• 2009-02-02

    بلوگبۇسنىڭ مۇلازىمەت بېكەتلىرىدىن قانچىنى بىلىسىز؟ - [blogبىلىملىرى]

    Tag:blogbus

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/34533420.html

    بلوگبۇس سۇپىسى ھەقلىق ۋە ھەقسىز بلوگ تەمىنلەشنى يولغا قويغىلىمۇ 6 يىلدىن ئاشتى.ئۇيغۇرلار بۇ بلوگ بىلەن ئۇچرىشىپ بلوگ يېزىشقا باشلىغىلىمۇ 2يىلدىن ئاشتى.مانا قىسقىغىنە 2 يىل جەريانىدا ئۇيغۇر بلوگلىرىدىن ھازىر ئاز كەم 200گە يېتىدۇ.بىراق ئىزچىل بلوگ يېزىپ يېڭىلاپ مېڭىۋاتقان بلوگگىرلار ساناقلىقلا....
         ئىشىنىمەنكى يىراق بولمىغان كەلگۈسىدىكى تور دۇنياسىدا بۇ بلوگگىرلارنىڭ يازمىلىرىمۇ يېڭىلىنىپ
    قايتىدىن باش كۆتۈرىشى بىلەن تەڭ يەنە نۇرغۇنلىغان يېڭى بلوگگىرلارنىڭ مەيدانغا كېلىشى مۇقەررەر.
        ئەمدى مەقسەتكە كەلسەك،بىز بلوگبۇسنى ئىشلىتىشىمىز بىلەن تەڭ نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەرگە يولۇقۇپ تۇرىمىز ، چۈنكى بۇ خىل مۇلازىمەت سۇپىسى بىلەن بىز ئەمدىلەتىن ئۇچراشقانلىقىمىز ئۈچۈن، ھەرقانداق بىر يېڭى شەيئىنى كۆرۈش ، تونۇشۇش، پىششىق ئىگەللەش ئۈچۈن مەلۇم ۋاقىت ھەم زېھنىمىزنى سەرپ قىلىشقا توغرا كەلگەنگە ئوخشاش.
    بلوگبۇس سۇپىسى مۇشۇنداق مەسىلىلەرنى ئەتراپلىق چۈشىنىشىمىزگە ياردىمى بولسۇن ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان مەخسۇس بلوگلارنى يېزىپ بىزنىڭ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۆزلەشتۈرىۋېلىشىمىز ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلغان.    ئۇنداقتا بۇ مەخسۇس بلوگلار قايسىلار؟ ئۇلاردىن قانچىسىنى سىز بىلىسىز ؟


    ئەمىسە دىققىتىڭىز تۆۋەندىكى بلوگبۇسنىڭ مەخسۇس مۇلازىمەت بلوگلىرىدا بولسۇن:
    http://bangzhuzhongxin.blogbus.com/
    بلوگ ئىسمىدىنلا كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى بۇ مەخسۇس ياردەم مۇلازىمەت مەركىزى، بۇ بلوگقا كىرىپ سىز يولۇققان نۇرغۇنلىغان
    مەسىلىلەرگە جاۋاپ تاپالايسىز.
    http://blogbus.blogbus.com/
    بۇ بلوگدا مەخسۇس بلوگبۇسنىڭ ئېلانلىرىنى بېرىدۇ، مەسىلەن قانداق يېڭى ئۇسلۇپ ياسالدى، قانداق يېڭى ئىقتىدارلار قوشۇلدى، دىگەن يېڭىلىقلار مۇشۇ بلوگقا يېزىلىپ ماڭىدۇ.
    http://news.blogbus.com/
    بۇ بلوگ مەخسۇس تاراتقۇلار خەۋىرىنى يازىدىغان بلوگ بولۇپ ، بۇ بلوگدىكى يازمىلار ئارقىلىق سىز بلوگبۇس شېركىتىنىڭ خىزمەت ،پائالىيەت
    ئەھۋاللىرى بىلەن تونۇشۇپ تۇرالايسىز.
    http://tuijian.blogbus.com/
    بۇ بلوگ مەخسۇس مۇنەۋۋەر بلوگلارنى تەۋسىيە قىلىدىغان بلوگ بولۇپ ، بۇنىڭدا مۇنەۋۋەر بلوگلار يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ، قوشۇلۇپ تۇرىدۇ، بۇ بلوگ ئارقىلىق
    سىز ھازىرقى بلوگچىلىق تەرەققىياتىنىڭ يۈزلىنىشىنى توغرا مۆلچەرلەپ تۇرالايسىز.
    http://bbs.blogbus.com/
    بلوگبۇس مۇنبىرى، بۇ بلوگقا كىرىپ سىز يولۇققان مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويالايسىز، بىلگەنلەردىن جاۋاپ ئالالايسىز. بۇ ئارقىلىق باشقا بلوگگىرلار بىلەن تەجرىبە ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ.
    ئۇندىن باشقا دوستلىشىش سەھىپىسى بار ، ئۇندىن باشقا يەنە بلوگبۇس سۇپىسىغا قانداق تەكلىپ-پىكىرلىرىڭىز بولسا ئوتتۇرىغا قويسىڭىز بلوگبۇس باشقۇرغۇچىلىرى سىزگە لايىقىدا جاۋاپ بېرىدۇ.
    http://www.blogbus.com/vip/
    ئەزالىقىغا ئىلتىماس قىلماقچى بولسىڭىز مۇشۇ بلوگقا كىرىپ ئىلتىماس قىلىسىز، ئۇندىن باشقا بۇ بلوگدا ھەقلىق بلوگ مۇلازىمىتىنىڭ vip
    بەھرىمەن بولىدىغان تۈرلىرى ھەققىدە چۈشەنچىگە ئىگە بولالايسىز.
    http://banjia.blogbus.com/
    بۇ بلوگ بلوگبۇسنىڭ بلوگ يۆتكەش مۇلازىمىتى بلوگى بولۇپ بۇنىڭدا باشقا سۇپىدىكى بلوگنى بلوگبۇسقا يۆتكەشنىڭ قەدەم-باسقۇچلىرى
    تەپسىلى تونۇشتۇرۇلغان.
    http://www.blogbus.com/skin/
    بلوگبۇس سۇپىسى ھەقسىز تەمىنلىگەن بارلىق يېڭى ئۇسلۇپلارنى مۇشۇ بلوگدىن كۆرەلەيسىز، ھەم تاللاپ ئىشلىتەلەيسىز.
    http://app.home.blogbus.com/shop/
    بلوگبۇس تور ماگىزىنى، توردىن نەرسە سېتىۋالىدىغانلارغا يېڭىدىن يولغا قويغان مۇلازىمەت.
    http://www.blogbus.com/about/about.html
    بلوگبۇس شېركىتىنىڭ ئەھۋالى، سۇپىسىنىڭ ۋەدىسى، نىشانى ۋە قىبلىنامىسى ۋە شۇنىڭدەك تۈزۈملىرى تونۇشتۇرۇلغان.
    http://blogbusteam.blogbus.com/
    بلوگبۇسنىڭ ئەزالىرى كوللىكتىپ ئۆتكۈزگەن پائالىيەتلەر خاتىرلىنىدۇ.
    http://www.blogbus.com/about/jobs/
    بلوگبۇس شېركىتىنىڭ خىزمەتچى قوبۇل قىلىش توغرىسىدىكى مەخسۇس بلوگى.
    http://www.blogbus.com/about/contact.html
    بلوگبۇسنىڭ ئالاقىلىشىش ئادرىسلىرى بلوگى.
    http://www.blogbus.com/about/partners.html
    بلوگبۇسنىڭ مۇلازىمەت سۇپىلىرى ۋە بلوگبۇس بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقان تور شېركەتلىرى.
    http://m.blogbus.com/
    بلوگبۇسنىڭ توردا پۇل تېپىش مەخسۇس قانال بلوگلىرىنى تونۇشتۇرىدىغان بلوگ.
    http://shipin.blogbus.com/
    بلوگ بېزەش كودلىرى، ئۈنۈم قوشۇش كودلىرى، بلوگ قاش رەسىملىرى ۋە بلوگ ئۇسلۇپلىرىنى ھەقسىز تەمىنلەيدىغان بلوگ.
    بۇندىن باشقا يەنە قانداق مۇلازىمەت بلوگلىرى بار، چۈشۈپ قالغان بلوگلار بولسا تورداشلارنىڭ ئىنكاس قالدۇرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ ئارقىلىق بلوگبۇسنىڭ مۇلازىمەتلىرىدىن ئورتاق، ئۈنۈملۈك پايدىلانساق تېخىمۇ ياخشى بولاتتى.


    收藏到:Del.icio.us




    ئىشلىتىش:
  • 收藏与分享 بۇ يازمىنى ساقلىۋالىمەن

    评论

  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، دۇنياقارا ئەپەندىم ، قانداق ئەھۋالىڭىز ، ياخشى تۇرىۋاتامسىز ؟!! بۇ تىمىنى يوللاپ ناھايىتى ياخشى قىپسىز ، بىلمىگەنلەر بىلىۋالىدۇ ، بىلگەنلەر يەنە يوللايدۇ ، شۇنداق قىلىپ ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ كۆپ نەرسىلەرنى بىلىۋالىدىكەنمىز ... رەھمەت !
    dunyakara回复شادلىق说:
    ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام شادلىق ئەپەندىم، ئۆزىڭىزمۇ شاد تۇرىۋاتامسىز؟مەنمۇ دەل سىز دىگەندەك ئويلاپ بۇ يازمىنى يوللاپ قويغان ئىدىم.ھەممىمىز بىلگىنىمىزنى بىر-بىرىمىزگە خەۋەرلەندۈرۈپ تۇرساق ئورتاق تەرەققى قىلغىلى بولىدۇ.
    2009-02-04 10:12:09
  • مىنىڭچىمۇ بىلوگبۇسنىڭ ھەقلىق مۇلازىمىتىدىن پايدىلىنىشنىڭ ئانچە زۆرۈريىتى يوقمىكىن دەيمەن . ھازىرقى ھەقسىز 10 مىگابايىت بوشلىقىمۇ ھەر ھالدا بوپ قالىدۇ .بۇنىڭ ئەپسىز يىرى بىلوگىڭىزغا بىرلا ۋاقىتتا 40 ~ 50 ئادەم زىيارەت قىلىپ قالسا ئىچىلىش سۈرئىتى بىر ئاز ئاستىلايدىكەن .ئەمما بۇنىڭمۇ ئامالى باركەن .ئەگەر بىلوگىڭىزدىكى يىشىل رەڭلىك بىلوگ ئىلتىماس قىلىش ئورنىدىن پەقەت 5 نەپەر ئادەملا بىلوگ ئىلتىماس قىلسا ،سىزنىڭ بىلوگ بوشلۇقىڭىزغا 50 مىگابايىت بوشلۇق قوشۇلۇپ ،بىلوگىڭىزنى بىرلا ۋاقىتتا 150 ~ 200 گە يىقىن ئادەم زىيارەت قىلسىمۇ ئىچىلىش سۈرئىتى يەنىلا نۇرمال ھالەتتە بولىدىكەن .
    dunyakara回复ھىكمەت说:
    بلوگىڭىزنىڭ ئېچىلىش سۈرئىتىنىڭ ئاستا بولىشى بلوگىڭىزنىڭ ھەقسىز بوشلۇقىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ۋە ياكى بىرلا ۋاقىتتا 40-50 ئادەمنىڭ تەك زىيارەت قىلىشى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق ئەپەندىم. ئۇدۇللا دەپ سالغىنىمنى كەچۈرۈڭ.
    2009-02-04 10:09:48
  • http://news.ifeng.com/mainland/200902/0201_17_989492.shtml
    ماۋۇ ئادرىستا بلوگبۇس توغرىلىق بىر شۇم خەۋەر باركەن، كۆردىڭىزمۇ؟ يۇقۇرى دەرىجىلىك ئورۇنلار <<چاكىنا ۋە سېرىق مەزمۇنلارنى ۋاقتىدا تازىلىمىسا Blogbus نى تاقايمىز>> دەپتۇ. Blogbus مۇ توختاپ قالارمۇ ئەمدى؟
    dunyakara回复تارىم说:
    سىزمۇ كۆرۈپسىزدە تارىم ئەپەندىم. خەنزۇلار ئىچىدىكى ئاز بىر قىسىم كىشىلەر سېرىق مەزموندىكى رەسىملەرنى يوللايدىغان بلوگ ۋە ياكى مەخسۇس جىنسىيەت توغرىسىدىكى بلوگلارنى قۇرىۋاتىدۇ ، مەن ئۆتكەندە بىر قانچىنى كۆرۈپ قالغان ئىدىم، ئۇلارنىڭ چېكىلىش مىقدارىمۇ پەۋقۇللاددە يوقۇرى. بلوگبۇس شېركىتىنىڭ بۇنداق بلوگلارنى كۆرمەسلىكى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. مېنىڭ چۈشىنىشىمدە ئۇلار بىر كۆزىنى قىسىپ قۇلاقنى يوپۇرۇپ بىر كۈن ئۆتسە بىر كۈنگە ھىساپ دەپ يۈرىۋاتامدىكىن دەيمەن. چۈنكى ئۇلارمۇ ئوخشاشلا پۇل تور ۋاستىسىدىن پايدىلىنىپ پۇل تاپىدىغان شېركەت بولغانلىقى ئۈچۈن چەكلىمىنى بەك يوقۇرى قويۇۋالساق خېرىدارلار قېچىپ كېتىشى مۇمكىن دەپ بىلمەسكە سېلىپ يۈرگەن بولىشى مۇمكىن.
    مانا ئەمدى سىز دىگەندەك ئوچۇق ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپتۇ، ئەمدى ئۇلارمۇ سەگەك بولۇپ بۇنداق بلوگلارغا قارىتا تەدبىر قوللىنىشى مۇمكىن.
    ئەمدى گېپىمىزگە كەلسەك تارىم ئەپەندىم، ھازىرقى تور دۇنياسىدا نىمە يوق دەيسىز؟ ھەممىنى تەپقىلى بولىدۇ، شۇڭا بلوگبۇس سۇپىسى ئۇنداق ئاسان تاقىلىپ كەتمەيدۇ.خاتىرجەم بولۇڭ.
    شۇنداقتىمۇ ھەر ئېھتىمالغا قارشى بلوگىڭىزنى قەرەللىك زاپاسلاپ تۇرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.
    2009-02-03 03:30:06
  • ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم!
    تەشەككۈر !
    مەن بەزىلىرىنى بىلمەيدىكەنمەن. ئەمدى بىلىۋالدىم.[cusFace:6]
    dunyakara回复ئۆتمۈش说:
    بلوگگىرلار ھەممىمىز بىلىشكە تېگىشلىك مۇلازىمەت بلوگلىرى، سىزگە چوقۇم پايدىسى تېگىپ قالىدۇ ئۆتمۈش ئەپەندىم، ھە راست يوقاپلا كەتتىڭىزغۇ؟ تېنچلىقتۇ-ھە؟
    2009-02-03 03:19:22
  • دۇنيا قارا ئەپەندىم،مەن سىزنىڭ بىلوگىڭىزغا دائىم كىرىمەن،بلوگىڭىزدىكى ئېسىل رەسىملەر،نادىر مەزمۇنلار مېنى بەك جەلىپ قىلىدۇ،مەنمۇ بىلوگىمنىڭ بوشلۇقىنى چوڭايتاي دېگەن. سىزنىڭ بۇ ماقالىڭىزنى كۆرگەندىن كىيىن،ھەقلىق ئەزا مۇلازىمىتى دېگەن يەرگە كىرىپ كۆرۈپ باقتىم.ھەق ئېلىش ئۆلچىمىغۇ مۇۋاپىقكەن.لىكىن بۇلار ئىشەنچىلىكمىدۇ دەپ ئىككىلىنىپ قالدىم. ئېغىر كۆرمەي ماڭا بىر مەسلىھەت بەرسىڭىز بوپتىكەن. مومكىن بولسا پۇل تۆلەشنىڭ يوللىرى ھەققىدىمۇ ئازراق بىر نەرسە دەپ بەرسىڭىز تېخىمۇ خۇش بولار ئىدىم. سىزنى ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم.
    dunyakara回复لوپنۇرى说:
    ياخشىمۇسىز لوپنۇرى ئەپەندىم، سىز دىگەن مەسىلىدە مېنىڭچە نۆۋەتتە بلوگبۇسقا ئەزا بولۇشنىڭ يەنى ھەقلىق مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولۇشنىڭ بىردىن-بىر ئەۋزەللىكى سىز بلوگىڭىزنى مۇستەقىل تور نامىدا باغلىيالايسىز، ھازىرچە مۇشۇنداق، باشقا مۇلازىمەتلىرى بولسا ئۆزىڭىزمۇ بىلگەنسىز تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق مۇلازىمەتلەردۇر، شۇڭا مېنىڭچە بولسا مەسلىھەتىم شۇكى يەنىلا مۇشۇ ھەقسىز بلوگنى ئىشلىتىڭ . ئەگەر ئەزا بولىمەن ، كۆرۈپ باقاي دىسىڭىز ئۇنىڭدىمۇ ئىختىيارىڭىز.
    ئەزا بولماقچى بولسىڭىز يوقارقى توربەتكە كىرىپ ئىلتىماس قىلىسىز، قانچە يىللىق ئەزا بولىسىز دىگەندەك مەزمونلارنى ئالاقىلىشىش ئادرىسىڭىزنى تولدۇرۇرپ ئېۋەتىسىز، ئاندىن ئۇلار ئىلتىماسىڭىزنى تەستىقلىغانلىق ئۇقتۇرۇشىنى سىزگە ئېۋەتىش بىلەن بىرگە سىزنىڭ پۇل تاپشۇرۇشتىكى ئۇسۇللىرىڭىزنى دەپ بېرىدۇ، بۇنىڭدا پوچتىدىن ۋە مەملىكەت ئىچىدىكى 19 خىل بانكىدىن پۇل ئېۋەتكىلى بولىدۇ. ئۇلار پۇلنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن سىزگە ھەقلىق مۇلازىمىتىنى مۇددەت توشقۇچە بولغان ئارلىقتا ئېچىپ بېرىدۇ.
    2009-02-03 03:17:45