسلۇبىنىڭ بەت يۈزى ئورۇنلاشتۇرۇلىشى دىگەننى تۆۋەندىكى رەسىم ئارقىلىق تېخىمۇ ئېنىق چۈشەنگىلى بولىدۇ. رەسىمگە قاراڭ:


     

    ھەممىمىزگە مەلۇم indexبۆلىكى بولسا باش بەت يۈزىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىشىنى بەلگىلەيدىغان بۆلەك.

                              Detailبۆلىكى بولسا ئارقا بەتلەردىكى بەت يۈزىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىشىنى بەلگىلەيدىغان بۆلەك.

    ئەمدى بۇ config بۆلىكىدە ئىشلىتىلىدىغان پارامىتىرلار ھەققىدە ئاددى چۈشەنچىگە ئىگە بولىۋالايلى:

    Column : قوشۇمچە ئىستون.

    Potition: قوشۇمچە ئىستوننىڭ ئورنىنى بەلگۈلەش (يوقارقى رەسىمدىكىدەك)

    Accept: قوشۇمچە ئىستوندا قوشۇشقا بولىدىغان بۆلەكلەر

    Recommend: قوشۇمچە ئىستوندا ئەسلى ھالىتىدىكى بۆلەكلەر

    Login: باشقۇرۇش

    Calendar: كالېندار

    Search: ئىزدەش

    Logs: يېڭى يازمىلار

    Comments: يېڭى ئىنكاسلار

    Tags: خەتكۈچ

    Cats: يازما تۈرلىرى

    Archives: ئارخىپ

    Links: دوستانە ئۇلانمىلار

    Profile: ماتېريالىم

    Bloglink: بلوگ ئۇلىنىشلىرى

    Regicon:بوشلۇق ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرى

    Custom: ئىختىيارى HTML1

    Custom2: ئىختىيارىHTML2

    Custom3: ئىختىيارىHTML3

     

    ئەمدى تۆۋەندىكى بىر ئاددى مىسال ئارقىلىق يوقارقى پارامىتىرلارنىڭ config بۆلىكىدىكى ئىقتىدارىنى كۆرۈش ئارقىلىق تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە بولايلى. تۆۋەندىكى رەسىمگە قاراڭ:


    كودنىڭ قالايمىقان بولۇپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن رەسىم شەكىلدە يوللاپ قويدۇم ، دوستلارنىڭ توغرا چۈشىنىشلىرىنى ئۈمىد قىلىمەن.

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us

    ئىشلىتىش:
  • 收藏与分享 بۇ يازمىنى ساقلىۋالىمەن

    评论

  • مەن بىر بىلوگ ئاچماقچى ئىدىم ، سىزنىڭ ياردىمىڭىزگە مۇھتاج بوپ قالدىم . ماڭا بىر ياردەم قۇلڭىڭىزنى سۇنغان بولسىڭىز تور پاراڭلاشقۇڭىز بولسا قېتىۋالسڭىز 1060635696 ، بىر ياردەم قۇلڭىڭىزنى سۇنۋەتسىڭىز
  • ئەسسالامۇئەلەيكۇم، مەن بىلوگۇمغا بىر قانچە ئۇيغۇرچە ئۇسلۇبنى چۈشۈرۈپ سىناپ باقتىم، لىكىن ھەممىسىلا خەت شەكلى نورمال ئەمەس، ياردەم قىلالارسىزمۇ؟
    dunyakara回复hatire说:
    eot ھۆججىتىنى ياسىغانمىدىڭىز؟ ياسىمىغان بولسىڭىز ، بلوگىڭىزنىڭ eotھۆججىتىنى ياساپ بولۇپ ماڭا خەۋەر قىلسىڭىز مەن ئوڭشاپ بەرسەممۇ بولىدۇ،
    ئەگەر بۇ ھۆججەتنى ياساپ بولغان بولسىڭىز مېنى باشقۇرغۇچىلىققا تەكلىپ قىلسىڭىز مەن ئوڭشاپ بېرەي.
    2009-02-21 22:12:15
  • شۇنداق قىلسىڭىز سىزدىن مىننەتدار بولغان بولاتتىم.ئۇنداق بولسا،لازىملىق ئۇچۇرلارنى قىسقا ئۇچۇر قىلىپ يوللاپ بېرەيمۇ؟
    dunyakara回复لوپنۇرى说:
    ئارقا سۇپىدىن مېنى تەكلىپ قىلسىڭىز بولىدۇ. مەن كىرىپ كۆرۈپ باقاي، بولامدۇ؟
    2009-02-19 02:15:14
  • ھۆرمەتلىك دۇنيا قارا ئەپەندى،بلوگىمنىڭ تۈرلەر دېگەن قىسمىنىڭ رەت تەرتىپىنى ئالماشتۇرسام،باش تېمىسىدىكى ئۇيغۇرچە خەتلەر ئۇلىنىپ چىقىۋالدى.ئارقا سۇپىغا كىرسەم نورمال.بىر مەسلىھەت بەرسىڭىز بوپتىكەن.
    dunyakara回复لوپنۇرى说:
    بلوگىڭىزنى كۆردۈم، كودلارغا چىقىلىپ قويغان ئوخشىمامسىز؟ سىز دىگەن "تۈرلەرنى تەرتىپكە تىزىش" ئىشى بىلەن بۇنداق بولۇپ قالمايدۇ. بولمىسا مېنى باشقۇرغۇچىلىققا تەكلىپ قىلسىڭىز مەن كۆرۈپ باقاي، بولامدۇ؟
    2009-02-17 23:27:42